رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
قىشنىڭ ئاخىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/107383702.html
قىشنىڭ ئاخىرى
قىش ئاپئاق رومال ئارتقان ناتىۋان ئايال
باھار يېشىل گۈلچەمبىرەك تاقىغان مەسۈم قىز
مەن ئاسمانغا باقتىم ئۈمىدتە
ئاسمان ماڭا باقتى بىر پەسكە
قىشنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۇنتۇيمەن ئۆزۈمنىڭ پەرىشانلىقىنى
مەن بىر قۇرۇت
قىش باغرىدا ئىسسىق ئۆمىلىگەن
مەن بىر تال يالىڭاچ دەرەخ
خازانلاردىن يازنى ئىستىگەن
قىش كۈنلىرى
دۈشمەننىڭ ھىجايىغىنىچىلىك ئاپتاپ
بىخ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقان دەرەخلەر
مەن بۈگۈن كۆچۈرگەن ئۈچ تەشتەك كاكتۇس
ئارچىگۈل ۋە باشقىلار
قىشنىڭ كەلگەنلىكى ۋە كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ
مېنى خوش قىلىشقا تىرىشىدۇ.
مەن خوش
مەن خوش
ئاپتاپسىنىۋىتىپ....
ئۇھسىنىۋىتىپ،،،،،
收藏到:Del.icio.us
评论