رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
پەيلىرى ئەمدى يىتىلگەن قۇشتەك
ئاسماندا تىتىرەپ ئۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ
بىر ھاياجاندىن تىتىرەپ كىتىۋاتىمەن
بىر مىسىرادىن ئۇچۇپ كىتىۋاتىمەن
بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يىراقتىن
سېنى باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ...
سەن بىلم...
تويۇڭغا بارالمىدىم، بارالمىدىم
ئۆزۈم بۇ يەردىمەن، خىيالىمدا كىزەر رىستۇران.....
:'(
سىڭلىم، سېنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدىم،
ئاپئاق چۈمبىلىڭ ئاستىدىكى بەخىتكە تولغان چىرايىڭنى كۆرمەكچى ئىدىم،
توي پولۇيىڭنى يىمەكچى ئىدىم،
رىستۇراندا، بەخىت...
كۈتمەكتىمەن بەلكىم نىمىنى
ئاھ، ئىچىمدە كۆيمەكتە بىر ئوت
بىر ئەتىرگۈلمەن غەمكىن ئېچىلغان،
بەرگىلىرىم كۆز يېشىمنى سۈرت
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۆز دەردىمنى قىلدىم تاماشا
مەن شېئىرنى يازمىدىم بەلكى،
شېئىر مېنى يازماقتا قايتا
كۈتۈش كوچى...
قۇم يامغۇرى
چاي
ئىچكەچ ئولتۇرۇپ
قۇم يامغۇرىغا قارايمەن ئۈنسىز
قۇمنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى
بولمايدىغان دانچىلىرى
دېرىزىدىن كىرىپ كېلىدۇ
كىرىپ كېلىدۇ يۈدۈپ
كەچمىشىنى
مەن بىناۋا
قۇملار چەكسىز
دېرىزەمدىكى ئەينەكتە قۇملارنىڭ
يېشى
پىيالەمدى...
كۈن چىقماقتا تاشلار ئىچىدىن
نۇر
چاچىدۇ سوغۇق ئورمانلار
ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇپ جېنىم
سېغىنىمەن ئەي سۆيۈملۈك
يار
سېنىڭ ئاپتابىڭ كەم قالدى ماڭا
سېنىڭ مېھىرىڭ يەتسىمۇ
گەرچە،
بامبۇك ئورمان ئارا ماڭغاندا
سېغىنىمەن سېنى بىر مەرتە
تاش
ئورمان جىمجى...
قارا قەھۋە، ئەي قاپقارا قەھۋە
قايسى تۇپراقنى يېرىپ چىققانسەن ؟
قايسى قولدىن مېڭىپ چىققانسەن؟
ئىستاكاندا سۇغا چىلىشىپ
قايسى كۈنلەرنى كۆرۈپ چىققانسەن ؟
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئىچىۋەتتىم قىرتاق بولساڭمۇ
كۆز يېشىمغا ئوخشايسەن بەزەن
سەن قاپقارا، ...
سەھەر ئۆزىنىڭ نۇرىنى چاچتى
مېنىڭ جىمغىنە تۇرغان قەلبىمگە.
مەن خوشال ئۆزۈمدىن موشۇ كۈنلەردە.
ئاتقان تاڭغا، يۇلتۇزغا رەھمەت
مەندىن ئۇلارغا چەكسىز مۇھەببەت.
ھەمدۇسانالار بولسۇن تۈگىمەس،
مەندە بىر ئوت بار پەقەتلا ئۆچمەس.
مەن ئۆزۈملىكىمنى ئەسل...- قىشنىڭ ئاخىرى
قىش ئاپئاق رومال ئارتقان ناتىۋان ئايال
باھار يېشىل گۈلچەمبىرەك تاقىغان مەسۈم قىز
مەن ئاسمانغا باقتىم ئۈمىدتە
ئاسمان ماڭا باقتى بىر پەسكە
قىشنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
دېرىزىدىن قاراپ يىراققا
ئۇنتۇيمەن ئۆزۈمنىڭ پەرىشانلىقىنى
مەن بىر قۇرۇت...
ھاجى ئىمىن تۇرسۇنغا مەرسىيە
رىسالەت مەردان
قاش-كۆزىنى ۋاقىت ئاقارتقان
ئۇ ۋاقىتنى ئاقارتقان ئاپئاق.
ھاسا تايىقى چىناردىن ئىدى
ماڭسا تىترەيتتى دەرەختە ياپراق.
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن كەلدى،
بىر توپ دەرەخ سۈكۈتتە تۇردى.
جىم ئاڭلايتتى تارىخ، كەچمى...
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە
قاراڭغۇلۇق كىچىنىڭ جاراھىتى (1)
مەن قاراڭغۇلۇقنىڭ كۆزى
بىر قولدۇر، ئۇ بىر قول
قاراڭغۇلۇقتىن ماڭا سوزۇلغان.
يېرىم كېچىدە
تاشتەك قاتتىق خىيال ئىچىدىن
تارتىپ چىقتىم ئۆزۈمنى جىمجىت
قاراڭغۇ تۈن قىستالماقتا
دېرىزەمنى چىكەر تۈن كۈ...- بازار ئايلىنىش
ھاۋا ئىسسىپ قاپتۇ
كۆڭلىدە بىخ چىقىرىپتۇ يوپۇرماقلار
كىشىلەر كوچىلاردا يۈرەر ئايلىنىپ
مەن يۈرىمەن يۈرىكىمدە
ئالما سېتىۋاتقان، توخۇ كاۋىپى پىشۇرىۋاتقان
قېتىق سېتىۋاتقان ....قىزلارنىڭ كۆڭلىدە نىمە خىيال بار؟
بەش بالىسى بىلەن تاشلانغا... - سەن يوق كۈنلەردە
مەن خىيالغا پاتتىم لىققىدە
سەن يوق كۈنلەردە
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يەنە
كۆزلىرىڭگە پاتقۇم كېلىدۇ
يۈرىكىڭدە ياتقۇم كېلىدۇ
ئاھ، پايانسىز خىيالىڭ ئارا
مەست ئات بولۇپ چاپقۇم كېلىدۇ
سەن يوق كۈنلەردە
ئاي چاچمىدى نۇرىنى ھەتتا
سەن يوق كۈ... - رىسالەت مەردان
قومۇلدا قار يېغىپتۇ
تېلىفۇندا كۆرگەندەك بولدۇم ئاق قارنى
دادام قويلارغا ئوت بىرىدۇ،
ئاپام ھويلىدا
ئاق پاختەكتەك قارلارنى تازلايدۇ
مەن تېلىفۇندا
ئاق قاردەك ئاق يوللۇق بولۇڭلار دەيمەن
تاراتى تاغلىرى ئارتىدۇ رومال
ئىشىك ئالدىمىزدىكى ...
رىسالەت مەردان
قىزىم چاي دەملەيدىغان بولدى
ئۇ پەلەينى كىيىپ
قايناقسۇنى چەينەككە قۇيغاندا
ئىسسىق چاي ھورى
نەمدىدى مېنىڭ قۇرغاق قەلبىمنى
<<ئانا، چاي دەملەپ بىرەي ئۆزۈم،
ماقالىڭىزنى يازسىڭىز بولمامدا؟>>
بىر تال ئەتىرگۈل پۇرەكلىمەكتە
...- بىر قېتىملىق ئۆرپ ئادەت
سۇغۇقتا بۇرۇنلارنىڭ ئۈششىگەن ۋاقتىدىكى تۇيغۇ
قولتۇقىمىزغا قىسىپ بىر رەخىتنى
ماڭدۇق ئۆيدىن
توي بولىۋاتقان ئۆيگە قەدەر
ئۆينىڭ ئېشىكى ئالدىدىكى كىشىلەر
قوللىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ
يۇمشاققىنە توپىنى دەسسەپ
ئاسماندىن چۈشىۋاتقان قارنى ي...
كىچە ئۆز قاراڭغۇلىقىنى چاچماقتا مېنىڭ ئىچىمگە
مەن جىمجىت قوللىرىمدا سىيلايمەن كۆڭۈل جاراھەتلىرىمنى
كۆڭۈل تارتۇق قالغان كۆيۈك يارىسىدە
بىر يۈرەكنىڭ ئەلەم خاتىرىسىدەك
ياكى ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىر تال ياپرىقىدەك
ئېقىپ چۈشەر ئەسلىمىلەردىن
رىئال ت...- شېئىرلار
رىسالەت مەردان
مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم
مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم
توغراق سۈيىنى ئىچىپ باقمىدىم،
ئۆردەك ئاكامنى ئىزدەپ تېپىپ
بىر دەستە گۈل سۇنۇپ باقمىدىم.
لوپنۇر... - ئۆيگە قايتىش
رىسالەت
مەن قايتىۋاتقاندا
توغراقلار كۈلۈشۈپ چېلىشتى چاۋاك
شاماللار بوينىدا بىر دۆۋۋە ئىستەك
قايتىۋاتىمەن ئوۋامدىن ئوۋامغا
دۈپۈلدەيدۇ مەندىكى يۈرەك
ھارغىن تۇيغۇلار ئارا
بىخلاپ... - قۇملۇقنىڭ چۈشى
ئۇكياننىڭ نېرىقى قېتىدىكى بىر يۈرەككە بېغىشلايمەن
قىرغاقلاردىن ئۇچىدۇ قۇملار
ئۇرۇلىدۇ چۈشلەرگە قەدەر
باھار پەسلىنىڭ ئىللىق شامىلى
قۇم ئارىسىدا بولۇپ رىۋايەت
ياز پەسلىدە نەگىدۇر يۈتەر.
... - ئايۋان سارايلىرىڭ ئىچىدە
ئولتۇرالمايسەن بىر كۈن خاتىرجەم
سېنى سۆرەر تىرىكچىلىكنىڭ
تاشتىن قاتتىق غەملىرى سىرتقا
ئولتۇرالمايسەن بىر كۈن ئاراملىق
تۇرمۇش ساڭا قاتتىق بولغاچقا
ئىچكەندىمۇ كۆڭلۈڭ بىر رەت سۇ ... - ناخشا ئاڭلىغان باھارە
باھارە،
باھار گۈللىرى ئارىسىدىكى بىر گۈل
قوياشقا قاراپ ئېچىلىدىغان
يازغا قاراپ چېچىلىدىغان
ناخشا تىڭشاپ ئولتۇرۇپ
ئۆز-ئۆزىنى ئاڭلايدىغان
بىر ناخشا بېغىشلانسا ئاڭا گەر
ئۇ قۇيا... - ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻟﮕﯜﺟﻪ ﺭﻩﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺭﻩﺧﯩﺘﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﻳﻐﺎﻥﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜ...
- بۇ قېتىم كۆرۈشكەن ساۋاغداشلىرىمغا ئاتايمەن
كىرىپ چىقار سانسىز ئادەملەر
تورت دۇكىنىغا ئىزلەپ ئۆزىنى
بىز تۆت قاچا ماررۇژنى
ياكى تىزىلغان تۆت تال يوپۇرماق
كۆكلەۋاتقان، ھۆل ھەمدە قىززىق
غۇسسە تاغلىرى بې... - شۇنداق بىر كىچىلەردە
ئاسمان چاقنار يۇلتۇزلار ئارا
يەردە بىر گۈلخان يانار
كۆڭۈللەر ئۇسۇل ئوينار
شۇنداق كىچىلەر بولسا
ئۇسۇل ئوينىسام سويلاپ-سويلاپ
كىچىك جانىكەم، مەستۇ-مۇستەغرەق
ئىقىپ كەتسەم گۈلخاننى بو... - ئەما قارىغا
خەلق سەنئەتكارى ئەما قارىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن
يىراقلاردا بىلىندى سېنىڭ ئاۋازىڭ
سۇزۇلۇپ-سۇزۇلۇپ كىردى مېنىڭ ئىچىمگە ....
سەن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىڭ كۆزۈم ئالدىدىن
مۇزىكا كۆزلىرىڭىدە بەلكىم ھېس ...
ئايپاتەم
تۇرمۇش رەڭلىرىگە چىلىنىپ راسا
كۈتكەنسەن ئاق ئاتلىق شاھزادە بەلكىم
تۇرمۇشنىڭ داۋانلىق ھەر بىر يولىدا
ئۈمىدسىز خىيالغا بولماستىن تەسلىم
ئايپاتەم
سېنى كىشىلەر قىزىلگۈل ...قويچى سادام
يۈز كۆزلىرى ئاۋارە
توپا-تۇمان ھەممە يەر
ئۆچكىلەر مەرىشىدۇ
ئوغلاقلار يۈگرىشىدۇ
توغراقلارنىڭ يېشىللىقىغا
ئوي جىنلىرى يېپىشىدۇ
ئون ئالتە ياشلىق جېنىڭغا
يارىشامدۇ يالغۇزلۇق
قاپلاپ كى...
چەرچەن دەرياسى
ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە ئۆيۈم بار
بىر تەرىپىدە چەكسىز خىيالدەك
ئالتۇن قۇملۇق سوزۇلۇپ ياتار
يەنە بىر تەرىپىدە لاي سۇلۇق دەريا
سوزۇلۇپ، ئۇزىرىپ، تولغىنىپ ئاقار
مەن سالام ق...تاراتى كىچىسى
رىسالەت
ئۇ كۈنى كېچىسى قار ياغدى
ئۈنسىز چۈشىۋاتقان قار گۈللىرىنى ھېس قىلىپ
ياتتىم خىيال دەرىخىگە ئېسلىپ
ئاسماندا يولتۇزلار جىمىرلايدۇ
يۇلتۇزلار تاراتىنى تىڭشايدۇ
ئۇندا بىر ھەسرەت بار تى...
共1页 1