• ICONبازار ئايلىنىش

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/105500240.html

    بازار ئايلىنىش

    ھاۋا ئىسسىپ قاپتۇ
    كۆڭلىدە بىخ چىقىرىپتۇ يوپۇرماقلار
    كىشىلەر كوچىلاردا يۈرەر ئايلىنىپ
    مەن يۈرىمەن يۈرىكىمدە
    ئالما سېتىۋاتقان، توخۇ كاۋىپى پىشۇرىۋاتقان
    قېتىق سېتىۋاتقان ....قىزلارنىڭ كۆڭلىدە نىمە خىيال بار؟
    بەش بالىسى بىلەن تاشلانغان ئايال
    ئىسسىق ھاۋاغا قاقلىنار ئۇزاق
    ئالدىدىكى نەشپۈتتەك كۈتۈش
    ئۇنى قىينار تەگىسىز پىراق.
    سۈپۈرگىدەك تال-تال ئۈمىدلەر
    ئىسسىق ھاۋادا
    خېرىدارسىز پارغا ئايلىنار.
    مەن ئايلىنىمەن ...ئايلىنىمەن تىنماي
    بازا قاينايدۇ
    كىشىلەر يايرايدۇ
    ئەمما نىمىنى ئويلايدۇ؟
    بىلگىلى بولمايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us