نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

روھنى ساغلاملاشتۇرۇش - ئابدىشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

يوللانغان ۋاقتى: 00:44 30-06-2011 مەنبە: ئۇچقۇن تورخاتىرىس ئاپتورى: ئابدىشۈكۈر م كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاپتورى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەسەتخورلۇق - مىللەتنى خارابلاشتۇردىغان خەتەرلىك ئىللەت

روﻫنى ساغلاملاشتۇرۇش - مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى

ئابدىشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن


ﻫەسەتخورلۇق - مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىللەت
نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۈسۈپ چىققان ،ئۇلار :قارا نىيەت ،ساختا شۆﻫرەت ۋە ﻫاكاۋۇرلۇق.

__ شۇپىنخائوئېر


نادانلىقنىڭ مەرىپەتكە زىتلىقى ﻫەممىگە ئايان .نادانلىقنىڭ ئىككى خىل تارىخىي شەكلى مەۋجۇت :بۇنىڭ بىرى،مەرىپەت ( سىۋىلىزاتسىيە) تىن ئىلگىرىكى نادانلىق ( ۋارۋارلىق ) ،ئىپتىدائىي ئىنسان گۇروﻫىدىكى نادانلىق ۋە قىپيالىڭاچ نادانلىق . بۇنىڭ ئىككىنچىسى ،بېكىنمە ﻫالەتتىكى جەمئىيەت چەمبىرىكىدىكى نادانلىق ،ساختا شۆﻫرەت بىلەن كىيىندۇرۇلگەن نادانلىق ،ﻫەسەتخورلۇق ۋەسۋەسىسى بىلەن تولغان نادانلىق .
ئەقىلنى رەت قىلىش ( ئېراتسىئوناللىق ) بۇ ئىككى خىل نادانلىقنىڭ تۈپ خۇسۇسىيتى .ۋەﻫالەنكى ،ئەقىل ،پەقەتلا ئەقىل ئىنساننىڭ غەيرى ﻫايۋانىي ئەۋزەللىكى ۋە ئىنسانىي تاكامۇللىشىش مۇمكىنلىكىنى تەشكىل قىلغان .ئەقىلنى رەت قىلغان ،نادانلىققا چۆكۈپ كېتىۋەرگەن مىللەتنىڭ ئارقىدا قېلىش،پارچىلىنىش ،تۇزۇپ كېتىشتىن ئىبارەت << ﻫالاكەت ترىلوگىيسى >> نىڭ ﻫەر بىر باسقۇچىغا ﻫەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت روﻫىي كېسەللىك سىڭگەن .
ﻫەسەتخورلۇقنىڭ بىز تۇنۇپ يەتكەن << كۆرۈنۈش >> لىرى مۇنداق :
بىرىنچى ،قارانىيەتلىك ۋە قۇلى يەتمەسلىك __ ﻫەسەتخورلۇقنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت .ئومۇمەن ،بىلىمىنى پەزىلەت كۇرىسى ۋە كامالەت كۇرىسىغا يەتكۈزمىگەن ئاتالمىش << ئۆلىما - زىيالى >> لار ئۆز مىللىتىدىن ﻫەقىقى تەپەككۇر ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چىقىشىنى كۆرەلمەيدۇ .
ئابدۇقادىر بېدىل ﻫەسەتخورلۇقنىڭ قارانىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى مۇنداق سۆككەن :

دىلى ﻫەسەتكە تولغان ئىچى قارا،
دائىم پاك ئادەمگە چاپلايدۇ يالا .
تۇرۇسقا ئېسىپ كۆر ئاپئاق پاختىنى ،
جىمى ئىس چاپلىشار شۇ ئاق پاختىغا.

.
سەئىدى شىرازى ﻫەسەتخورلۇقتىكى قارانىيەتنىڭ قولى قىسقا ،تىرىشماس ،قابىليەتسىز ،نامەرت ئادەملەر قەلبىگە خاس ئالاﻫىدىلىكلىرىنى مۇناق پاش قىلغان :

قولى قىسقا ﻫەسەتخور قىلار غەيۋەت ،يوق ئامال ،
ئەگەر ئۇدۇل يۇلۇقساڭ بولۇر تىلى كالۋا - لال .

ﻫەم قۇلى قىسقا - ناقابىل ،ﻫەم قارانىيەت - غەيۋەتخور بۇلۇش بىر خىل زىدىيەتچان روﻫىي كېسەللىك بولۇپ ،ئىبلىس تەسۋىرىگە ئوخشايدۇ .ناقابىل بولغان ئىكەن قابىل بۇلۇشقا تىرىشىشى ،قابىل بۇلالمىسا ،قابىللارنى قوللىشى لازىم بولغان نۇرمال روﻫىي ﻫالەتنىڭ زىدىيەتچان روﻫىي كېسەللىكىكە ئايلانغانلىقىنى ﻫەسەتخور قەلبنىڭ ئىبلىسلىقى ئەمەسمۇ ؟
ئىككىنجى ،ئۆزگىنى كەسلەپ ،ئۆز شېخىنى كۆتۈرۈش ﻫەسەتخورلۇقنىڭ مۇﻫىم ئالامىتىدىن ئىبارەت .مىللەتنىڭ نادان ﻫەسەتخورلىرى دۇنيادا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولغانلىقى،قانداق كىتاپلارنىڭ يېزىلغانلىقى ،قانداق كەشپىياتلارنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى بىلەن كارى بولماي ،ئۆز مىللىتىدە بىر يېڭىلىق باش كۈتۈرسىلا << يۈرىكى يارا ،يۈزى قارا >> بۇلۇپ كېتىشىدۇ .
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ << باردۇر >> ناملىق غەزىلىدە مىللىتىمىزدىكى بۇ ئىللەتنى مۇنداق سۆككەن :

تەئاۋۇنۇ- تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت ،
يېڭى باشنى كۈتەرگەننى ئۇرۇپ يېقىتقانىمىز باردۇر .

قىزىل كۆزلۈك ،كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق ،
قىلاي دەپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوﻫتانىمىز باردۇر.


ﻫەسەتخورلۇقنىڭ شۇنداق بىر تىپى باركى ،ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچىرىغان بەخىتسىزلىكنى << ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپ >> ( بىلىنىسكىي ) دەپ بىلىپ ،ئۇنىڭدىن ئەقلىي ۋە ۋىجدانىي خۇلاسە چىقارماستىن ،<< سۇنغان ئاقسۇڭەكلەر>> چە ئەسەبىي قىساسكارلىق پىسخىك كېسەللىگى بىلەن ئالدىن كەتكەنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ،ئورۇسىنى كولاپ ،شېخىنى كېسىپ ،ئاسان يول بىلەن << قەﻫرىمان >> لىق مۇنبىرىگە چىقىشنى قەسىتلەيدۇ .بۇنداق كىشىلەرنىڭ ﻫەسەتخورلۇقى ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان تەرسالىق بىلەن تەنﻬا ياكى تۈركۈم بۇيچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .بۇنى << قىساسكارلارچە ﻫەسەتخورلۇق >> دىگەن نام ئاستىدا ئەيىبلەش لازىم .كامالىدىن بىنايى :

ﻫەسەت ﻫەممە ئىللەت ،نوقساندىن يامان ،
ئەسەت ئەﻫلى بارچە ياماندىن يامان
.
دېسە ،ناسىر خۇسىراۋ مۇنداق يزغانىدى :

بېرىلمىگەيسەن ﻫەسەتكە زىنﻬار ،
ﻫەسەتنىڭ چېكى يوق ،تۈگەنچى مىقدار .


ئۈچىنجى ،پىتنە تۇغدۇرۇپ ،تۆﻫمەت قىلىش ﻫەسەتخورلۇقنىڭ ئاسان چېلىقىدىغان شەكلىدىن ئىبارەت .ﻫەسەتخورلۇقنىڭ قورالى پىتنە بىلەن تۆﻫمەت ئىكەنلىكى شۈبﻬىسىز ،بۇنى ئۇلار جىنايى بىلەن << سېسىتىش >> دەپ ئاتىشىدۇ .تۇرمۇشنى ئالدىغىلى ،خەلقنى پۈتۈن بىر تارىخى جەرياندا قايمۇقتۇرغىلى بولمايدۇ .قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەر ئۆز ئەجرى بىلەن ﻫەمىشە ياشناپ تۇرۇۋېرىدۇ.<< سېسىتقۇچىلارنىڭ سېسىپ كېتىشى >> مانا بۇ پاك ۋە ناپاكلىق كۈرىشىدىكى بىر ﻫەقىقەت .مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانە يۆنىلىشى .ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا تەڭرىمۇ بولمىغان ،ﻫەقىقەتمۇ بولمىغان ،تارىخمۇ بولمىغان ،ئىستىقبالمۇ بولمىغان ،ئىشەنچ ۋە ئالىي ﻫىممەتمۇ بولمىغان بولاتتى!
بىزنىڭ ﻫەسەتخور پىتنە - تۆﻫمەتچىلىرىمىز << ئاقنى قارا قىلىش >> ،<< ئۆزى گۇناﻫ قىلىپ ،باشقىنى گۇناﻫكار كۆرسىتىش >> ،<< ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋاقىراش >> ،<< باشقىلار نامىدا قارا خەت يېزىش >> ،<< بىر ئادەمگە ئىككى خىل تون كەيگۈزۈش >>،<< كېچىسى ئادەم ئۆلتۈرۈپ ،كۈندۈزى ﻫازىدار بولۇش >> قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىدۇ .باشقىلار نامىدا خەت يازغانلەر ئىچىدە ئايال كىشى سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ خەت يېزىش ،تۆۋەننى قۇترتىپ قۇيۇپ ئۆزى قازى بولۇۋېلىش ،ئولتۇرۇش - سورۇنلاردا ئاشكارە پىتنە - ئېغۋا تارقىتىش ،پىتنە - ئېغۋانى چەت ئەلگە كېڭەيتىش قاتارلىق ﻫادىسىلەرنى كۆرۈپ مىللىتىمىز ئىچىدە بۇ جەﻫەتتىكى << ماﻫارەت >> نىڭ دۇنياۋى سەۋىيە ياراتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم .
تۆتىنجى ،گۇروﻫۋازلىق قىلىپ ،باشقىلارنى چەتكە قېقىش ﻫەسەتخورلۇقنىڭ تۈركۈملەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت .ﻫەسەتخورلۇق ئەسلىدە زەﻫەرلىك چاياندەك نەرسە بولسىمۇ ،ئۆزىنىمۇ كۆيدۈرىدىغان ،باشقىلارنىمۇ كۆيدۈرىدىغان خۇسۇمەتلىك ئوت بولسىمۇ ،ﻫەسەتخورلار تۈركۈملىشىپ ،چاياندىن پىل پەيدا قىلىشقا ماقۇل بولۇشىدۇ .ئۇلار مەلۇم ﻫۇقۇق ياكى تەسىر كۈچى بولمىسا ،بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن تۈركۈملىشىدىغان بولدى .ئەمما بۇ تۈركۈمنىڭ ﻫەر بىر ﻫەسەتخور ئەزاسى ﻫەمىشە ئۆز تۈركۈمىدىن يۈز ئۆرۈشكە تەييار ،بىۋاپا كىشىلەردىن ئىبارەت .ﻫەسەتخورلۇق گۇرۇﻫلىرى ئىككى شەر ئاستىدا ،يەنى قۇدرەتلىك مۇخالىپلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ،قۇللارچە دەرىجىلىك بويسۇنۇش مۇناسىۋەت تەرتىپى بويىچىلا ساقلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن .ﻫاپىز شىرازى مۇنداق دىگەنىدى:

كەت يامانلار سۆﻫبىتىدىن ،ئىزدىسەڭ گەر ياخشى نام ،
بەدنىيەتلىك ئول ئەقىلسىزلىققا ئىسپاتتۇر تامام .

بەشىنجى ،خەلقنى پارچىلاش ،مىللەتنى خانىۋەيران قىلىش- ﻫەسەتخورلۇقنىڭ ﻫەرىكەت نىشانىسى ۋە تارىخى جىنايىتىدىن ئىبارەت .ﻫەسەتخورلۇق شۇنداق كىسەلكى ،بىرىنجىدىن ،ئۆزىنى ﻫالاك قىلىدۇ ؛ئىككىنجىدىن يۇقتۇرۋالغان كىشىلەرنى ﻫلاك قىلىدۇ ؛ئۈچىنجىدىن ،مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ،روﻫىي ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئابروي -نۇپۇزىنى داۋاملىق قىرقىپ ،مىللەتنى ﻫالاك قىلىشنىڭ جەريانىنى تېزلەشتۈرىدۇ.ﻫەسەتخورنىڭ تەپەككۇرى ،ﻫېسىياتى ،تىلى ،قەلىمى خۇنۇكلۇك بىلەن تولغاچقا ،تىنىقى ۋە يۈرەك سوقۇشى ﻫەمىشە ﻫەسەت زەﻫىرى ،بوﻫتان ئوتى ۋە قورقۇش تەشۋىشىدە تۇرىدۇ ،ئۇنىڭ پىسخىك كېسىلى جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ﻫەسەتخورلۇقنى يۇقتۇرغان كىشى ئۆزىگە يارىشا << جەڭگاﻫ >> ئېچىۋالغان يەنە بىر ﻫەسەتخوردۇر .ﻫەسەتخورلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ،قەلبى پارچىلانغان مىللەتتىن ئىبارەت .قەلبى پارچىلانغان مىللەتنىڭ تىلى بۇ قەلبنى پارچىلاشقا خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ ،بۇ مىللەتنى ﻫالاك قىلىش بىلەن ئۆزىنىمۇ ﻫالاك قىلىدىغان تىل بولماي نىمە؟روشەنكى ،تىلنى تاشقى پوست ،قەلبنى ئىچكى ئۆزەك قىلغان مىللى ئۇيۇشمىنىڭ ﻫەسەتخورلۇق ئىچىدە تەمتىرىشى ﻫالاكەت ﻫالقىسىنىڭ ئالامىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ،خالاس .گۈللەنگەن مىللەتنىڭ ﻫايات يولى ئىسپاتلىدىكى ،مىللەتكە يېمەك -ئىچمەك ،ئۆي - ماكاندىن باشقا مۇﻫىمى مىللى روﻫىيەت لازىم .بۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ مەنبەسى بولغان ئېتىقاد، مىللى ئەنئەنە ،يېڭىلىققا ئىنتىلىش ،مەنىۋى يېتەكچىلىك نۇپۇزىقاتارلىقلاردىن ئىبارەت .مۇنداق بىناكارلىقنى بۇزۇشتىن ﻫالاكەت ،تۈزەشتىن گۈللىنىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاددى ،ئەمما بىزدە ئەستىن چىقىرىلغان ﻫەقىقەت .مەنىۋى قەﻫرىمانلىق ۋە غايىۋى يولباشچىلىق لېگىندىلىرىنى ياراتقان خەلقنىڭ بىردىنلا ﻫەسەتخورلۇق ئۇچقۇنلىرى بىلەن بەنىت بولۇشىنىڭ تەكتىدە تارىخ نېمىنى پىچىرلۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىش مۈشكۈل ئەمەسمۇ !گېرتسىن :<< ﻫەقىقەتكە ﻫۆرمەت قىلىش زېرەكلىكنىڭ ۋە دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر >> دېگەنىدى .ﻫەقىقەتنى سۆيىدىغان قەلىب نۇرانە قەلىب ،خەلقىمىزنىڭ تارىخىي ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەلىب ،مۇنداق قەلىب ﻫەقىقەتنى ﻫۆرمەت قىلىدۇ ،ئۇنىڭغا جان پېدا قىلىدۇ .
ﻫەسەتخورلۇقنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچىرىغانلارغا كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى ،بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەر خاراكتىر يىتىشتۈرىدىغان شىۋىرغدن سىنىقى !ﻫىراكلىت توغرا ئېيتىدۇ :<< ساڭا شۇنىڭ ئۈچۈن رەشىك قىلىشىدۇكى ،سېنىڭ زوقلانغۇچىلىرىڭ ﻫەقىقەتەن تولىمۇ نۇرغۇن !>>


1989-يىل 22-فېۋرال

مەنبە: ئۇچقۇن تورخاتىرىسى

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر