ئەگەر ئۇ ئىنسان بولغان بولسا 120 گە تېلفۇن قىلار ئىدى، ئەتىراپىدىكىلەرگە «ياردەم قىلىڭلار!» دەپ يالۋورار ئىدى. ئۇ نىمە قىلىشنى، قانداق قۇتقۇزۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ئۇنى مىدىرلىتىش، تارتىش. ئۇيقۇدىكى ئادەمنى ئويغاتقاندەك، يېتىۋالغان ئادەمنى يۈلەپ تۇرغۇزماقچى بولغاندەك.
ئەمما ئۇنىڭدىن سادا كەلمەيتتى. كۆزىنى لىككدە ئاچمايتتى. پۇت-قۇلىنى سۇزۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرمايتتى. قارىغاندا ئۇ راستىنلا ئۆلگەن بولسا كېرەك ؟ ئەمما ھەمراھى بۇنى بىلمەيدۇ.
ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرى: قەدىنېسىم مىنى ئەنسىرەتمەڭ تۇرۇڭ كىتەيلى!، دىگەندەكمۇ ، بالام نىمە بولدۇڭ ؟ قېنى تۇرە ! دىگەندەكمۇ يەنە بۇرادەر مىنى يالغۇز قويما دىگەندەكمۇ ئىش قىلىپ ھەرقانداق بىر تەشۋىشلىنىش، ئەنسىرەشلەرگە ئوخشاپ كېتەتتى.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش. شاماللار تۇزاندىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۇچۇرۇپ كىتىۋاتاتتى. قىزىق شەھەرنىڭ بىر يول ياقىسىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدا بىر مۈشۈك پۇت- قۇلىنى ئۇزۇن سۇزۇپ ياتاتتى، يەنە بىر مۈشۈك ئۇنىڭ بېشىدا قۇلىدىن كىلىدىغان نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىپ بېقىپ ئويغىتالماي، يا كەتكىلى قىيماي ئۇنىڭ قۇرسىقىدا بېشىنى قۇيۇپ ياتاتتى.
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى