ھاياتتا ئۇچرىشىش، ئايرىلىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ. دوستلۇق، كەسىپ، مۇھەببەت، قېرىنداشلىقلار دائىم ئايرىلىشلارغا ئۇچىراپ تۇرىدۇ.
بەزى ئايرىلىشلار بار، كونا توشىيىڭىزنى سېلىۋەتكەندەكلا تاشلاپ كىتەلەيسىز، بەزى ئايرىلىشلار بولسا يۈرىكىڭىزنى ئامبۇربىلەن قىسىپ تولغىغاندەك ئاغرىققا قالىسىز.
ئايرىلىش ئەبەدىيلىك ئۈچۈن بولغاندا ئازاپلانماسلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى چۇقۇم ئۇنتۇش كىرەك، شۇنداق بولغاندىلا يۈرىكىڭىزنىڭ تولغىقىنى توختىتالايسىز.
بەزەنلەر ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇنتۇش مۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھچىن خاتىرىسىدىكى قەدىردانلار سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ ؟
نەچچە كۈن تورغا قارىيالمىسام كەچكۈزجان بىلەن روھچىنجان ئېغىر-ئېغىر تىمىلارنى يوللاپ سىلەرنى خېلى چارچىتىپ قۇيۇپتۇ.
بۈگۈن سىلەر بىلەن يىنىك مۇزىكا، يىنىك رەسىم، يىنىك پاراڭلار بىلەن ھەم-سۆھبەت بۇلۇشنى ئىزدەپ قالدىم.
قېنى قەدىردانلار پاراڭغا مەرھەمەت…
شەھەر تەرەققى قىلغانسىرى ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلدۇق. ئەمما، قەلبلەر يىراقلاپ كەتتى. تاركۇچىلاردا ئادەمىنىڭ كۆپلىگىدىن تاپان باسقۇدەك يەر …
ھاياتلىقتىكى ھەربىر جانلىقنىڭ بىر ۋەزىپىسى بۇلىدۇ، ئۇ ۋەزىپىسىنىڭ قىيىن، ئاسان نوقتىللىرى، مۇشەققەتلىك، راھەتلىك ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ.
بۇ كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇداتقا ئورتاق ۋەزىپىدۇ.
جۈملدىن ئىنسانلارمۇ رىزقىنى قايسى ئۇسۇلدا تېپىپ يىيشىدىن قەتئىي نەزەر ئىسسىق-سۇغۇق، قاتتىق-يۇمشاق ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ.
ئىنساننىڭ قەلبى تۈشۈك بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، يوق ۋاقىتتا بار بولمىغنىدىن قاقشايدۇ، بار بولغاندا كۆپ بولمىغنىدىن قاقشايدۇ، كۆپ بولغاندا زىرىككىنى…
ھاياتلىقنىڭ يۈگىنى
مەن ئادەتتە جىمجىت جايلارنى تېپىپ ئۆزۈم يالغۇزخىيال سۈرۈشكە ئامراق، بۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايمەن.
ئاندىن كىشلىك ھايات، مەسئۇلىيەت, مىھرى-مۇھەببەت توغرىسىدا ئۆزۈمگە كۆپلىگەن سۇئاللارنى قۇيىمەن ۋە سۇئاللىرىمنىڭ مىنى قايىل قىلغۇدەك جاۋابىنى ئىزدەيمەن.
تىنىچ جايلارغا بېرىپ ھاياتلىقنىڭ جىمجىتلىقىدىن ئۆزۈمگە ئۆزگىچە تۇيغۇ تېپىشنىمۇ ھاياتىمنىڭ مەنىلىك بىر قىسمى.
سىزمۇ پىنھان جايلارغا بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئا…
بەھرەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
ھاياتىمىزنى بەزەنلەر كۇچا ئاپتۇۋۇزىغا ئوخشىتىدىكەن،مەن بۇ ئوخشىتىشقا قايىل بۇلىمەن، ھاياتلىق سەپىرىمىزدە نۇرغۇن ئادملەر چىقىپ-نۇرغۇن ئادەملەر چۈشۈپ قالىدىكەن، ئەمما. ئاخىرقى بىكەتكىچە بىزبىلەن بارىدىغانلار بەكلا ئاز ھەتتا بەزەن ۋاقىتتا ئاخىرقى بىكەتتە يالغۇزلا چۈشۈپ قالىدىكەنمىز.
ئەتىراپىمىزدا لىققىدە ئادەم، ئۈسسۈشۈپ، سۇقۇلۇشۇپ، تۇسۇلۇشۇپ ئۈتۈپ كىتىمىز.
بىركىملەر بىلەن قىستىلىشىپ مېڭىپ كىتىمىز. ئەمما، ئىزدەيدىغىنىمىز باشقا ئادەم، ئۇنى ئەس…
بۇ يازما 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى يېزىلغان. ھازىرغىچە بلوگىمدا ئېلان قىلماپتىمەن بۈگۈن ئېلان قىلىۋەتتىم.
بۈگۈن بىر بەندە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن خەت بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئەمىلىيەتتە راست بۈگۈنمۇ، ئەمەسمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. چۈنكى، يەرشارىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدىغان ئادەم يوق.
كىملىكىدە 5-24 دەپ يېزىلغان. ئەمىلىيەتتە يېشىنى ئىككى قېتىم چوڭايتقىنىنى بىلىدۇ. ئەمما، زادى قانچە ياش چوڭايتقىنىنى بىلمەيدۇ.
تۇنجى قېتىمدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدىن چى…
نۇرغۇن ئادەملەر شائىرانە ھېس-تۇيغۇلارغا باي بولسىم، قەلىمى ئۇنچىۋىلا كۈچلۈك بولماي قالىدۇ. نۇرغۇن لېرىك خىياللارنى قىلىدىيۇ. ئەمما، ھەممىسى قەبلىدە خىيال پېتى قالىدۇ. لېرىك تۇيغۇلارنىڭ پەيدا بۇلىشى بىر باشلىنىش بولسا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ لىرىك قەلەم كىتىدۇ. ئۆزىمىز دىيەلمەيۋاتقان قەلب پىچىرلىرىمىزنى بۇيەردىن ئاڭلايلى
يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن،
سۈڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بۇپتىكەن.
نە ساۋاپ، نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا،
گۇناھىم ھەقدارغا يىتىپ بۇپتىكەن.…
قۇيۇش كونوپكىسىنى باسمىسىڭىز ماڭمايدۇ
ھاياتىمدىكى ئەڭ يامغۇرلۇق كۈنلەر بالا ۋاقىتلاردا جاڭگالدا كالا-قوي بېقىۋاتقاندا بولغان ئېكەن. بار-يوق سېلىنچىمىز بىردا ئۇغۇت چىپتىسى ئېدى. نەم يەردە ئولتۇرساق چىپتىنى ئاستىمىزغا سېلىۋلاتتۇق. يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق قىلىپ كىيۋالاتتۇق. توشەينى ئاستىمغا قۇيۇپ، چىپتىنى كىيىپ، چىپتىنىڭ يۇچىقىدىن تاراسلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىسىغا سىنچىلاپ قارايتتىم. دادامنىڭ «ھەربىر يامغۇر تامچىسىنى بىر پەرىشتە ئېلىپ چۈشىدۇ» دېگەن گىپىنى ئەسلەپ…
روھچىن
كەچكۈز
كەچكۈز
كەچكۈز
كۆنچى
روھچىن
روھچىن
روھچىن