-
ئايشەم تورت دۇكىنى - [شېئرلار]
2009-04-30
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38701926.html
بۇ قېتىم كۆرۈشكەن ساۋاغداشلىرىمغا ئاتايمەن
كىرىپ چىقار سانسىز ئادەملەر
تورت دۇكىنىغا ئىزلەپ ئۆزىنى
بىز تۆت قاچا ماررۇژنى
ياكى تىزىلغان تۆت تال يوپۇرماق
كۆكلەۋاتقان، ھۆل ھەمدە قىززىق
غۇسسە تاغلىرى بېسىپ تۇرسىمۇ
تاشلىۋىتىپ ئۇلارنى يىراق
غەملەر بىر سايان ، بىزلەر بىر سايان
مارۇژنىدەك ئېرىدۇق
ھەم كۈلۈشتۇق سۇ تامچىلىرىدەك
ئاققان كەبى ئەگىزلەر تامان
ئايشەم تورت دۇكىنى
بىزگە ئەگىشىپ كۈلدى بىر ھازا
ۋە سىلكىندى بىز بىلەن بىللە
بىز قايتتۇق خوش ئېيتىپ،
تۆت ساۋاغداش قۇللارنى سىلكىپ
يەنە ئونبەش يىل ئۆتىدۇ قانداق
قانداق ياشايمىز، نىمىلەر ئويلاپ
نىمىلەرنى دىيىشەرمىز ھە
ئايشەم تورت دۇكىنىنىڭ ئون بەشىنچى قەۋىتىدە
نىسى قالغان قەھۋەنى ئوتلاپ.历史上的今天:
كەپتىرىم 2009-04-30مەن باغداشقا بېرىپ باقمىغان 2009-04-30گۈلخان مەشرىپى 2009-04-30ئەما قارىيغا 2009-04-30ئادۋۇكاتنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت خېتى 2009-04-30随机文章:
ھاۋاگۈل قاسىم بىلەن كۆرۈشۈش 2010-06-22شېئىرلار 2010-06-21ئۆيگە قايتىش 2010-06-21قۇملۇقنىڭ چۈشى 2010-05-28خەيزى ۋە شىئېرنىڭ كامالىتى 2010-05-27
收藏到:Del.icio.us
评论