پىشانىسىدىكى تەپچىپ چىققان تەرنى سۈرۈتۈپ، يوتقاننى ئېچىۋەتتىم.  پىشانىسى مۇزدەك تۇراتتى. يېقىندىن بىرى بەك سۇغۇق تەرلەيدىغان بۇلىۋالدى. ئەتىلا «ھۆرنىساخان ھاجىم»نىڭ يېنىغا ئاپىرىپ دورا ئالاي، دەپ ئويلىدىم.

ئۇنىڭ نەرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. چىرايلىق دىگۈدەك، كۆزلىرى يۇغان كىرپىكلىك ئەمەس، يا قاشلىق ئەمەس، يۈزىمۇ يۇمۇلاق ئەمەس ئىدى، چىرايى دەرھال قارىماققا ئۇغۇلغىلا ئوخشايتتى. لېكىن، كۈزۈمگە جاھاندا ئوخشاتقىلى بۇلىدىغان نەرسە تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتتە سۈيۈملۈك كۆرۈنەتتى.

يۇمران بىلەكلىرىنى چىشلىۋالاتتىم، قۇرسىقىغا يۈزلىرىمنى يېقىپ غىدىقلايتتىم، مەيدىسىگە ئۈسەتتىم، دادا ھاي، دەپ بۇدرۇق قوللىرى بىلەن بېشىمنى ئىتتىرۋېتىشلىرىدىن، تەسىۋلىگۈسىز زوق ئالاتتىم،

سائەت 22 دىن ئاشقان، ئۇيقۇدىن كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قاراپ ئولتۇراتتىم.

- ئۇ تۇيۇقسىز كۆزىنى ئېچىپ، دادا سۇ ، دىدى

-مانا ھازىر ئەكىرەي قىزىم. دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا مېڭىۋېتىپ سىرتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.

بايا ئىتىپ قويغانتىمغۇ، نىم بۇلۇپ ئېچىلىپ قالغاندۇ؟ مەيلى بىردەم ئۇچۇق تۇرسۇن ھاۋا يۈرۈشە. شۇنداق خىياللار بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ توڭلاتقۇنى ئاچتىم. سۇغۇق چاي تۈگەپ قاپتۇ، مىنراللىق سۇمۇ يوق ئىكەن. تۇربا سۈيىنى بەرگۈم كەلمىدى. سۇغۇق مىنراللىق سۇ ئەكىرىپ بىرەي، دەپ ئۆينڭ ئالدىدىكى دۇكانغا يۈگۈردۈم.

سۇنى كۈتۈرۈپ كىرسەم قىزىم ياتىقىدا يوق. تەرەت سۇندۇرغىلى كىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ھاجەتخانىغا قارىدىم. ئۇيەردىمۇ يوق. ئۆيدىن ئىزدىمىگەن يەرقالمىدى. بىئارام بۇلۇپ رۇقىيەم. . . رۇقىيەم دەپ توۋلىغان پېتى تالاغا يۈگۈردۈم.

باغ تەرەپتىن قىزىمنىڭ دادا، دادا  دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، باققا يۈگۈرەپ كىرسەم،  ناھايىتى سەت بىر بۆرە قىزىمنىڭ بىلىكىدىن چىشلەپ سۆرەپ مېڭىپتۇ، قۇلۇمغا ئۇتۇن يارىدىغان پالتىنى ئېلىپ بۆرىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. بۆرە كەينىگە بۇرۇلۇپلا،: توختا يەنە يېقىن كەلسەڭ قىزىڭنىڭ قۇلىنى چاينىۋىتىمەن، دىدى. ھەيرانلىقىمدىن تۇرۇپلا قالدىم، گەپ قىلىدىغان بۆرە، توۋا رىۋايەتلەردىن ئاڭلىغان، ئەمىلىيەتتە بارلىقىغائىشەنمەيتتىم.

-قىزىمنى قۇيۋەت خالىساڭ ئېغىلدىكى قويدىن خالىغانچە يە  لېكىن قىزىمغا چېقىلما، دىدىم يېلىنغان قىياپەتتە

-ياق مەن ئادەم گۈشى يەيدىغان بۆرە مەيلىڭ بىلەن بەرسەڭ بىر قۇلىنىلا يەيمەن، بەرمەيمەن دىسەڭ پۈتۈن ئېلىپ كىتىپ باللىرىم بىلەن يەيمەن، دىدى كەسكىنلىك بىلەن.

قىزىم بۇرۇنقىدەكلا دادا سۇ، سۇ ئىچىمەن دەيتتى. قىزىمنىڭ بۆرە چىشلىگەن بىلىكىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى. ئەمما بىلىكى ئاغىرغاندەك ئەمەس ئىدى. قىزىم يەنىلا دادا سۇ ئىچىمەن دەۋاتاتتى.

-ئادەم گۈشى يىسەڭ مىنىڭ قۇلۇمنى يىگىن. قىزىمنى قۇيۋەت مەن تۇرۇپ بىرەي نەرىمنى يىگۈڭ كەلسە يىگىن، دىدىم يەنە يېلىنىپ

-ياق چۇقۇم قىزىڭنى يەيمەن. مەن خاس كىچىك بالا يەيدىغان بۆرە، يۈسۈپنىمۇ مەن يىگەن. نىمە دىدىڭ ؟ ئۇ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى رىۋايەت تۇرسا سەنمۇ يالغانچىلىقنى بىلىدىكەنسەندە، يەنە كىلىپ يۈسۈپنى بۆرە يىگەن ئەمەس، ئاكىللىرى شۇنداق دەپ يالغان سۆزلىگەن.

-قۇرۇق گەپنى قوي، غاراس، غاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن بۆرە قىزىمنىڭ بىلىكىنى چايناشقا باشلىدى. قىزىمنى چىقىراپ يىغلاپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. ئەمما، قىزىم بىلىكىدىن خەۋىرى يوقتەك  دادا سۇ ئىچىمەن، دەيتتى.

بۆرە غاراسلىتىپ چايناۋەردى، ئېتىلىپ بېرىپ پالتىنىڭ بىسى بىلەن بۆرىنىڭ كاللىسىنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىشنى خىيال قىلىپ تۇرغىنىمدا  ئۇكام قۇلىقىنى تارتقىنە ئويغىنىدۇ  دىگەن ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. ئەتىراپىمغا قارىدىم ئوغلۇم كۈرۈنمەيتتى. بۆرىگە ئېتىلاي دەپ تۇرسام قۇلۇقۇم چىممىدە ئاغرىپ كەتتى.

كاللامنى لىككىدە كۈتۈرسەم, قىزىم قۇلىدا بىرپارچە ناننى غاراسلىتىپ چاينىغان پېتى . . . قۇلۇقۇمنى تارتىپ, دادا سۇ ئىچىمەن.   دەۋاتاتتى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. مەن
    ۋاقىت: 2011- يىل 11- ئاۋغۇست 10:45 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بەك تەسىرلەندىم

  2. مەن
    ۋاقىت: 2011- يىل 11- ئاۋغۇست 10:44 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئاتا ئانا ئۇخلاۋېتىپمۇ بالىسىنىڭغېمىنى يېگەن :evil:

    • ۋاقىت: 2011- يىل 11- ئاۋغۇست 10:47 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئۇكام نىمىشقا ئۈزۈڭنىڭ ئىسمىنى يازالمايسەن ؟ قاچان قارىسا مەن دەۋالغان. ئىسمىڭ مەن ئەمەستى بولمىسا :twisted:

      • كارۋان
        ۋاقىت: 2011- يىل 22- ئۆكتەبىر 04:10 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

        بىر قۇلىقىغا ئەرزان يەنە بىر قۇلىقىغا تەگبىر ئۇقۇپ ئىسىم قۇياپ قۇياي لى بۇمىسا ،.

  3. ۋاقىت: 2011- يىل 7- ئاۋغۇست 23:33 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تەسەۋۋۇرغا بدي ئىكەنسىز،شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭ.

  4. كوبرا
    ۋاقىت: 2011- يىل 4- ئاۋغۇست 17:02 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ياخشى يېزىلىپتۇ. داۋاملاشتۇرۇڭ

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*