رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
- مەن بىر مۈشۈك
سوزۇلۇپ يىغىلىپ تۇرغان پەي
كىيىم ئاسقۇچ
قەغەز مىخلىغۇچ
يەۋەتتىم ھەممىسىنى
يەۋەتتىم
مەن بىر مۈشۈك
مەن قاتتىق تاملارنى يىيىشكە رازى
يىيەلمەيمەن يۇمشاق تىللارنى
قاتتىق جەبىرنى كۆتىرىمەن يۇمشاق گەۋدەمدە
يىيەلمەيمەن، ئەي ھەسرەت سېنى.
... - سۈزۈك سۈزۈك ئاۋازىڭ
سوزۇلۇپ-سوزۇلۇپ كىردى ئىچىمگە
يۈرىكىمنى تۇتۇپ قويدۇم ساڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم،
سەن بۇنى ھېس قىلالايسەن
ھېس قىلالايسەن يۈرىكىڭ بىلەن.
ئارا تۈرۈكنىڭ سوغۇق، قۇرغاق ھاۋاسى
ئاڭلىنىپ تۇردى تىلىفۇننىڭ يەنە بىر ئۇچىدا
مەن ئېسەدىد... - قىيپاش ئۇچىۋاتقان بوۋان
جىمجىت كۆيىۋاتقان خىيال
مەن يەكشەنبىنى سۆيۈپ
تۇرۇپ
ھايات گۈزەل دەپ تۇۋلايمەن،
توۋلايمەن بۆرىدەك ھوۋلىغان
پېتىم
دېرىزىدىن ياغىدۇ ئۈمىدتەك قۇملار
كۆزلەرگە يامىشدۇ ئاچچىق
رىۋايەت
مەن ساڭا نىمىنى قىلاي سىمۋۇل
ئەي ماڭا ياماش...
ئۆيدە تەييار تاماق
يىيىش
رىسالەت مەردان
قىزىم چاي دەملەيدىغان بولدى
ئۇ
پەلەينى كىيىپ
قايناقسۇنى چەينەككە قۇيغاندا
ئىسسىق چاي ھورى
نەمدىدى
مېنىڭ قۇرغاق قەلبىمنى
<<ئانا، چاي دەملەپ بىرەي ئۆزۈم،
ماقالىڭىزنى
يازسىڭىز بولمامدا؟...ئۇزىماقتا ھەممە نەرسىلەر
قولۇمدىكى بىر ئۇچۇم قۇمدەك
ئۇزىماقتا كېتىپ كەلمەسكە
سېنى ھېلىھەم سېغىنىمەن
سېنى ھېلىمەن ياد ئېتىمەن
ئەي كونا يىل
كۆزۈمدىكى بىر تامچە ياشتەك.
سەندە ئايرىلدىم بىر قانىتىمدىن
سەندە ئېرىشتىم نۇرغۇن نەرسىگە
كۆز ياشلارغا چىلاندى...
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
پەيلىرى ئەمدى يىتىلگەن قۇشتەك
ئاسماندا تىتىرەپ ئۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ
بىر ھاياجاندىن تىتىرەپ كىتىۋاتىمەن
بىر مىسىرادىن ئۇچۇپ كىتىۋاتىمەن
بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يىراقتىن
سېنى باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ...
سەن بىلم...
تويۇڭغا بارالمىدىم، بارالمىدىم
ئۆزۈم بۇ يەردىمەن، خىيالىمدا كىزەر رىستۇران.....
:'(
سىڭلىم، سېنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدىم،
ئاپئاق چۈمبىلىڭ ئاستىدىكى بەخىتكە تولغان چىرايىڭنى كۆرمەكچى ئىدىم،
توي پولۇيىڭنى يىمەكچى ئىدىم،
رىستۇراندا، بەخىت...
كۈتمەكتىمەن بەلكىم نىمىنى
ئاھ، ئىچىمدە كۆيمەكتە بىر ئوت
بىر ئەتىرگۈلمەن غەمكىن ئېچىلغان،
بەرگىلىرىم كۆز يېشىمنى سۈرت
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۆز دەردىمنى قىلدىم تاماشا
مەن شېئىرنى يازمىدىم بەلكى،
شېئىر مېنى يازماقتا قايتا
كۈتۈش كوچى...
قۇم يامغۇرى
چاي
ئىچكەچ ئولتۇرۇپ
قۇم يامغۇرىغا قارايمەن ئۈنسىز
قۇمنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى
بولمايدىغان دانچىلىرى
دېرىزىدىن كىرىپ كېلىدۇ
كىرىپ كېلىدۇ يۈدۈپ
كەچمىشىنى
مەن بىناۋا
قۇملار چەكسىز
دېرىزەمدىكى ئەينەكتە قۇملارنىڭ
يېشى
پىيالەمدى...
كۈن چىقماقتا تاشلار ئىچىدىن
نۇر
چاچىدۇ سوغۇق ئورمانلار
ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇپ جېنىم
سېغىنىمەن ئەي سۆيۈملۈك
يار
سېنىڭ ئاپتابىڭ كەم قالدى ماڭا
سېنىڭ مېھىرىڭ يەتسىمۇ
گەرچە،
بامبۇك ئورمان ئارا ماڭغاندا
سېغىنىمەن سېنى بىر مەرتە
تاش
ئورمان جىمجى...- مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستۇتىغا 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى قەدەم باسقان
ئىدىم. ئۇ كۈنى يامغۇر ياغدى، راسا چىلىقلاپ ياغدى، ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا
مۇڭلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، تولۇق كۇرسنى بۇ يەردە ئوقۇغان، ماگىستىرلىقنى مەن بىلەن
ئوقۇغان بى...
قارا قەھۋە، ئەي قاپقارا قەھۋە
قايسى تۇپراقنى يېرىپ چىققانسەن ؟
قايسى قولدىن مېڭىپ چىققانسەن؟
ئىستاكاندا سۇغا چىلىشىپ
قايسى كۈنلەرنى كۆرۈپ چىققانسەن ؟
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئىچىۋەتتىم قىرتاق بولساڭمۇ
كۆز يېشىمغا ئوخشايسەن بەزەن
سەن قاپقارا، ...
سەھەر ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاچتى
مېنىڭ جىمغىنە تۇرغان قەلبىمگە.
مەن خوشال ئۆزۈمدىن موشۇ كۈنلەردە.
ئاتقان تاڭغا، يۇلتۇزغا رەھمەت
مەندىن ئۇلارغا چەكسىز مۇھەببەت.
ھەمدۇسانالار بولسۇن تۈگىمەس،
مەندە بىر ئوت بار پەقەتلا ئۆچمەس.
مەن ئۆزۈملىكىمنى ئەسل...
1-قىسىم
زامانلارنىڭ زامانسىدا، ئوتۇنلارنىڭ كامارسىدا، ئىككى تاغنىڭ نېرىدا، ئۈچ قۇملۇقنىڭ نېرىدا، ئالتۇن تاغ بىلەن قارا قۇرۇم تۇتاشقان جايدىن مىڭ يول يىراقلىقتا، ئېيىق ئوۋلىغان يەرنىڭ كەينىدە باغداش دەپ بىر يۇرت بار ئىكەن، قىرغاۋۇل يەردىكەن، قۇ...
ھاجى ئىمىن تۇرسۇنغا مەرسىيە
رىسالەت مەردان
قاش-كۆزىنى ۋاقىت ئاقارتقان
ئۇ ۋاقىتنى ئاقارتقان ئاپئاق.
ھاسا تايىقى چىناردىن ئىدى
ماڭسا تىترەيتتى دەرەختە ياپراق.
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن كەلدى،
بىر توپ دەرەخ سۈكۈتتە تۇردى.
جىم ئاڭلايتتى تارىخ، كەچمى...
بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
بوۋاقلار بىر يىل ئىچىدە بەش-ئالتە قېتىم زۇكام بولۇشى تەبئىي ئەھۋالدۇر، زۇكام بولغاندا بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، بۇرۇن پۈتۈپ، يۆتىلىپ، گېلى ئاغرىپ، چارچاپ، ئىشتىھاسىزلىنىپ، قىزىپ قالىدۇ. بىر ياشقا توشمى...- بازار ئايلىنىش
ھاۋا ئىسسىپ قاپتۇ
كۆڭلىدە بىخ چىقىرىپتۇ يوپۇرماقلار
كىشىلەر كوچىلاردا يۈرەر ئايلىنىپ
مەن يۈرىمەن يۈرىكىمدە
ئالما سېتىۋاتقان، توخۇ كاۋىپى پىشۇرىۋاتقان
قېتىق سېتىۋاتقان ....قىزلارنىڭ كۆڭلىدە نىمە خىيال بار؟
بەش بالىسى بىلەن تاشلانغا... - سەن يوق كۈنلەردە
مەن خىيالغا پاتتىم لىققىدە
سەن يوق كۈنلەردە
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يەنە
كۆزلىرىڭگە پاتقۇم كېلىدۇ
يۈرىكىڭدە ياتقۇم كېلىدۇ
ئاھ، پايانسىز خىيالىڭ ئارا
مەست ئات بولۇپ چاپقۇم كېلىدۇ
سەن يوق كۈنلەردە
ئاي چاچمىدى نۇرىنى ھەتتا
سەن يوق كۈ... دادا سېنى بەكلا سېغىندىم
كۆز ياز بولۇپ بالقىدى ئازاپ
مەيدەمدە بىر نەرسە كۆيدى لەپىلدەپ
تېلىفۇندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ
دادا، دادا، جان دادا
ئىسىڭدە بارمۇ مەن تۇغۇلغان چاغ
خوش بولغانمۇ شۇ كۈنى بەكلا
قوللىرىڭدا ۋىلىقلاپ كۈلسەم
كىتەر دىگەنمۇ يىراق-يىراقق...- رىسالەت مەردان
قومۇلدا قار يېغىپتۇ
تېلىفۇندا كۆرگەندەك بولدۇم ئاق قارنى
دادام قويلارغا ئوت بىرىدۇ،
ئاپام ھويلىدا
ئاق پاختەكتەك قارلارنى تازلايدۇ
مەن تېلىفۇندا
ئاق قاردەك ئاق يوللۇق بولۇڭلار دەيمەن
تاراتى تاغلىرى ئارتىدۇ رومال
ئىشىك ئالدىمىزدىكى ... - مەن ھازىر ئۆزۈمنى شائىر دەپ ئويلىماس بولدۇم
تەبىئەت يازغان مىسىرالارغا باققان چېغىمدا
ئۆزۈمدىكى بارلىق ئەسلىمە تىكەنلىرىنى يۇلۇپ ئېلىۋەتتىم
كەلگۈسى قانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ
مەن ياپىرىم...جەمشىد دەپ تۇرمۇش تاۋكاسىدا يەڭ تۈرگەن بولساممۇ
بىرەر مىسىرا شې... - ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ << باھادىرنامە >> ناملىق ئالتە قىسىملىق تارىخىي رومانى يېقىندا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقتى. بەلكىم ياسىنجان سادىقنىڭ <<جاللات خېنىم >> نى ئوقۇمىغانلار بولمىسا كىرەك. يا...
رىسالەت مەردان
قىزىم چاي دەملەيدىغان بولدى
ئۇ پەلەينى كىيىپ
قايناقسۇنى چەينەككە قۇيغاندا
ئىسسىق چاي ھورى
نەمدىدى مېنىڭ قۇرغاق قەلبىمنى
<<ئانا، چاي دەملەپ بىرەي ئۆزۈم،
ماقالىڭىزنى يازسىڭىز بولمامدا؟>>
بىر تال ئەتىرگۈل پۇرەكلىمەكتە
...- بىر قېتىملىق ئۆرپ ئادەت
سۇغۇقتا بۇرۇنلارنىڭ ئۈششىگەن ۋاقتىدىكى تۇيغۇ
قولتۇقىمىزغا قىسىپ بىر رەخىتنى
ماڭدۇق ئۆيدىن
توي بولىۋاتقان ئۆيگە قەدەر
ئۆينىڭ ئېشىكى ئالدىدىكى كىشىلەر
قوللىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ
يۇمشاققىنە توپىنى دەسسەپ
ئاسماندىن چۈشىۋاتقان قارنى ي...
كىچە ئۆز قاراڭغۇلىقىنى چاچماقتا مېنىڭ ئىچىمگە
مەن جىمجىت قوللىرىمدا سىيلايمەن كۆڭۈل جاراھەتلىرىمنى
كۆڭۈل تارتۇق قالغان كۆيۈك يارىسىدە
بىر يۈرەكنىڭ ئەلەم خاتىرىسىدەك
ياكى ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىر تال ياپرىقىدەك
ئېقىپ چۈشەر ئەسلىمىلەردىن
رىئال ت...
‹‹كۆرۈپ بېقىڭە، بۇ مېنىڭ ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمىم›› يېقىندا پاكار بىر ئايال قايناق شەھەردە يايما ئېچىپ، ئۆزخىراجىتى بىلەن چىقارغان شېئىرلار توپلىمىنى سېتىپ، بىر ئايدا 600 پارچىنى سېتىپ بولغان.
تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇر...- ئۇ بېشىنى چايقاپ قويدى، ئۇ چاغدائانىسى قاتتىق ئاغرىق، يەنە قاھاردىن سادا بولمىغاچقا، ئۇ ئامالسىز ماقۇل دىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئېرى ئەزىمەت بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەزىمەتكە ناھايىتى سۇس مۇئامىلە قىلدى. ئىككىسى توي قىلىپ بىر مەزگىلگىچە ناھايىتى تېنىچ ياشىدى...
- ئۇ ئىشىكنى جالاقشىتىپ ياپقىنىچە، پەلەمپەيدىن يۈگىرەپ چىقتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ قۇيۇلغان ياش يۈزىنى ھۆللىگەن، بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. قۇرۇدىن چىقىپ، چوڭ كوچىغا قايرىلىدىغان ئايلانمىغا بارغۇچە، قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ، كۆزلىرى ھېچنىمىنى كۆرمىدى، قۇل...
- ئۆيگە قايتىش
رىسالەت
مەن قايتىۋاتقاندا
توغراقلار كۈلۈشۈپ چېلىشتى چاۋاك
شاماللار بوينىدا بىر دۆۋۋە ئىستەك
قايتىۋاتىمەن ئوۋامدىن ئوۋامغا
دۈپۈلدەيدۇ مەندىكى يۈرەك
ھارغىن تۇيغۇلار ئارا
بىخلاپ... - قۇملۇقنىڭ چۈشى
ئۇكياننىڭ نېرىقى قېتىدىكى بىر يۈرەككە بېغىشلايمەن
قىرغاقلاردىن ئۇچىدۇ قۇملار
ئۇرۇلىدۇ چۈشلەرگە قەدەر
باھار پەسلىنىڭ ئىللىق شامىلى
قۇم ئارىسىدا بولۇپ رىۋايەت
ياز پەسلىدە نەگىدۇر يۈتەر.
...