نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

‹‹مەمۇ رى دەۋا قانۇنى ››دىن سۇئال-جاۋابلار

يوللانغان ۋاقتى: 22:00 29-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى تور ئاپتورى: قىزىل ياپراق كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

 بىرىنجى سۇئال مەمۇرىي تالاش-تارتىش دېگەن نىمە ؟

دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانىلرى ھەم ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خىزمەت ھوقوقىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان مەمۇرىي قانۇنىي مۇناسىۋەت سۇبىيكتىلىرى ئوتتۇرۇسىدىكى تالاش-تارتىشنى كۆرسىتىدۇ.    

 ئىككىنجى سۇئال مەمۇرىي دەۋا دېگەن نىمە؟

مەمۇرىي دەۋا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورگان خادىىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەركىتى قانۇنىي ھوقوق مەنپەئىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلىدى دەپ قارىسا، <<مەمۇرىي دەۋا قانۇنى>>دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش ھەم خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنجى سۇئال: مەمۇرىي دەۋا قانۇنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

مەمۇرىي دەۋا تۆۋەنكىدىكى ئالاھىكىلىكلەرگە ئىگە.

(1) مەمۇرىي دەۋادىكى دەۋاگەر- پۇقرا، قانۇنى ئىگە، ياكى باشقا تەشكىلات بولۇشى لازىم. بۇ يەردە ئېيتلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكىرىت ھەركىتىگە ئالاقىدار تەرپىنى كۆرسىتىدۇ؛

(2) مەمۇرىي دەۋادىكى جاۋابكار مەمۇرىي ئورگان بولۇشى لازىم؛

(3) مەمۇرىي دەۋا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەركىتى قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلىدى، دەپ قارىغان بولۇشى لازىم؛

(4) مەمۇرىي دەۋا خەلق سوت مەھكىمىسىگە قىلىنىشى لازىم؛

(5) مەمۇرىي دەۋا << مەمۇرىي دەۋا قانۇنى>> دىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم، يەنى مەمۇرىي <<دەۋا مەمۇرىي دەۋا قانۇنى>>دىكى دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە ئۇيغۇن بۇلۇشى لازىم.

 


 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر