«110»دىن ياردەم تەلەپ قىلىش دائىرسى
يوللانغان ۋاقتى: 02:18 15-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
«110»دىن ياردەم تەلەپ قىلىش دائىرسى:
ئىختىساتنىڭ كۈندىن كۈنىگە تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ پۇخرالارنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىكى ئىھتىياجى ماس ھالدا تەرەققى قىلماقتا ،پۇخرالار تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى سىرتلاردا بولسۇن قانۇن ئارقىلىق ئۆزنى قوغداشنى بىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ دۇچ كەلگەن ئىشىغا ياردەم قىلىشنى بىلىشى كىرەك،مەن تورداشلارغا «110»نىڭ خىزمەت دائىرسىنى چۇشەندۇرۇپ تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولسۇن ئۈچۇن بۇ تىمىنى يوللىدىم يولداشلارنىڭ مۇۋاپىق پايدىلنىشىنى سورايمەن.
«110» تۆۋەندىكى جەھەتتە پۇخرالارنىڭ ياردەم تەلىۋىنى چۇقۇم قوبۇل قىلىدۇ.
1.سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش،بىنادىن يېقىلىپ چۇشۇش،ئۆزىنى ئۆلتۇرۋېلىش قاتارلىق ج خ ئورگانلىرى جىددى قۇتقۇزۇشقا تىگىشلىك بولغان ئەھۋاللار؛
2.ياشانغانلا،بالىلارۋە ئەقلى ئىقتىدارى كەمتۇكلەر،روھى كېسەللەر قاتارلىق كىشىلەر ئېزىپ قېلىپ،ج خ ئورگانلىرى مەلۇم دائىرىدە ئىزدەشكە ياردەم بېرىشكە تېگىشلىلك بولغان ئەھۋاللار؛
3.ئاۋام خەتەرگە يولۇققاندا، باش-پاناھسىز قېلىپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئەھۋاللاردىن جىددى قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلەر؛
4.سۇ،توك،گاز،پار قاتارلىق ئامىمىۋى ئەسلىھەلەردىن خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلۇپ،كىشىلەرنىڭ جىسماني بىخەتەلىگى ياكى مال-مۇلۇك بىخەتەرلىگى ۋە خىزمەت،ئۈگۇنۇش،تۇرمۇش تەرتىپى خەۋىپكە ئۇچىراپ،ج خ ئورگانلىرى ئالدىن جىددى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛
5.ج خ ئورگانلىرى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئۇندىن باشقا جىددى ياردەم تەلەپ قىلغان ئىشلار.
«110»نىڭ ئەرىز-شىكايەت قۇبۇل قىلىش دائىرىسى:
ج خ ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلىق ساقچىلىرى سادىرقىلغان «جۇڭخۇ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلىق ساقچى قانۇنى»،«ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچى تەپتىش نىزامى»قاتارلىق قانۇن،قانۇن-نىزام ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ تۇرلۇك ئىنتىزام بەلگۇلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىنى يۇرگۇزمەسلىك،قانۇندا بەلگۇلەنگەن مەسئۇلىيتنى ئاداقىلماسلىق،تۇرلۇك قانۇن ئىجرا قىلىش،مۇلازىمەت قىلىش،تەشكىللەش،باشقۇرۇش تۇزۇملىرىگە ۋە كەسپى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشتەك تۈرلۈك قىلمىشلار.
«مەنبە قانۇنغا ئائىت ماتىرياللار»
|
------分隔线----------------------------