gul

ھاياتلىقتىكى ھەربىر جانلىقنىڭ بىر ۋەزىپىسى  بۇلىدۇ، ئۇ ۋەزىپىسىنىڭ قىيىن، ئاسان نوقتىللىرى، مۇشەققەتلىك، راھەتلىك ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ.

بۇ كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇداتقا ئورتاق ۋەزىپىدۇ.

جۈملدىن ئىنسانلارمۇ رىزقىنى قايسى ئۇسۇلدا تېپىپ يىيشىدىن قەتئىي نەزەر ئىسسىق-سۇغۇق، قاتتىق-يۇمشاق ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ.

ئىنساننىڭ قەلبى تۈشۈك بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، يوق ۋاقىتتا بار بولمىغنىدىن قاقشايدۇ، بار بولغاندا كۆپ بولمىغنىدىن قاقشايدۇ، كۆپ بولغاندا زىرىككىنىدىن قاقشايدۇ.

تۇرمۇش يۇلى بىر ئۆستەڭگە ئوخشايدۇ، ياز كۈنلىرى ئۆستەڭگە پاتمايدىغان كەلكۈنلەر كەلسە قىش كۈنلىرى كۈن بۇيى چاڭ-تۇزان ئۆرلەپ تۇرىدۇ.

بەختلىك ۋاقىتلارنى پەقەت ئۆتۈپ كەتكەندە ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ، قايغۇلۇق ۋاقىتلارنى دەل ئۈزىدە ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ. بەخت قولدىن كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ بەكلا تىز ئۈتۈپ كەتكىنىنى ھېس قىلىسىز، ھەتتا« بەختنى بىر ھېس قىلغۇدەكمۇ ۋاقىت بولماپتىكەنغۇ» دەپ قالىسىز. بۇ دەل ئىنساننىڭ قانائەتسىزلىكىدىن پەيدا بولغان تۇيغۇ. ئەمىلىيەتتە قايغۇ سىزدە بىركۈن تۇرسا بەخىت بىر يىل تۇرىدۇ. ئەمما، قايغۇلۇق كۈنلەر كەلگەندە بەختلىك كۈنلەرنى تىزلا ئۇنتۇپ كىتىسىز، گويا تۇغۇلغاندىن بىرى مۇشۇنداق كۈلپەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەندەك، ئۆزىڭىزدە ئىلگىرى بەخىت بۇلۇپ  باقمىغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالىسىز.

مەن پىشىپ يىتىلىش ھەققىدە نۇرغۇن ھىكمەتلىك سۆز، ماقالىلەرنى ئۇقۇدۇم.

شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ ھاياتلىق ھەققىدە بەزى قاراشلار ھاسىل بولدى.

قۇرداشلىرىمغا ۋە ئۆزۈمگە مۇنۇ بىر جۈملىنى سوۋغا قىلغۇم بار:

قولدا بار ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، يوق ۋاقىتتا سەۋىر قىلىش مۇكەممەللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

مەنچەپىسخىكىڭىز مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەن بولسا ھاياتلىقتا ئارتۇقچە كۈلپەتكە يۇلۇقمايسىز. چۈنكى، كۈلپەتنىڭ ئۇرۇقى قولدا بار ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقتىن چەكتىن ئشىپ كەتكەندە بىر بىخلانسا، يوق ۋاقىتتا سەۋىر قىلالماي ئەقىلسىز ئىشلارنى قىلىپ قويغاندا بىر بىخلىنىدۇ.

hizmat

سەۋىر ئۇ شۇنداق چىرايلىق نەرسىكى، قولدىن كەتكىنىگە قايغۇرۇشتىن تۇسۇپ، قالغىنىغا شۈكۈرى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئېرىشەلمەيدىغانلىرىغا ئۆكۈنۈشتىن تۇسۇپ، ئېرىشەلەيدىغانلىرىغا ئىجتاھات قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

يۇقىغا دەرت تارتىشتىن تۇسۇپ، بارىنىڭ قەدرىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۆزىدىن يۇقىرىغا قاراپ ئاھ ئۇرۇشتىن تۇسۇپ، ئۆزىدىن تۈۋىنىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

خۇشاللىقلارنىڭ تىزلا ئۆتۈپ كەتكىنىدەك قايغۇلارنىڭمۇ ئۇزۇن تۇرمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

بارىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، يۇقىدا سەۋىر قىلىشنى ئۈگۈتىدۇ.

تەبىئەتكە ئەتىيار پەسلىدە چىچەك، ياز پەسلىدە ھوسۇل بىرىپ، كۈز پەسلىدە ياندۇرۇپ ئېلىپ قىش پەسلىدە بىر بىرلەپ ھىساپ سورايدىغان تەقدىر، ئىنسانغىمۇ ئوخشاشلا تۆت پەسىلنى بەرگەن، نىمە دەپ سىزنىڭ قىش پەسلىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ باھار پەسلىنى سېلىشتۇرغۇدەكسىز.

سەۋىر ئۇ شۇنداق دانىشمەن ئۇستازكى باياشاتچىلىقتا يوقسىزلىق ۋاقىتلىرىڭنى ئىسىڭگە سېلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىككە نەسىھەت قىلسا، يوقسۇز ۋاقىتلىرىڭدا باياشات ۋاقىتلىرىڭنى ئىسىڭگە سېلىپ تەمكىن بۇلۇشقا ئۈندەيدۇ.

گۆش يۈز سېلىتسىيە قايناقسۇدا 30 مىنۇت قاينىمىسا پىشمايدۇ، سەي 200 سېلىتسىيە قىززىغلىقتىكى مايدا قورۇلمىسا يىگىلى بولمايدۇ.

مىڭ سېلىتسىيە قىززىغلىقتىكى ئوچاقتا تاۋلانمىغان قېلىچ جەڭگە يارىمايدۇ. ھالبۇكى، پىشىشقا، تاۋلىنىشقا يارىمايدىغان نەرسىلەرنى ھېچكىم تاۋلاپ يۈرمەيدۇ.

ئەجەبا بىر ئۆمۈر ئۆيگە لىفىت بىلەن چىقساق بولامتى، توك كىتىدىغان، لىفىت بۇزىلىدىغان ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مېڭىشىڭ كىرەك، يىغالاپ يېتىۋالغان بىلەن ئۆيگە چىقىپ قالغىلى بولمايدۇ.ئەمما، ئاشۇ مېڭىشلار پۇت-قۇلۇڭغا، بىلىڭگە قانچىلىك ماغدۇر توپلانغانلىقىنى بىلىپ بېقىش پۇرسىتى بىرىدۇ.

نەچچە قېتىمىلق پۇسەتنى كەتكۈزۈپ قۇيىسىز، ئەمما، ئۇ پۇرسەتلەر بىكارغا ئۆتۈپ كەتمەي سىزگە بىردىن ئەينەك بىرىپ كىتىدۇ. سىز ھەربىر ئەينەكتىن ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى كۆرەلەيسىز.

سەۋىرقىل

بۇنداق دەرىسنى خارۋاردتا ياكى ئەرقالدا ئۇقىيالمايسەن، بۇ پەقەت مۇشۇنداق بەدەل بىلەن ئۇقۇيدىغان دەرىس، ناۋادا بىخى ھالىتىڭدە مۇشۇنداق بىر دەرىس ئارقىلىق تاغىرىڭدىكى تۈشۈكنى بايقىمىغان بولساڭ، تاغىرىڭغا لىققىدە بايلىق قاچىلاپ بولغاندا تۈشۈك ئېغىزى ئېچىلىپ كەتسە قانچىلىك تۈكۈلۈپ كىتەر ئىدى.

سەۋىر قىل چۈنكى بۇ ئەركەكلەرنىڭ قىسمىتىدۇر، ئەركەكلىكتە ۋايىغا يەتمىگەنلەر بۇنداق قىسمەتتىن مەھرۇمدۇر.

سەۋىر قىل تۇرمۇشتا ھەر بەرسە يۈز بىرىدۇ، سەن ھەرگىز ئۇنداق بۇلۇپ قالمىغىيدى دىگەن ئىشلار ناھايىتى تىز شۇنداق بۇلىدۇ.

مۇمكىن ئەمەس دىگەن ئىشلىرىڭ كۆز ئالدىڭدا مۇمكىن بۇلىدۇ.

باشقىلارنىڭ بېشىدىكى قىسمەتكە ھەيران بۇلۇپ تۇساڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىدا يۈزبىرىدۇ.

تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئىشنىڭ بۇلىدىغىنىغا ئىشىنەلمىسەڭ ياكى قۇبۇل قىلغۇدەك جۈرئىتىڭ بولمىسا تېخى بالا مىجەزىڭ يۇقالمىغان بۇلىدۇ.

مىنىڭ بېشىمغا ئۇ كۈن كەلسە مەن ئۈلۈپ قالارمەن دەيسەنيۇ ئۇنىڭدىن قاتتىق كۈنلەردە ياشايسەن.

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-نىشانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . .

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ھىلال
    ۋاقىت: 2015- يىل 17- مارت 05:32 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    شۇنداق ئېسىل بىر يازمىنى تۇلىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن…… شۇنداقمۇ بىر ئېسىل دەرس، ھېكىمەت بىلەن ئۇچېرىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ھارمىغايسىز…… شۇنداق كۈنلەر بېشىمغا كەلسە ئۆلۈپ كېتىمەن دەپ ئويلايمىزيۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېغىر كۈنلەر بېشىمىزغا كىلىدۇ……ئىنسان بولۇپ تۆرەلدۇقمۇ بېشىمىزغا ھەر قىسمەت كېلىدۇ، ئاشۇ قىسمەتلەرگە سەۋىر قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلىنىشىمىز كېرەك…… ھەر يازمىڭىزنى كۆرسەم بىر ئۈمىدكە ، بىر ئىشەنچىكە تولىمەن، ياخشى بىر دەرس ئالىمەن……

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*