01

ھاياتتا ئۆزىنى كەمسىتىشتىنمۇ ئېغىر كېسەللىك بولمىسا كىرەك. سىرتقى شارائىتىڭىز قانچە ياخشى بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش كەمچىل بولسا تەقدىرىڭىز تەتۇرلۈكتىن قۇتۇلالمايسىز.

 ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەربىر شەخىسنىڭ ئاۋۋال بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغىنى چۇقۇم ئۆزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرۈشتۇر.

تۆۋەندىكى ھېكايە بىر دوستۇمنىڭ ئۆزىگە ئىشنىشكە مەدەت بىرىش ئۈچۈن سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە ئىدى. 

ھىكايىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشىلىقىدىن توردىكى قەدىردانلىرىمنىمۇ بەھىرلەندۈرۈشنى ئويلاپ قالدىم. 

1931-يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، نىيو يۈرك شەھىرىنىڭ تارىخىدا ھەممە يەرنى زىلزىلىگە سالغۇدەك بىر قېتىملىق باندىت تازىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.

بىرنەچچە ھەپتە ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ھاراقمۇ ئىچمەيدىغان، تاماكىمۇ چەكمەيدىغان، سەگەك يۈرىدىغان« قوش تاپانچىلىق مەرگەن» كېررينى سېدنىي كۈچىسىكى مەشۇقىنىڭ ياتىقىدا قولغا ئالدى.

150 نەپەت ساقچى ۋە رازۋىتكىچى بىنرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ يۇشۇرنىۋالغان جاينى قۇرشىۋالدى.

ئۇلار ئۆينىڭ ئۈستىدىن تۈشۈك ئېچىپ ياش ئاققۇزغۇچ بومبا تاشلاش ئارقىلىق « ساقچىنى ئۆلتۈرگەن كېررينى» ئۆيدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدى.

ئارقىدىن شۇ ئۆپچۆرىدىكى بىنالارنىڭ ئۈستىگە پىلمۇتلارنى قۇرۇپ تەخ بۇلۇپ تۇرۇشتى.

شۇنىڭ بىلەن نىيو يۈركنىڭ ئەڭ ئىسىل ئاھالىلە رايۇنىدا بىر سائەتكىچە تاپانچا پىلمۇتلارنىڭ ئېتىشقان ئاۋازى بېسىقمىدى.

كېررىي ئەسكى، تۈسكى نەرسىلەر يىغىپ قۇيۇلغان ئورۇنغا يۇشۇرنىۋېلىپ ساقچىلارغا توختىماي ئوق ئاتتى. ئەنسىزلىككە چۆمگەن 10 مىڭدەك ئاھالە بۇ جەڭنى كۆرۈپ تۇردى.

نىيو يۈرۈكتىكى پىيادىلەر يۇلىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئىش بۇلۇپ باقمىغان ئىدى.

كېرري قولغا چۈشكەندىن كىيىن، ساقچى باشلىقى موررونىي، قوش تاپانچىلىق بۇ مۇتتەھەم نىيو يۈرۈك تارىخىدىكى ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى، بۇ « ئادەم ئۆلتۈرۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دىگەن دەپ جاكارلىدى.

لېكىن قوش تاپانچىلىق كېررىي ئۈزىگە ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا قانداق قارىدى.

ئۇنىڭ قارىشى بىزگە مەلۇملۇق چۈنكى ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ياتىقىنى ئوققا تۇتۇۋاتقاندا ئۇ ئالاقىدار زاتلارغا دىگەن نامدا بىر پارچە خەت يازغان ئىدى.

يەنە كىلىپ بۇ خەتنى يېزىچاتقاندا بەدىنىدىن يارىلانغاندا ئاققان قانلار قەغەزنى بۇيىۋەتكەن ئىدى.

كېررىي ئۆز خېتىدە« كىيمىمنىڭ ئىچىدە بىر تال ھالسىرىغان يۈرىكىم بار، بىراق مىنىڭ يۈرىكىم رەھمىدىل يۈرەك ئىدى. ھېچقانداق ئادەمنىڭ دىلىنى زىدە قىلمايدىغان رەھمىدىل يۈرەك ئىدى»  دىگەن ئىدى.

بۇ ۋەقە بۇلۇشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى كېرري لوڭ ئايلىد ئارىلىنىڭ سىرتىدىكى بىر يولدا قىز دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن بىر ساقچى خادىمى يېنىغا كىلىپ « كىملىكىڭىزنى كۆرۈپ باقاي » دىگەن.

كېرري گەپ قىلمايلا يېنىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ ساقچى خادىمىغائارقا-ئارقىدىن ئوق ئۈزىدۇ.

ساقچى خادىمى يېقىلىپ سەكراتتا تۇرغان چاغدا مىدىرلىماي ياتقان جەسەتكە يەنە نەچچە پاي ئوق ئاتىدۇ.

مانا بۇ « كىيمىمنىڭ ئىچىدە بىر تال ھالسىرىغان يۈرىكىم بار، بىراق مىنىڭ يۈرىكىم رەھمىدىل يۈرەك ئىدى. ھېچقانداق ئادەمنىڭ دىلىنى زىدە قىلمايدىغان رەھمىدىل يۈرەك ئىدى» دىگەن قاتىلنىڭ دەل ئۈزى شۇ.

كېرري توك ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۈلۈم جازاسى ئىجرا قىلنىشقا بۇيرىلىدۇ. ئۇ سىنسىن تۈرمىسىدىكى ئۈلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان جايغا بارغان چاغدا « مانا بۇ قاتىللىقنىڭ ئاقىۋىتى دەمدۇ » ياق ئۇنداق دىمەستىن مىنىڭ ئۆزۈمنى قوغدىغانلىقنىڭ نەتىجىسى دەيدۇ.

بۇ ئىشنىڭ نەق يىرى شۇكى، قوش تاپانچىلىق مەرگەن كېرري ھېچقانداق ئىشتا ئۆزىنى ئەيىپلەپ باققان ئەمەس.

بۇ قاراقچىلاردا بۇلىدىغان ئۆزگىچە بىرخىل پۇزۇتسىيەمۇ، ئەگەر سىز شۇنداق ئويلىسىڭىز تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭ !

مەن ئۆمۈرۈمنىڭ ئەڭ ئېسىل ۋاقىتلىرىنى باشقىلارنىڭ ئارامخۇدا كۆڭۈل ئېچىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىش، شاد-خۇرام ئۈتىشىگە ياردەم بىرىشقا سەرىپ قىلدىم، ئەمما، مىنىڭ ئېرىشكىنىم ئاھانەت بولدى، تۇتقۇن قىلنىش تۇرمۇشى بولدى» بۇ ئاركا پىننىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپ. شۇنداق ئاركا پىن ئامىركىنىڭ ئۆتكۈشىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۈشمەن، چىكاكودىكى زوراۋان بەدنىيەت باندىتنىڭ كاتتاۋېشى تۇرۇقلۇق ئۆزىنى بىر ئېغىز ئەيىپلەپ باقمىغان، ئۇ ئۆزىنى چىن دىلىدىن جامائەتنىڭ شاپائەتچىسى، مىننەتدارلىقا سازاۋەر بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، خاتا چۈشۈنىلگەن جامائەتنىڭ شاپائەتچىسى دەپ قارىغان.

سولزىرمۇ نىيويۈرك بويچە ياۋۇزلىقى ھەممىگە ئايان بولغان بىر قاراقچى تۇرۇقلۇق نىيوۋاللىدا بىر مەرگەننىڭ ئۇقى تىگىپ يارلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى شاپائەتچى دەپ قارىغان. گىزىتخانىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ئۆزىنىڭ جامائەتنىڭ شاپائەتچىسى دىگەن. دېمەك ئۇ ئۆزىنى چىن يۈرىكىدىن بىر شەپقەتلىك ئادەم دەپ ھىساپلىغان.

مەن سىنسىن تۈرمىسىنىڭ لوئىس بىلەن مۇشۇ توغۇرلۇق بىر نەچچە قېتىم خەت يېزىشتىم.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، « سىنسىندىكى جىنايەتچىلەرنىڭ بىرىمۇ ئۆزىنى يامان ئادەم دەپ قارىمايدۇ، ئۆزىنى سىزگە ۋە ماڭا ئوخشاش ئادەم دەپ قاراپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ، ئۇلار نىمىشقا بىخەتەرلىك ساندۇقىنى چاققانلىقىنى، نىمىشقا تاپانچىنىڭ تەپكىسىنى يىنىكلىك بىلەن باسقانلىقىنى، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈپى مەيلى خاتا بولسۇن مەيلى مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولسۇن مەقسەتلىك ھالدا بىرخىل ئەقلى خۇلاسە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەمىيەتكە قارشى ھەركىتىنىڭ توغۇرلىقى ھەققىدە مۇنازىرلىشىدۇ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئاشۇخىل پۇزۇتسىيە تۇتىدۇ. شۇڭا ئۇلار سۇلاققا چۈشۈشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ھەققىدە مەيدىگە مۇشتلاپ سۆزلەيدۇ.

دېمەك، ئاركاپىن، قوش تاپانچىلىق مەرگەن كېرري، سولزىر ۋە تۈرمىدىكى جېنىدىن تويغان ئەبلەخلەرگە ئوخشاش ئادەملەر ئۆزىنى قىلچىمۇ ئەيىپلىمىگەن، ئۇنداقتا سىز ۋە مەن ئۇچىراتقان باشقا ئادەملەرچۇ ؟

بۇ ئالەمدىن كىتىپ قالغان جون ۋاننا ماركىر بىر ۋاقىتلاردا مەن ئۆزىنى ئەيىپلەشنىڭ ئەخمىقانىلىق بۇلىدىغانلىقىنى 30 يىل بۇرۇنلا چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. مەن ئاللانىڭ ئەقىل پاراسەتنى تەڭ تەقسىم قىلمىغانلىقىنى ئەيىپلىمەيمەن. چۈنكى ئادەم كەمچىلىك ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ»

ۋاننا ماركىر بۇ نوقتىنى بۇرۇنلا چۈشىنىپ يەتكەن ھالبۇكى « مەن ئادەملەرنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقى مانا مەن دەپ تۇرسىمۇ، 100 قېتىمنىڭ 99 دا بىرەر ئىش توغۇرلۇق ئۆزىنى ئەيىپلىمەيدىغانلىقىنى، بۇ شەپقەتسىز زىمىندا ئۈچتىن بىر ئەسىرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ھېس قىلدىم» دېگەن ئېكەن.

ئۇنداقتا سىز نىمە ئىش قىلغانغا ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەيىسز، ئىشەنچىڭىزنى يۇقىتىسىز، ئۆزىڭىز يۇقاتقان ئىشەنىچنى ھېچكىم تۇرغۇزۇپ بىرەلمەيدۇ.

دوستلىرىمغا تاغدەك ئىشەنچ تىلەيمەن … روھچىن 

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-نىشانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . .

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2015- يىل 19- مارت 10:35 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تۇلىمۇ ياخشى ھىكايكەن رەھمەت…

  2. ھىلال
    ۋاقىت: 2015- يىل 17- مارت 08:57 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سىز بىلەن ئالاقىلاشسام بولاتتى…… ۋاقتىڭىز چىققاندا ئىزدىسىڭىز بوپتىكەن…… ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم……

  3. ھىلال
    ۋاقىت: 2015- يىل 17- مارت 08:56 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تۇلىمۇ قالتىس ھېكەيە ئىكەن. شۇنداق يۇقاتقان ئىشەنچىمىشنى ھېچكىم تىكلەپ بىرەلمەيدۇ…… ھەممىگە بولغان ئىشەنچ يوق بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز كېرەك……

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*