تۆت ياشلىق ئوغلۇم بىلە ئىككى ياشلىق قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ ئاشخانىغا ماڭغان ئىدىم ,ئەمدىلا كۇچىغا چىقىشىمىزغا يان تەرەپتىكى ھاۋادىنى ئۇچۇق ئۆيدىن بىر بۇۋاق بالىنىڭ چىڭقىلىپ يىغلاۋاتقا ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى .يىغا ئاۋازى دەرھال ئاڭلىماققاچىشى مۈشۈكنىڭ كۈيلىگەن ۋاقىتتىكى مىياڭلىشىغا ئوخشاپ كىتەتتى .دەل شۇ ۋاقىتتا قەيەردىندۇر سېرىق مۇشۇكتىن بىرى پەيدا بولدى دە, دېرىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بالىنىڭ  يىغىسا جۆربولغاندەك سۇزۇپ-سۇزۇپ مىياڭلاپ تۇپىدا يۇمۇلنىشقا باشلىدى .

بۇ مەنزىرنى كۆرگە ن ئوغلۇم ناھايىتى ھەيران بولدى ۋە «دادا بۇ مۈشۈك ئانىسىنى تاپالماپتىمۇ »دىدى .مەن «ياق بالام جۇپتىنى تاپالماپتۇ »دىدىم .ئوغلۇم مۈشۈكنى قوغلاۋاتقان قىزىمنى تۇسۇپ «ئۇكام قوغلىمىغىن ئۇ مۈشۈك جۇپتىنى تاپالماپتۇ »دەپ توۋلىغىلى تۇردى .ئوغلۇمنىڭ گىپىگە ھەيرانلىقتىن قارىشىۋاتقانلاردىن خىجىل بۇلۇپ ئوغلۇمى چاقىرىپ ئۇنداق دىسە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .

قىزىمنىڭ ئالدىدا قېچىۋاتقان مۈشۈككە قاراپ ئون نەچچە يىل ئىلگىركى بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

11 ياش ۋاقىتلىرىم بولساكىرەك تاغام ئۈيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاسلانلىرىنىڭ ئارسىدىن چىشى، تاۋارئاسلاندىن بىرنى تاللاپ ئەكىلىپ بەردى .ئۆيگە ئەكىلىپلا بۇ ئاسلانچاققا <<تاۋارخان>> دەپ ئىسىم قۇيىۋالدۇق .ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تاۋارخانغا تىزلا ئامراق بۇپ قالدى .شۇنداق قىلىپ تاۋارخان ھەممەيلەننىڭ ئەتىۋارلىشى ،نان چايناپ بىرىپ بېقىشى ئاستىدا تىزلا چوڭ بولدى ,ۋە ئۆيدىكى كۈزۈمىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان ھارامزادە چاشقانلارنىڭ خېلى ئۇبدان ئەدىۋىنى بەردى . تاۋارخاننىڭ كۈيلەش ۋاقتى كەلگەن چېغىدا  بايىقى مۈشۈكتەك مىياڭلاپ يۈرۈپ بىرنەچچە ئەركەك مۈشۈك بىلەن ئون نەچچە كۈن سۆرىشىپ يۈردى.

تاۋارخاننىڭ ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانسىرى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ بېقىپ كەتتۇق .شۇنداقلا دۇنياغا كەلمەكچى بولغان يىڭى تاۋارخانلارنىڭ غېمىنى قىلىپ ئانام قىشلىق ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا يۇمشاق قىلىپ ئۇۋا راسلاپ بىرىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى .

بىركۈنى ئالەم يۇرۇماستا ئانام يېنىمغا كىرىپ يىڭى تاۋارخانلارنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى . ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ تاۋارخانلارنىڭ يېنىغا كىردىميۇ ئۇۋىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .ئۇۋىدا ياتقىنى خىيالىمدىكى كۆزلىرى پارقىراپ،تۈكلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان ئۇماق ئاسلانلار بولماستىن  كۈزىمۇ ئېچىلمىغان ،بەدىنىدە بىرەرتالمۇ تۈكى يوق قىپ-قىزىل گۆشتىن تۆتى ياتاتتى . ھەيرانلىقىمنى باسالمىغان ھالدا ئانامدىن سورىدىم  ئانام دەسلەپ تۇغۇلغاندا مۇشۇنداق بۇلىدىغانلىقىنى ھەپتىدىن كىيىن كۈزى ئېچىلىپ 15كۈندىن كىيىن تۈك چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .

بىكار ۋاقىتلىرىم بولسىلا مۇشۇلارنىڭ يېنىدىن كەتمەيتتىم .تۇغۇلۇپ 20 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن تۈكلىرى يالتىراپ ،سەمىرىپ ،بۇدرۇقلىشىپ ناھايىتى ئۇماق بۇلۇپ كەتتى .ئانىسى كۈندۈز ئاسلانلارنىڭ يېنىدا ئازراق تۇراتتى ئەمما كىچىسى پەقەت سىرتقا چىقمايتتى .

بىركۈنى مەكتەپتىن كىلىپلا ئاسلانلارنىڭ يېنىغا كىردىم  ئاسلانلار باشقا كۈندىكىگە ئوخشىماي قاپتۇ ھەممىسى توختىماي مىياڭلاپ ، ئەتىراپنى تىمسىقلاپ، ئۆمۈلەپ يۈرەتتى .  ئانامنىڭ تاۋارخاننىڭ كىچىدىن بىرى پەيدا بولمىغانلىقىنى ، ئاسلانلارنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىنىنى ئاڭلاپ ئەتتىگەندە مەكتەپكە مېڭىشتىن ئىلگىرىر ئاسلانلارغا قارىمىغانلىقىم ئىسىمگە كەلدى . شۇنداق قىلىپ تاۋارخان تۆت بالىسىنى تاشلاپ يۇقاپ كەتكەنچە پەيدا بولمىدى   ئىزدىمىگەن قۇلۇم-خوشنا ، ئاغىنە-بۇرادەر ،ئۇرۇق-تۇققان قالمىدى ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىن سۇراپ چىقتۇق ئەمما تاۋارخاننىڭ زادى دىرىكى بولمىدى .

تاۋارخان يۇقاپ كەتكەننىڭ ئۈچۈنچى كۈنىسى بىرئاسلاننىڭ ئۈلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ كۈمۈپ قويدۇم   شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن  ھويلىدا تۇرسام تۇيۇقسىز تاۋارخان ئالدىمدا پەيدا بولدى ۋە ناھايىتى بىچارلىق بىلەن يېلىنغاندەك مىياڭلاپ ئالدىمغا كەلدى  تاۋارخاننىڭ پەيدا بولغىنىدىن ھەم خۇشال ھەم ھەيرانلىق بىلەن تاۋرخانغا قول ئۇزۇتىشىمغىلا تال جازىسىدا سۈرلۈك مۈشۈكتىن بىرى پەيدا بولدى ،مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقلىرى خېلىلا توم كۆزلىرى يۇغان ، بۇرۇتلىرى ئۈسۈك تۈكلىرى يىرىك بۇلۇپ ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلسىمۇ ھېيىققۇدەك مۈشۈك ئىدى .

مۈشۈك تاۋارخانغا قاراپ شۇنداق قاتتىق ۋارقىردىكى تاۋارخان باغ تەرەپكە بەدەر قاچتى  مۈشۈكمۇ تاۋارخاننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ كەتتى   مەنمۇ كەينىدىنلا يۈگۈرۈپ كىردىميۇ ئۇلارنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم   بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلىغان تاغام «مۈشۈك ئەسلى مۇلۇن بىلەن جۈپلىشىپ قاپتىكەن ،ئەمدى تاۋارخاننى تاپقىلى بولمايدۇ »دىدى «مۈلۈن دىگەن نىمە ئۇ »دىدىم چۈشەنمەي «مۈشۈكنىڭ ياۋىسى سايلىق-تاغلىقلاردا ياشايدۇ ،تاۋارخاننى تالىۋالسا ئۆلتۈرۋىتىدۇ »دىدى  سايلىقلاردا تاۋارخاننىڭ جان-جەھلى بىلەن قېچىۋاتقىنىنى مۇلۇننىڭ قوغلاۋاتقىنىنى كۆزئالدىمغا كەلتۈردۇم .

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئۆيدىكىلەر «بۇ بىر نىمىلەر مىياڭشىپ يۈرۈپ ھەممىسى ئۈلۈپ قالغۇدەك مۈشۈكى ئاسلانلىغان بىرەر سىگە بىرۋىتەيلى» دىيىشتى ئەمما مەن ئاسلانغارغا قىيالمىدىم

ئانىسىدىن ئايرىلغىلى نەچچە كۈن بولمايلا ئاسلانلارنىڭ كۈزىنى چاپاق بېسىپ ، تۈكلىرى تەتۇرئۆرۈلۈپ ناھايىتى بىچارە بۇپ كەتتى  ئەكىلىپ بەرگەن سۈتنى بىر-ئىككى قېتىم يالايتتىيۇ يەنە بىر خىل مىياڭشىپ ئۆمۈلەپ يۈرەتتى ، بۇلارنىڭ مىياڭلىشىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم بۇۋاق بالىنىڭ ئانىسىنى ئەمگۈسى كىلىپ يىغلاۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئىسىگە ئالاتتى

ئاسلانلارغا قاراپ يۈرۈگۈم بەك ئېچىشىپ كەتتى. بىرنەچچە قېتىم يىغلىۋەتتىم .خۇدايىمنىڭ ئاشۇ مۇلۇندەك ئەسكى مۈشۈكلەرنى ياراتقانلىقىغىمۇ نارازى بولدۇم .

بىركۈن ئۈتۈپلا يەنە بىرى ئۈلۈپ كەتتى   ئۇلارنى باقالمايدىغانلىقىمغا ئەمدى ئىشەندىم   مىنىڭ ئۇلارغا قىلىپ بىرەلەيدىغىنىم يىڭى كالاسۈتىنى چىنىنىڭ كەينىگە قۇيۇپ ئالدىغا ئەكىلىپ بىرىش ئىدى   ئەمما ئاسلانلارنىڭ ئەي بۇلىشى ئۈچۈن بۇلا يىتەرلىك بۇلمايدىكەن ئاسلانلارغا يەنىلا ئانا كىرەك بۇلىدىكەن .

مەھەللىنىڭ باش تەرپىدىكى مۈشۈكى بىزنىڭ مۈشۈكتىن نەچچەكۈن ئىلگىرى ئاسلانلىغان بىر خوشنىمىزنىڭ ئاسلانلىرىغا قالغان ئىككى ئاسلاننى قېتىپ قويدۇق

كىيىن ئاڭلىسام ئۇ ئىككى ئاسلانمۇ ئۈلۈپ قاپتۇ خوشنىمىزنىڭ ئاسلانلىرى چوڭ بولغاچقا بىزنىڭ ئاسلانلارنى ئەمگىكى قويماپتۇ  دەسلىۋىدە خوشنىمىز ئۈزى خەۋەرئېلىپ ئىمىتىپ قۇيۇپتۇ كىيىن ئۇلارمۇ داۋاملىق خەۋەر ئېلىپ بۇلالماپتۇ   شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى بىچارە مۈشۈك سۈتىمۇ يوق ،كالاسۈتىمۇ يوق،ئانىمۇ يوق ئۈلەپ كىتىپتۇ  .

بۇ ئىشلارغا گەرچە ئون نەچچەيىل بۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئاشۇ ناتىۋان ئاسلانلارنىڭ تەقدىرى پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 13- يانۋار 16:30 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تۈگەپ قالدى :|

  2. ئەرچىن
    ۋاقىت: 2011- يىل 13- يانۋار 11:50 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    داۋامى بارمۇ ياكى تۈگىدىمۇ ؟

  3. ۋاقىت: 2010- يىل 22- ئۆكتەبىر 11:01 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سالام دوستۇم .
    زامانە ئەۋۋەلدە شۇ ئادەمگە پەرىشتىلەرمۇ باش ئۇرغان ئىدىغۇ ؟ بۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر ھىكمىتى بار ئىدى .
    ھېلى ھەم شۇنداق .
    بىرەرىدىن كۆڭۈل قالدىمۇ نىمە ؟
    پىكىرلىرىڭىز ئۆزگىچىكەن پىكىرلىشىپ ئۈتۈلى . دوسلۇققا قېتىپ قويدۇم خالىسىڭىز سىزمۇ قېتىۋېلىڭ .

    • ۋاقىت: 2010- يىل 23- ئۆكتەبىر 12:21 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئىنكاسىڭىزنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن .
      بۇ بلوگنى قۇرۇپ ئىختىيارى كىرىپ ئىنكاس يازغان تۇنجى ئادەمسىز .
      ئىنكاسىڭىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم . رەھمەت .

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. [...] ئىلگىرى ئاسلان توغۇرلىق ئېچىنىشلىق بىر ھىكايە يازغانتىم ئۇ بۇيەردە [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*