رىسالەت مەردان بلوگى
خوتەنگە سەپەر-2
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/105314605.html
چاقىلىق ئىككى يىلنىڭ ياقى بەك ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ، بولۇپمۇ چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزىينىڭ بىناسى بەكمۇ ئۆزگىچە سېلىنغان ئىكەن، لېكىن بىز ماشىنىدىلا ئۆتۈپ كەتكەچكە رەسىمگە تارتالماي قالدىم، چاقىلىقتا بىزنى تارىخ ئالىمى ‹‹كروراننىڭ سىرى ››ناملىق تارىخىي ئىزدىنىشنىڭ مەھسولى بولغان كىتابنىڭ ئاپتۇرى غالىب بارات ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتىۋالدى. بىز غالىبكامنىڭ ئۆيىگە كىردۇق، ئالدىنقى ئاخشىمى مەن چ چ دا چاقىلىققا بارىدىغانلىقىمىزنى دەپ قويغان ئىدۇق، روشەنگۈل ھەدەمنى تۇنجى كۆرگىنىمگە قارىماي، بىر دەمدىلا چىقىشىپ كەتتۇق. تاماقتىن كېيىن، تۇققانلار چىلان كۆچىتىنى كۆرگىلى كەتتى، مەن رۇشەنگۈل ھەدەم بىلەن بىللە قالدۇق.
تەخمىنەن ئىككى سائەتلەردىن كېيىن، ئۇلار ئىشىنى تۈگىتىپ كەلدى، غالىبكام ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى ئىكەن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئۆمەرجان ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ئۇ يەردە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كىتابخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ، تاماقلىنىپ ئاندىن ياندۇق. ئۇلار بىلەن يەنە پاراڭلاشقۇمىز، بىر نەچچە كۈن ئەسرار بولغۇمىز بار ئىدى، لېكىن ۋاقىت زىچ بولغاچقا، ئامانلىق تىلىشىپ خوشلاشتۇق.
بىز چاقىلىقتىن يانغاندا قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ئىدى، يولدا قاراڭغۇ پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتتى. چەكسىز كەتكەن دالىلار بىر خىل جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە ياتاتتى، قىشنىڭ سۇغۇقى، ئىزغىرىن، شامال، توزىۋاتقان قۇم-توپا دىگەنلەر بۇ چەكسىز دالىنىڭ كۆركى ئىدى. تەكلىماكان بويلاپ، قۇملۇقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ تۇرىۋاتقان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، توغراقلار...گەرچە يېشىل يەرلەردەك گۈزەل بولمىسىمۇ، لېكىن سىنچىلاپ قارىسىڭىز بىر خىل گۈزەللىككە، ئۆزىگە خاس گۈزەللىككە ئىگە ئىدى.
چاقىلىقتىن كەچ سائەت يەتتە يېرىم بىلەن قايتىپ كەلدۇق، شۇ كۈنى قونۇپ، ئەتىلىككە چىرىغا، خوتەنگە بارماقچى ئىدۇق. مەن تەييارلىقلارنى قىلىپ، چامادانلارنى تەق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇخلاشقا ياتتىم، چىرىلىق تۇققانلار ئىشىنىڭ پۈتكەنلىكىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بەك خوشال ئىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە سائەت يەتتە يېرىمدا بىسمىللا دەپ خوتەنگە مېڭىپ كەتتۇق.
خوتەنگە ماڭىدىغان يول چاقىلىققا ماڭىدىغان يولغا ئوخشاش، ئىككى تەرىپى توغراقلىق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بار، يازدا ماڭسا يېشىلراق يول. بىز ئەتتىگەن يولغا چىققان بولغاچقا، سەھەردىلا بىر مۇنچە يول مېڭىۋالدۇق.
ھە راست، تۆنۈگۈن كۆرگەن بىر ئىشنى قىستۇرۇپ قويسام چاقىلىقلىق تۇققانلار خاپىلاپ كەتمەس ھە؟ تۆنۈگۈن كەچتە چاقىلىقتىن چەرچەنگە ياتلىق بولغان بىر دوستىمىزنى بېرىپ يوقلاپ كەلدۇق، چەرچەنگە كەلگىنىمگە ئىككى يىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ يەردىكىلەر بىلەن خېلى ئارىلاشتىم،تېخى بۇلتۇر ئون جۈپ ئەر-ئايال چاي ئويناشقا باشلىدۇق، لېكىن شۇنى ئېيتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، چايدىن بۇرۇن ئەنسىرىگىنىمگە قارىماي، بۇ چايدىكى ھەممەيلەن شۇنچە ساپالىق ئىكەن، ئاياللار بىر بولۇپ قالساقمۇ غەيۋەت قىلمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىكى قىززىق ئىشلارنى دەپ ئولتۇرىمىز. مەن شۇ تەرىپىدىن بەك سۆيۈنىمەن، يەنە بىر سۆيۈنىدىغان يېرىم، بۇ چايدىكى ئاياللار ئىنتايىن ئۆم بولۇپ، مەيلى ئاغرىپ قالسۇن، مەيلى باشقا ئىش بولسۇن، بىر-بىرىمىزگە خەۋەر قىلىشىپ، توپلىشىپ بارىمىز، ئاخشامقى يىغىلىشمۇ، ئۇ دوستىمىز ئاغرىپ قالغاچقا بېرىپ يوقلاپ كېلىشىمىز ئىدى. ئۇ دوستىمىز بىزگە چاقىلىقتىكى سىڭلىسىنىڭ توي پىلاستىنكىسىنى قويۇپ بەردى. مەن چاقىلىقنى ناھايىتى يۈزەكى چۈشىنىمەن، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىم غالىبكامنىڭ ماقالىلىرى ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، دېرىزىدىن ئاز-تولا كۈزىتىش ...دىگەندەكلەر بىلەن چەكىلىنەتتى. توي ھەممە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكىگە ئوخشاش ئۆتكۈزىلىدىكەن، لېكىن بىر ئوخشىمايدىغان تەرىپى، قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا، قىزنى يىگىت كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا سالىدىكەن، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈرگەندىمۇ كۆتىرىپ يېقىلغان ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئۈچ چۆگىلەتكەندىن كېيىن ئۆيگە ئېلىپ كىرىدىكەن، چەرچەندە بولسا گىلەمگە ئولتۇرغۇزىدىكەن، ئاندىن ئۇنى قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى گىلەمنىڭ تۆت پىشىدىن كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىپ، ماشىنىغا سالىدىكەن، ماشىنىدىن چۈشكەندىمۇ گىلەمگە دەسستىدىكەن، گىلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىدىكەن. قىزنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ ئېلىپ ماڭغاندا، قېيىن ئانىسى گىلەمنىڭ بىر پېشىنى كۆتىرىپ ماڭىدىكەن. (ئىسىمدە قالغىنى خاتا بولسا چەرچەنلىك يولداشلار كەچۈرىۋەتكەي) قومۇلدىغۇ قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا ئىككى يەڭگىسى قولتۇقلاپ ماڭىدۇ. قىز دىگەن مىشىلداپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ھەممىنى يىغلىتىۋىتىدۇ.
قىززىق ئىش تېخى ئالدىمىزدا، چاقىلىقتىكى ھېلىقى تويدا، يىگىت قىزنى ھاسىراپ ھۆمىدەپ كۆتىرىپ ئېلىپ كىرگەندە، ئۇنى گىلەمگە ئاۋايلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى . ئاندىن قىزنىڭ ۋە يىگىتنىڭ يۈزىگە شىفىڭ دۇخاۋا يېپىلدى، ناخشا سادالىرى ئىچىدە قىزنىڭ ئاچىسى، يىگىتنىڭ سىڭلىسى ئۆز-ئارا ئۇسۇل ئويناپ، ھەر ئىككەيلەن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يۈزىنى ئاچتى. بۇ يۈز ئېچىش ئۈچ قېتىم داۋاملاشتى. مەن جىق تويلارنى كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن يىگىتنىڭ يۈزىنىمۇ قىزغا قوشۇپ ئاچقىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. دەينى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدىم. ئۇ دوستىمىز چاقىلىقتا مۇشۇنداق ئادەتنىڭ بارلىقىنى دەپ بەردى. ئۇ دوستىمىزنىڭ تويى بولغاندىمۇ، يىگىتنىڭ يۈزىنىمۇ ئاچماقچى بوپتىكەن، يىگىت ۋە قولداشلىرى ئۇنىماپتىكەن. بۇ بەلكىم قىز-يىگىتلەرنى باراۋەر كۆرىدىغان، قىزنىڭمۇ، يىگىتنىڭمۇ يۈزى ئېچىلدى دەيدىغان قاراشنىڭ تۈرتكىسى بولسا كىرەك.
ئەمدى ئاستا خوتەن يولىغا قايتىپ كېلەي.
收藏到:Del.icio.us
评论
رەسىملەرنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز.