• ICONباغداش چۆچىكى-1

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/108873528.html



    1-قىسىم

    زامانلارنىڭ زامانسىدا، ئوتۇنلارنىڭ كامارسىدا، ئىككى تاغنىڭ نېرىدا، ئۈچ قۇملۇقنىڭ نېرىدا، ئالتۇن تاغ بىلەن قارا قۇرۇم تۇتاشقان جايدىن مىڭ يول يىراقلىقتا، ئېيىق ئوۋلىغان يەرنىڭ كەينىدە باغداش دەپ بىر يۇرت بار ئىكەن، قىرغاۋۇل يەردىكەن، قۇيرۇغى جەدىكەن، ئۇنىڭغا تۈلكە ھەمراھكەن، تۈلكىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر تورخانا بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئۆمۈچۈك باشلىق ئىكەن.
    ئەنە شۇ زامانلاردا باغداش ئەھلى ناھايىتى ئاۋات باياشات، ئىشلىرى ئوڭ، دۈشمەنلىرى يىغلاپ، دوستلىرى ھىجاراپ كىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەھلى جامائەت بىر كۈنى نەزىردىن يېنىپ، ئۆيلىرىگە تاراپ كىتىۋاتقاندا، ھاۋانى قاپقاراڭغۇ بۇلۇت قاپلاپ، ھەر يەردە تۇمان ئۆرلەپ ئالەم قاپقاراڭغۇ بولۇپ كىتىپتۇ. ھەممەيلەن ئۆزى بىلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇشۇپ، بىر-بىرىگە ھۈرۈشۈپ ئاران ئۆيلىرىگە يىتىپ بېرىۋاپتۇ، ئەمدى ئۆيلىرىگە كىرىپ، توك چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، توك پۇلى تۆلىمىگەنلەر شاملىرىنى يورۇتۇپ ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز ئاھالىلىكلەر رايونىنىڭ كىچىك رادىئوسى سايراپ كىتىپتۇ:
    ‹‹قىزىل رەڭلىك جىددى ئاگاھلاندۇرۇش، مەلىمىزدە ئاجايىپ بىر تۇمان پەيدا بولدى، بۇ تۇماننى تارقىتالايدىغانلار ئوردىغا مەرھەمەت قىلىڭىزلەر. كىم بۇ تۇماننى تارقىتالىسا، ئوردىنىڭ باش مۇشاۋىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، ئالاھىدە ئۇختۇرۇش چىقىرىلدى››
    -ۋاي خوتۇن، باش مۇشاۋىرلىق دىگەن بوش مەنسەپ ئەمەس،-دەپتۇ توخۇتۇر ئايالىغا،-بىز توخۇ بېقىپ جاپا تارتىپ يۈرگۈچە، بېرىپ تۇماننى تارقىۋىتەيلۇقتە، ئاندىن باش مۇشاۋىر بولىمىز. جۈرە ئوردىغا بارايلى.
    -بولىدىغان ئامالكەن، باش مۇشاۋىرلىق دىگەن توخولارغا باشلىق دىگەن گەپما؟
    -ما خۇتۇننى ئانام ئېلىپ بەرگەن خوتۇن بولۇپ قاپتۇ...خەپ خەپ....-توخۇتۇر توخۇ پېيى چاپلاپ ئۇزارتىۋالغان ساقىلىنى سىقىمداپتۇ.-باش مۇشاۋىر دىگىنىمىز، ھە باش مۇشاۋىر دىگىنىمىز، ھە دىگىنىمىز، ئۇ مۇشاۋىرلىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ.....-توخۇتۇرگەپنى كەينىنى تاپالماي بىر دەم جىمىپ قاپتۇ، ئايالى توخۇ يەملىرىنى ئارىلاشتۇرغىنىچە ئۇنىڭ ئاغىزىغا قاراپ قېتىپ قاپتۇ.
    -دىمەمدىلا كەينىنى....
    -دەۋاتىمەنغۇ، نىمانداق ئالدىرىتىسەن، بۇ ئورۇنغا مەن چىقىمەن، سەن چىقمايسەن، جىق بىلىپ كەتسەڭمۇ بولمايدۇ، مۇشاۋىرلىق ئىشقىلىپ تۇخۇ بېقىشتىن ياخشى كەسىپ.
    -كالا بورداقچىلىقىمۇ يە؟
    -بەلكىم جۇمۇ، بۇ گەپنىڭ بېشىغا م كەلگەندىكىن ياكى مۈشۈك بورداقچىلىقىدۇ.
    -ماڭسىلا، مۈشۈكنى بورداپ نىمە قىلىدۇ؟ يا يىگىلى بولمىسا؟
    -ئىچكىرىدە يەيدۇ دەيدۇ، شۇ يەرگە ئىۋەتەرمۇ؟
    -ماڭسىلا دادىسى، مۈشۈك ئۆلتۈرسە يامان بولىدۇ، ئۆتكەن يىلى قوشنىمىز سەمەتجاننىڭ ئوغلى ھاي دىسەك ئۇنىماي مۈشۈكنى دەسسەپ ئۆلتۈرىۋىدى، ئۇنىمۇ تىراكتۇر دەسسەپ كەتمىدىمۇ. بارمايلى.
    -تىم تۇرە....توخۇتۇر ھېيىتتا كىيىدىغان پەرىجىسىنى كىيىپ، ئايالىغا توخۇلارنىڭ يېمىگە كالىتسىينى كۆپرەك، سۇنى ئازراق بىرىشنى تاپلاپ، نەچچە تۇخۇمنى يانچۇقىغا سېلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
    -دادىسى، تەسىۋىلىرىنى كېيىن سېرىۋالسىلا، ئىش چىقتى دەيمەن.
    -نىمە ؟-جەينامازدىن سەكرەپ چۈشتى ئىلىم،-تاڭخۇلۇلارغا خېرىدار كەلدىما؟
    -ياقەي، ئۇندىنمۇ ياخشى ئىش، مەلىنى تۇمان قاپلاپ كىتىپتۇ، شۇنى كىم تارقىتىۋىتەلىسە، شۇنىڭغا باش مۇشاۋىرلىقنى بىرىدىكەن.
    -ۋاييەي، نىمە دەيسەنكىن دەپتىمەن خوتۇن، مەن تەسۋىي سىرىۋاتقاندا، سودا خەۋىرىدىن باشقا خەۋەرنى دىمىگىن، ئېزىپ كىتىمەن.
    -دادىسى باش مۇشاۋىرلىق دىگەن كىرىمى ياخشى كەسىپ دەيمەن، تومان تارقىتىشقا قاتنىشىپ باقسىلا.
    -ھە دىگىنە، دىگىنە. باش مۇشاۋىرلىق دىگەن نىمە ؟
    -مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەمدى شۇ ئوردا ئىچىدە مائاش مۇقىم، سلى بىلەن بىز تاڭخۇلۇ سېتىپ تاپقان پۇلنى ئۇلار بىر دەمدىلا تاپىدۇ، شۇڭا...
    -شۇ نىمە كەسىپ ئۇ دىمەمسەن؟
    -ئىشقىلىپ دەرۋازىغا قارىسىلامۇ مۇقىم كەسىپكە يەتمەيدۇ، ئىككىمىزنىڭ كۆرگەن كۈنىنى كۆرىۋاتىدىلاغۇ؟ مەن قىيام ياسىغاندا قىيام سۇيۇق بوپ قالارمۇ، قويۇق بوپ چاپلىشىپ قالارمۇ دەپ غەم يەيمەن، ئۆزلە سودام ياخشى بولسۇن دەپ بىر مۇنچە ھۈرۈپ تالاغا چىقىپ، بەش موچەندىن سېتىپ، بىر مۇنچە ئۇششاق پۇل تېپىپ كېلىدىلا....
    -ھەي خوتۇن يىغلىماڭلا دەيمەن، ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتىدە كۈنىمىز ياخشى، پارچە پۇل تاپساقمۇ ھالال ياشايمىز.
    -بارمىسىلا مەن ئانامنىڭكىگە يامانلاپ كىتىمەن. چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
    -ماقۇل، مەن باراي، تاڭخۇلۇنىڭ قىيامىنى قىلىپ، ئالمىلارنى چىلاپ تۇرۇڭلا، قايتىپ كېلىپ مەن ساتاي، كوچىغا چىقىپ ساتىمەن دىمەڭلار، ئىشىكنى تېشىدىن زەنجىرلەپ كىتىمەن.
    ئىلىم ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن تۆتنى ھۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىپ، ئىشىكنى زەنجىرلەپ قويدى.
    كۆكتۈرۈكنىڭ ئۆيى، كۆكتۈرۈك كۆك كىيىمىنى كىيىپ، كۆك كومپىيۇتىرىنى ئېچىپ غەمسىز ھالدا پومشىچىك ئويۇنى (دۇدىجۇ) ئويناپ ئولتۇراتتى.
    -ۋاي ئېرىم، ئەتتىگەندە، قاغا پوق يىمەستە تورغا چىقىۋالغىنىڭلارنى دەيمەن.
    -ۋاي خۇتۇن جىم تۇرە، بولمىسا ئۇتتۇرىۋىتىمەن دەيمەن.
    -ئۇتىۋالغىنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا يا ئۇن، يا كۆكتات كەلمىسە، كومپىيۇتىرنىڭ توك پۇلىنىمۇ تۆلىگىلى بولمايدىكەن، ئۆيدە مەنلا باردەك، تۆت بالىنى باقىمەن دەپ چېچىم ئاقىرىپ، چىشىم سارغىيىپ كەتتى، قانداق بولۇپ ساڭا تىگىپ قالغاندىمەن....
    كۆكتۈرۈكنىڭ ئايالى كۆك كۆينىكىنىڭ ئېتىگى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، كۆكتۈرۈپ بۇ قول ئويۇندا ئۇتتى، ئەمما ئايالىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ خوش بولالمىدى.
    -ۋاي خوتۇن، مەن ناماقۇل، يىغلىمىسىنا، يىغلىما، پۇلمۇ تېپىلىپ قالار.
    -نىمىگە تېپىلىدۇ؟ ئاۋۇ چوڭىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىسەك بولمىغان، كىچىكىنىڭ پۇتىدا ئاياغ تۇرمايدۇ، نەمۇ –نە چېپىپ يۈرىدۇ، ئۇنىڭغا ئاياغ ئالىمىز، پۇل بولمىسا نىمىگە ئالىمىز، توخۇتۇرنىڭ توخۇلىرى ھەممە بازارنى ئىگىلەپ بولدى، بالىلارغا تاڭخۇلۇ ئېلىپ بىرەيلى دىسەكمۇ پۇل يوق.
    - كۈزدە چىلان ساتقان پۇلدىن پايپىقىمنىڭ قېتىغا بەشيۈزكوي قىستۇرۇپ قويغان، شۇنى ئىشلىتىپ تۇر، بۇ يىل كۈزدە چىلان ساتقاندا، بىر تونىنى ئاۋۇ تاراتى دىگەن تويمىغۇرغا بەرسەم، ئۇ مېنى چۆچەكتە باش رولغا چىقىرىپ قويسا، داڭلىق بوپ كەتسەم، ئېلان كىرىمىدىنلا سېنى بېقىپ كىتىمەن، خاتىرجەم بول، بۇ ئىشلارنى ماڭا قويغىنە،...ۋاي-ۋۇي..يىغلىمىسىنا...سىېنىڭ كۆزۈڭدىن ياش ئاقسا يۈرىكىمدىن قان ئاقىدۇ.
    -ماقۇل، ئۇ پۇل نەدە؟
    -ئاۋۇ چىلانلىق باغنىڭ شورىسىنىڭ قېشىدىكى بەشىنچى كىسەكنىڭ قېتىدا. يۈز كويىنى قويۇپ ويغىن، تور پۇلىنى تۆلەيمەن.
    -ماقۇل،
    -دادا،دادا، تالادا ئوردىدىن ئېلان چىقىرىپتۇ، توماننى كىم تارقىتالىسا، شۇ ئوردىغا باش مۇشاۋىر بولىدۇ دەيدۇ،
    -باش مۇشاۋىر دىگەن نىمە دادىسى ؟
    -ئۇ ئوردىدىكى مەنسەپ، گۇڭۋۇيۈەن،
    -ۋاي ئاللا، بىزدەك چىلانچى كەسپى شىتاتلارغىمۇ گۇڭۋۇيۈەن بولۇش پۇرسىتى كېلدىكەن ھە، تېز تىزىملاتقىن. مەن بەشيۈز كوينى خەجلىمەي ساڭا تىزىملىتىش ھەققىگە بىرەي. مۇقىم مائاشلىق بوپ قالساڭ، قارا دىۋاندا كۆچۈرمىچى بولساڭمۇ، بالىلار بىلەن بىز قوساقتىن غەم قىلمايمىز، ئۆيدىكى تورنى ئۈزىۋىتىمىز. ئىدارىدىلا تورغا چىقساڭمۇ بولىدۇ.
    -ماقۇل، مەن بەيدۇ، گوگىللارغا چىقىپ تومان تارقىتىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئىستەپ باقاي. مانا ماۋۇ يەردە يامغۇر، قار ياغدۇرۇش ھەققىدە جىق بىلىم باركەن .
    -ئاۋال بىر ئوردىغا بېرىپ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ كەلسنا.
    -ماقۇل، ئوماق خوتۇن، تۆت ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى....8-مارت ئاياللار بايرىمىدا مەن تاۋباۋدىن ساڭا پايپاق زاكاس قىلىپ ئەكەلدۈرۈپ بىرىمەن.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بىلوگىڭىزنىمۇ تېپىۋالدىم ئاخىرى....
  • بولىدىغان چۆچەككەن، داۋامىنى كۆرەي.