سىزنى سۆيۈپ قۇيايچۇ ، دادا

ھەربىر بېتى كۆزياشلىرىم بىلەن نەمدەلگەن كىچىككىنە خاتىرە دەپتەرنى تۇتۇپ ئۆكسىگىنىمچە مەن بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقان تۇتۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتىمەن .
مەن بىر ئاتا ، لېكىن ئۆزپەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ، ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىسىغا مېھرىغانلىق ئاتا قىلالمىغان رەھىمسىز ، باغرى تاش ئاتا . مەن مۇشۇنداق يىغلىغانغا ئۇماق ئوغلۇم قايتىپ كېلەمدۇ ؟ياق ،ياق! ئۇ مەندەك ئەقىلسىز -قارا يۈرەك ئاتىنىڭ يېنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى . ئىچىمنى تاتىلاۋاتقان روھ غەليانلىرى ماڭا نەپرەتلىك شىۋىرلىماقتا . باشقا ئاتىلارنىڭمۇ مەندەك ئۆمۈرلۈك ئازاپقا قالماسلىقى ئۈچۈن قىسقا ، لېكىن ئۇنتۇلماس ھېكايەمنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن .


تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېزىدا پۈتكۈزگەن بولساممۇ ، ئىچكىردىكى داڭلىق ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىملەندىم .خىزمەتتە ئۆزۈمگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قۇياتتىم ، خىزمەتكە چىقىپ بىريىلدىن كىيىن نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن سۆيگىنىم بىلەن ئاددى ، لېكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەختلىك ئائىلەمنى قۇرۇۋالدىم . ئىككى يىلدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلىشى كىچىككىنە غېرىبانە كۆلبىمىزنى تېخىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈردى . كاللامدا بالىغا كىچىكىدىنلا ناھايىتى قاتتىق تەربىيە قىلىش كېرەك،دەيدىغان ئىدىيەبولغاچقا،ئۇيېشىغاتوشۇپ بىرنەرسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپلا تولىمۇقاتتىق قول بولۇشقاباشلىدىم.
بىرنەرسىلەرنى بۇزۇۋەتسە قاپىقىمنى تۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگەتىكىلىپ تۇرۇپ تەنبىھ بىرەتتىم،مانامۇشۇنداق ھەيۋە-پوپوزىلاربىلەن بالام مەكتەپ يېشىغاتولدى.
ئۇنىڭ باشقابالىلاردەك كوچىدائوينىشىغا ئاسانلىقچەيول قويمايتتىم.مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىنلا يەنەسومكىسىنى ئېچىپ تاپشۇرۇقىنى،نېمەدەرسلەرنى ئۆتكەنلىكىنى سورايتتىم.
مۇشۇ ئوسال مىجەزىم تۈپەيلى بالام باشقا كىچىك بالىلاردەك شوخ ئەمەس،ناھايىتى ئېھتىياتچان،مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان يۈرەكئالدى چوڭ بولۇپ قالدى.لېكىن،مەن ئۇنڭ ئەدەپلىكلىكىدىن،دەرىستەياخشىلىقىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلىيەلەيتتىم.ئايالىم ئوغلۇمغا قىلغان مۇئامىلەمدىن بەك نارازى ئىدى.لېكىن مەن بالىنى ياخشى تەربىيەلىمىسە،ھازىرقى جەمئىيەتتەكۆيۇمسىز،ھۇرۇن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغاتالاي قېتىم سۆزلەپ،ئېزىپ ئىچۈرۋەتتىم .

مەن باشقىلارنىڭ دادىلىرىغا ئوخشاش بالامغا دائىم ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرمەيتتىم ، كىچىككىنە بالامنى كىتاپخانىغىلا ئاپىرىپ ، ئۇنىڭ پىروپېسسورلارغائوخشاش كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتىم . بۇ قىلغانلىرىمنىڭ بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتلاردا بىلسەممۇ ، مەن بۇنى پەقەت بالامغا بولغان بىردىنبىر ‹‹كۆيۈنۈش ئۇسۇلى ››دەپ قاراپ كەپتىمەن .
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ، بالىلارچە سوئاللارنى سورىغىنىدا ،گېپىنىڭ شېخىغا ئۇرۇپلا ، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كىتاپنىڭ ئىچىدىن تېپىشقا ياكى مۇئەللىمدىن سوراشقا مەجبۇرلايتتىم . ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن تاكى 5-يىللىققا چىققانغا قەدەر بارلىق ئوقۇش نەتىجىللىرى تولىمۇ ياخشى بولدى . ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسېرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى . تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ ، مېنى كۆرسە بىرخىل قورققاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى . خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇنى بالىدىكى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش دەپ قاپتىمەن ، تاكى شۇ قاباھەتلىك كۈنگىچە ، مەن بالامنى چۈشەنمەي كەپتىمەن .
-بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتىڭلار ؟ – دېدىم قازان بېشىدا ئالدىراش يۈرگەن ئايالىمدىن .
-جۇۋاۋا ئەتتىم .
-پاھ ، پاھ ، ئاچچىقسۇ ، لازىغا مىلەپ تازا يېيدىغان بۇپتىمەندە ، ئەركىن قېنى ؟.
-ئۇ ئۆيدە كارتون كۆرۈۋاتىدۇ .
-نىمە ؟كارتون كۆرۈۋاتىدۇ ؟ بۇ ياغاچ چۇلاقنىزە تېلېۋىزورغا بۇنداق قاراۋەرسە مەكتەپتە قانداق ئوقۇيدۇ ، خەپ ، !
-بىردەم كۆرگەنگە نېمە بولاتتى ؟-ئايالىم ماڭا سەت ئالايدى ، -ئاچچىقسۇ تۈگەپتۇ ، ئەكىرىپ بېرىڭە .
- ئەركىن ئەكىرىپ بەرسۇن ، ھېرىپ كەتتىم ،-شۇنداق دىگەنچە ئەركىننى چاقىردىم .
-ماڭە، ماۋۇ پۇلغا ئاچچىقسۇ ئەكىر ، تىز بېرىپ تىز قايتىپ كىر جۇمۇ ، يولدا ئويناپ تۇرۇدىغان بولساڭ ، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن !
ئۇ ‹‹ماقۇل››دېگەنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى ، شۇۋاقىتتا كۆزلىرىم ئايالىمنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچۇراشتى . ئۇ ماڭا ، سېنىڭدەكمۇ ئاتا بولامدۇ ؟ دىگەن مەنىدە تىكىلىپ تۇراتتى .
-نېمە ، يەيدىغاندەك ئالىيسەنغۇ ، تامىقىڭنى ئەت ، قورساق ئاچتى ….
دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى ئىككى مىنۇتلۇقلا يول بولسىمۇ ، بالام 10 مىنۇتقىچە كىرمەيۋاتاتتى . قاتتىق ئاچچىقىمدا پىشىپ بولغان جۇۋاۋىغا قاراپ ، ئۇ كىرسە قانداق ئەدىپىنى بېرىشنى ئويلاۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز يان قوشنىمىز ناھايىتىمۇ ئەنسىز يۈگۈرۈپ كىردى …
-سە ، سە … سەمەتكا ، سەمەتكا…
-ۋاي نېمە بولدى ؟نېمانچە ھاسىراپ كەتتىڭ ؟
-ئەركىن ئۇ …دۇكان …بىر سانتانا ، ئۇ … روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئايالىممۇ شۇ ھالەتتە ئىدى . بىر چاغدا ئۇنىڭ ۋاي جېنىم بالام ئەركىن ، دەپ سىرتقا يۈگۈرگىنىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم . دۇكاننىڭ ئالدىدا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ ، كىمدۇر بىرى ، ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . قۇلىقىمغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيتتى . توپنى يېرىپ كىرگىنىمدە ، بالام قانغا مىلەنگىنىچە ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغان ھالەتتە ياتاتتى . ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكاندىن ئىتتىك چىقىۋاتقاندا بىرپىكاپنىڭ تۇيۇقسىزلا يان كوچىدىن چىقىپ ئۇنى سوقۇۋەتكەنلىكىنى ، لېكىن شوپۇرنىڭ پىكاپنى ھەيدىگىنىچە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى . يەنە نىمە گەپلەرنىڭ بولۇنغىنى ماڭا نامەلۇم . بالامنىڭ قۇلىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدۇق . جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۇغقانلار ، يەنە كىمدۇر بىرلىرى بىزگە سەۋر تىلەيتتى  . ئىككى يىلدەك بىلىنگەن ئىككى سائەتتىن كېيىن دوختۇر چىقىپ بېشىنى بوش چايقىغىنىچە ، يېنىمىزغا كەلدى …
ھوشىنى بىر بىلىپ ، بىربىلمەي تۇرغان ئايالىمنى يۆلىگەنچە ئايالىمنىڭ يېنىغا كىردۇق . كۆزلىرىنى ئاغىرىق دەستىدىن تولىمۇ تەستە ئېچىۋاتقان بالام ، بىزنى كۆرۈپ ، مەن بەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان  بەختىيارلىق كۈلكىسىنى كۈلدى .
-بالام ! ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ ، قارا بىز يېنىڭدا بار !
- مەان ئاچچىقسۇنى ئېلىپ ، تېز … ماشىنا… ئۇ مېنى …
-بولدى گەپ قىلما ، ھېچ ئىش بولمايدۇ …ئايالىم بالىنى قۇچاقلاپ قاتتىق ئازاپتا يىغلاۋاتاتتى ، كۆزۈم پۇشايمان ياشلىرى بىلەن تولغان بولغاچقا ، كارىۋاتتا ئاغىرىق ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان بالامنى بىرنەچچە سېكۇنت كۆرەلمىدىم ، نىمىشقىمۇ ئۆزۈم چىقمىغاندىمەن – ھە ، دۇكانغا …
-دادا !
-ھە بالام .
-سىزنى  سۆيۈپ قويايچۇ ، دادا ، بىرنىلا …. بىر ئاتا ئۈچۈن ، بۇلۇپمۇ مەندەك پەرزەنتىنى ياخشى باشقۇرۇۋاتىمەن ، دەپ ئويلايدىغان دادا ئۈچۈن بۇ گەپ نېمە ئۈچۈندۇر يۈرۈكۈمگە پىچاق ئۇرغاندەك بولدى . قاتتىق ئاۋازدا ، بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىۋەتتىم
-مېنى كەچۈر بالام ! سېنى سۆيۈپ قوياي،ئەمدى مەكتەپتىن كېلىپ دوسلىرىڭ بىلەن ئوينا…بىردەم تېلېۋىزور كۆرسەڭمۇبولىدۇ…
ئۇتەستەكۆتۈرۈلگەن قوللىرى بىلەن بوينۇمغا گىرەسېلىپ مېنى بىرنى سۆيۈپ قويدى ، ئايالىم تېخىچە ئېسىنى بىلەلمەيۋاتاتت
-دادا ، قاچان ئۆيگەكېتىمىز؟
- سەل تۇرۇپلا كېتىمىزبالام ، پۇتۇڭ ئازراق سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ھېچنىمە…
ئۇ يەنە گەپ قىلماقچى بولدى ـ يۇ، لېكىن …
بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى گىپى بۇلۇپ قالدى . بىرتاللا ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم ، بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېسياتتا بولدۇم .
ئۇ ، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر كۈمۈلگەن قەبرە ئىزىنى قالدۇرۇپ ، بىزدىن ئايرىلدى … بىر ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى رەتلەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كۈندىلىك خاتىسى قۇلۇمغا چىقىپ قالدى . مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم .

‹‹2006-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دادام مىنى باغچىغا ئېلىپ بېرىشقا قۇشۇلمىدى . ئۇمىنى باشقا بالىلارنىڭ دادىسىدەك سۈيۈپ قويمايدۇ .››
**********************************
‹‹  2006 -يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دادام مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كارتوننى كۆرگىلى قويمىدى . چوكا مۇز ئېلىپ يىيشىمگە پۇل بەرمىدى .››
*****************************************
‹‹2006-يىل 7-ئاينىڭ 4- لۈنى
بۈگۈن دادام ئىمتاھاندا ئالغان نەتىجەمنى كۆرۈپ خاپا بولدى ، بىرپەندە 87 ئېلىپ قاپتىمەن . ئۇ مىنىڭ يازلىق تەتىل لاگېرغا چىقىشىمغا قۇشۇلمىدى .››
……
‹‹…لېكىن مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن …››
مىنىڭ ھەرقېتىم ئۆتكۈزگەن ‹‹گۇناھلىرىم ››خاتىرلەنگەن بۇ دەپتەرنى ئازاپ ئىچىدە ئۇقۇپ تۈگەتتىم . مەن قانداق ئاتا- ھە ؟ئۆز بالىسىنى بىرەر قېتىم ئەركىلىتىپ سۇيۇپ قۇيالمىغان .ئولتۇرۇش،چايغا،ماجاڭ ئويناشقا،دوسلار بىلەن ئاللىقانداق جايلارغا بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم ، بالامنى سۈيۈپ قۇيۇشقا ، بالامنىڭ سۈيۈپ قۇيۇشىغا بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم …
خەدىچە شەمشىدىن
شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى 2010 يىللىق 6- سان

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*