Qiz

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھچىن خاتىرىسىدىكى قەدىردانلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ ؟

نەچچە كۈن تورغا قارىيالمىسام كەچكۈزجان بىلەن روھچىنجان ئېغىر-ئېغىر تىمىلارنى يوللاپ سىلەرنى خېلى چارچىتىپ قۇيۇپتۇ.

بۈگۈن سىلەر بىلەن يىنىك مۇزىكا، يىنىك رەسىم، يىنىك پاراڭلار بىلەن ھەم-سۆھبەت بۇلۇشنى ئىزدەپ قالدىم.

قېنى قەدىردانلار پاراڭغا مەرھەمەت…

شەھەر تەرەققى قىلغانسىرى ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلدۇق. ئەمما، قەلبلەر يىراقلاپ كەتتى.  تاركۇچىلاردا ئادەمىنىڭ كۆپلىگىدىن تاپان باسقۇدەك يەر يوق. لېكىن قەلبلەر باياۋاندا قالغاندەك يالغۇز غېرىپسىنىدۇ.

بىر ئىسىمگە كىلىپ قالدى، 1- ئايدا سۇغۇق تازا كۈچەيگەندە بىر كۇچىدا كىتىۋاتسام بىر قېرى خەنزۇ مەندىن يىگىرمە مىتىر يىراقلىقتا مۇزلۇق يەردە تېيلىپ يېقىلىپ چۈشتى. مەن ئۇدۇل بېرىپ يۈلىمەكچى بولدۇم يېنىغا بارغانچە بىرمۇنچە خەنزۇلار يىغىلىپ قالغان ئىدى. لېكىن، ھېچ بىرسى يۈلەپ قويمىدى. ھەممىسىنى ھېلىلا بىر قىززىق ئۇيۇن چىقىدىغاندەك قارىشىپ تۇراتتى. مەنمۇ ناھايىتى غەيرەت بىلەن كىلىپ يېنىغا كىلىپ توختاپ قالدىم.

بىردەم تۇردۇم يۈزى مۇزغا يېقىلىپ تۇراتتى بىرەسە قۇتقۇزۇشقا تېلفۇنمۇ قىلمىدى يۈلىمىدى مەنمۇ يا بېرىپ يۈلەشكە جۈرئەت قىلالماي يا قاراپ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي كىىتىپ قالدىم.

بۇ يەر شەھەر بولماي بىر سەھرا بولغان بولسا يۈلەيدىغان ئادەم يوقلىقىدىن يېتىپ قالغان بولسا ھېچكىمدىن ئاغرىنمايتتۇق. لېكىن بۇلار ئالا بۇرۇن ئادىمىيلىكىنى يۇقاتقان بولغانلىقتىن ئادەمنىڭ يوقلىقىغا ئوخشاشلا ئاقىۋەت يۈزبەرگەن ئىدى. شۇنداقلا مەنمۇ ئادىمىيلىكىمنى يۇقىتىپ ياردەمگە ئىھتىياجلىق بىرىگە ياردەم بىرىشكە كۈچۈم يىتىدىغان تۇرۇپ كىتىپ قالدىم.

ئادەملەرنىڭ بىر يەرگە جىمىسى يىغىلىپ قەلبى يىغىلمىسا بۇنداق شەھەرنىڭ باياۋاندىن  نىمە پەرقى …

01

ئەڭ يىراق ئارلىق ئىككىمىزنىڭ ئالەمنىڭ ئىككى تەرپىدە بۇلۇپ قالغىنىمىز ئەمەس. بىر يەردە تۇرۇپ قەلبىمىزنىڭ سىردىشالمىغانلىقى…

02

سېغىنىش شۇنچىلىك تاتلىق نەرسە. . . قىينايدۇ ئەمما ھوزۇرلىنىمىز. يانفۇنۇمنىڭ مەن ئامراق تەرپى ئۇ سىنىڭ خەۋىرىڭنى ئېلىپ كىلىدىغان ئەلچى بولغانلىقىدا …

03

مۇھەببەتتە ئالدامچىلىق، ھامان مۇداپىئەنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

05

سەن مىنى سۆيگەندە مەن سىنى سۆيمەيمەن. مەن سىنى ئىزدىگەندە سەن ئاللىقاچان كىتىپ قالىسەن. مانا بۇ سۆيگۈدىكى ئۇڭايسىزلىق…

04

سەن يېنىمدا بولمىغانلىقىڭ ئۈچۈنلا قەدىرلىك. شىئىرلار، ھىكايىلەر، داستانلار ھەممىسى سەن يېنىمدا بولمىغان تۈنلەردە پەيدا بولغان.  ئەمما ھەربىر شىئىر پەيدا بۇلىشىدا قەلبىمنى بىر ئىزىپ ئۇن قىلىدۇ. بىلمىدىم قەلبىم بۇنىڭدىن تاۋلىنامدۇ ياكى ئاجىزلامدۇ . . .

06

ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى بار ۋاقتىدا قىلمىسىڭىز ياراشمايدۇ. ئەلۋەتتە ھەر بىر پەسىلنىڭ، ھەربىر ياشنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى جايىدا تېپىپ قىلىۋالمىسىڭىز ئۇنىڭ ۋاقتى مەڭگۈلۈككە كەتكەن بۇلىدۇ.

08

مۇھەببەت قەلبتىكى ئىختىيارلىقىڭ ئۇنىڭ ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيمەي سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ياخشى بۇلىدۇ.

 

07

سىرداشلار سىلەرنىڭمۇ پىچىر-پىچىرىڭلار باردۇ . . .

يازما ئاپتورى:

قەلبىم بىر دۇنيا، ئۆزۈم بىر دۇنيا. روھچىن قەلب خاتىرسىدىن قەلب تىۋىشلىرىنى ئۇقۇپ كىلىۋاتقىلى تۆت يىل بولدى. ئۆزۈمنىڭمۇ نۇرغۇن قەلب ھېسلىرىم بارئىدى، روھچىن قەلب خاتىرسىدىكى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى، بىلمىدىم قارشى ئالامسىلەركىن.... دوستۇڭلار قەلبىم

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. دىلمۇرات رونالدو
    ۋاقىت: 2015- يىل 6- مارت 06:04 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بۇدۇنيا نىمانداق چوڭ ئە…….

  2. دىلمۇرات رونالدو
    ۋاقىت: 2015- يىل 6- مارت 06:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەي…….

  3. ۋاقىت: 2015- يىل 2- مارت 20:44 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل يازمىلار……………ئېسىل رەسىملەر………..ئېسىل مۇزىكىلار……………..

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*