نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

پىنسىگە چىققانلارنىڭ ئىسىنىش پۇلى

يوللانغان ۋاقتى: 04:53 07-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
پىنسىگە چىققان خادىملارنىڭ ئىسىنىش پۇلىغا دائىر سىياسەتلەر

     1  - ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ [2010] 167- نۇمۇرلۇق ھۆجىتى « ئاپتۇنۇم رايۇن شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئارام ئېلىشقا ۋە پىنسىيگە چىققان خادىملارنىڭ قىش پەسىلىدىكى ئىسىنىش تۇلۇقلىمىسىنى يولغا قۇيۇش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئارام ئېلىشقا ۋە پىنسىيگە چىققان خادىملارغا، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 120 يۇەن ئۆلچەم بويىچە ئىسسىنىش پۇلى بېرىلىدۇ. ئىجىتمائى سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارغا، ئاساسىي كۈتۈنۈش بىر تۇتاش فوندىدىن بېرىلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان  ئارام ئېلىشقا ۋە پىنسىيگە چىققان خادىملارغا ئەسلىي مەبلەغ يۇلى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ ( يەنى ئەسلىي ئىدارىسى تارقىتىدۇ).

   2- ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتىنىڭ [2010] 143- نۇمۇرلۇق « ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ [2010] 167، 168،169،نۇمۇرلۇق ئۈچ ھۆججەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەزى سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» دا ، تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمە بار:  كارخانا ئەسلىدىن تارقىتىپ كىلىۋاتقان  ئىسىنىش پۇلىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى، تارقىتىش ئۆلچىمى، تارقىتىش يولى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىتى، كارخانا پىرىنسىپ جەھەتتىن پىنسىگە ئارام ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ ئىسسىنىش پۇلىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئۆتمۈشتىن قالغان ، بويتاق،ئايرىلىپ تۇردىغان كارخانىدىن پىنسىيىگە ئارام ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ [2010] 167- نۇمۇرلۇق ھۆجىتى بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ئىسىسنىش پۇل تۇلۇقلىمىسى، تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ئىسىسىنىش پۇلىغا يەتمىسە ( ئاپتۇنۇم رايۇن بەلگىلىگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئۆلچىمى، ئىسسىنىش پۇل ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھىسابلىنىدۇ)، يەتمىگەن قىسمىنى تۆۋەندىكى يوللاربىلەن ھەل قىلىنىدۇ:
1› شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، ئۆتمۈشتىن قالغان ، يېسىر ( ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى)، بويتاق،ئايرىلىپ تۇردىغان كارخانىدىن پىنسىيىگە ئارام ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ ئىسسىنىش پۇلىنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى كارخانا تۇلۇقلاپ بېرىدۇ.
2› شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، ئۆتمۈشتىن قالغان ،يېسىر ،ئايرىلىپ تۇردىغان كارخانىدىن پىنسىيىگە ئارام ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ ئىسسىنىش پۇلىنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى جۆرىسىنىڭ ئەسلىي ئىدارىسى تۇلۇقلاپ بېىرىدۇ.
3› شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان، تۈزۈم ئۆزگەرتكەن ۋە ۋەيران بولغان دۆلەت كارخانلىرىدىكى بويتاق، ئايرىلىپ تۇردىغان خادىملارنىڭ ئىسسىنىش پۇلىنى ئەسلىدىكى مەبلەغ يول بىلەن ھەل قىلىنىدۇ، يەتمىگەن قىسىمىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيىدىن تۇلۇقلاپ بېرىدۇ.
4› ئاپتۇنۇم رايۇن، مەركەزگە قاراشلىق يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋەيران بولغان، تاقىۋىتىلگەن  ۋە ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ باشقۇرشىغا تاپشۇرۇلغان كارخانلارنىڭ ئۆتمۈشتىن قالغان ،يېسىر ،ئايرىلىپ تۇردىغان خادىملارنىڭ ئىسسىنىش پۇلىنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيەدىن تۇلۇقلاپ بېرىدۇ.
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر