يىغلاش ℃616
يىغلىغۇم كىلىپ قالدى. نىمىشقىلىقىنى بىلەلمىدىم. ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىرنەرسە قايناۋاتاتتى. ياشلاربىلەن قۇشۇلۇپ سىرتقا چىقىپ كەتمەكچى ئىدى.
-ئەركىشى دىگەن يىغلىماسلىق كېرەك. ئۈزۈمنى يىغىدىن قاچۇرۇپ دىققىتىمنى باشقا ئىشلارغا قاراتماقچى بۇلىۋاتاتتىم. ئەمما، قېرىشقاندەك ئىسە دەپ كەتتىم. قارىغاندا ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئوخشايمەن.
يەرگە ئېگىلگەن پېتى تامنىڭ ئارقىسىغا ئۈتۈپ كەتتىم. –يىغلا، دىدىم ئۈزۈمگە، يىغلىما دىسەم ئۈزۈڭنى باسالمىغاندىكىن قانغۇچە يىغلىۋال.
سەمىمىيلىكىمنى دەسمايەم، ئاق كۈڭۈللۈكنى ئادىتىم، بېغىشلاشنى قائىدەم، ئەخلاقنى زىننىتىم، ۋىجداننى قۇرالىم قىلىپ ياشاپ كەلدىم.
ئەتىراپىمدىكىلەر مەندىن نىمە تەلەپ قىلىدۇ ؟
مىنىڭ بىر دۇرۇس ئادەم بولغانلىقىم يىتەرلىك ئەمەسمۇ ؟!
بىرى ئۈزىگە ياردەم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن تەتە قارىسا، بىرى تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارمىغىنىم ئۈچۈن قاقشايدۇ.
بىرى قانداقتۇر بىر كەمچىلىكلىرىمنى كۆرۈپ ئۈمۈتسىزلىنىپ ئىچ ئاغىرتىدۇ.
مىنىڭ قۇلۇمدىن قانچىلىك ئىش كەلمەكچى ؟!
ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىر خۇرسەنلىكىنى كۆرمەيمەن، ئۇبدان قىلىۋاتىمەن دىگەن ئىشلىرىمدىن بىر دۆۋە نارازىلىق ئۈنۈپ چىقىدۇ.
مەن بىر ئىنسانغۇ؟ پاكلىقتا پەرىشتە، قۇدۇرەتلىكتە خۇدا بۇلالمايمەندە ؟
ئاۋازىمنى ئىختىيارى قۇيۋېتىپ تازا يىغلاۋاتاتتىم بىرىنىڭ ئاۋازىنى چىقتى كۈزۈمنى ئاچسام ئالدىمدىكى كۆتەكتە قېرى بىر مۇماي ھاسىسىغا تايانغانچە ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. خىجىلچىلىقتىن دەررۇ ئاۋازىمنى ئۈچۈرۈپ ياشلىرىمنى سۈرۈتكىنىمچە يۇقالماقچى بولدۇم.
-ھېچقىسى يوق بالام يىغلاۋىرىڭ، دىدى تەبەسسۇم بىلەن،
-ئەركىشىمۇ يىغلايدۇ لېكىن باشقىلار كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ.
«نىنى بالالەر كىلىدۇ ئۇغۇل بالىنىڭ بېشىغا، سايدا تۈگمەن چۆگىلەيدۇ كۆزدىن ئاققان ياشىغا» دىگەن ئاتا بۇۋىمىزنىڭ ماقال تەمسىلىسى بار .
ئەتىراپىڭدا تەسەللى قىلغۇدەك، ھال مۇڭ بولغىدەك ئادەملىرىڭ بولمىغىنىدا يىغىمۇ كۆڭلۈڭنى كۈتۈرۈپ تەسەللى بىرەلەيدۇ.
شۇنداق ئەمەسمۇ ھازىر خۇتۇن كىشىلەرلا ئەمەس ئەرلەرمۇ غەيۋەتخور،سۇخەنچى بۇلۇپ كىتىپتۇ. بەزى يېقىنلىرىڭنى يېقىن بىلىپ سىرلىرىڭنى ئېيتىپ بەرسەڭ سامان سورىغاندەكلا ياغدۇرۋىتىدىكەن. كىملەرگە ئىشەنگىلى بولسۇن !
مۇمايمۇ كىتىپ قالدى مەنمۇ ئەركىن – ئازادە يىغلاشقا باشلىدىم .
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى