• خەيزى ۋە شىئېرنىڭ كامالىتى - [ماقالىلەر]

    2010-05-27

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64379944.html

     

    خەيزى ۋە شىئېرنىڭ كامالىتى

    رىسالەت مەردان

     

    خەيزىنىڭ ئەسلى ئىسمى چاخەيشىڭ بولۇپ، ئۇ 1964-يىلى ئەنخۇيدا تۇغۇلغان، 1979-يىلى بىيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1983-يىلى پۈتتۈرۈپ، جۇڭگۇ سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى شەنخەيگۈندە پۇيىز يولىغا ئۆزىنى تاشلاپ  ئۆلىتۈرۋالغان.  <<تۇپراق>> ناملىق داستانلار توپلىمى ۋە <<خەيزى شىئېرلىرى >> <<خەيزىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى >>ناملىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

     

    خەيزىنىڭ ھەققىي ئىجادىيەت ۋاقتى 7يىلغان يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سانى كۆپ سۈپىتى ئادەمنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىئېر، داستان، ئوبزۇر ۋە خاتىرىلەر بارلېكىن يەنىلا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر، تارقىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغىنى يەنىلا ئۇنىڭ شىئېرلىرىدۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى لېرىكىغا باي، تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، 1984-يىللىرى يازغان << ئاسىيا تۇچى >>، 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى يازغان <<ئەتىياز. ئون خەيزى >> قاتارلىق شىئېرلىرىدا قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئازاب ھېسىياتى گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلەنگەن. ئۇ بارلىق گۈزەللىكلەرگە بولغان قىيالماسلىقىنى ئىپادىلىسە، ھايات ۋە ئەنئەنىگە بولغان قايناق ھېسىياتىنى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا ئىدىيە بىلەن ھەقىقەت ئارلىشىپ كەتكەن ھالدا مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ.

     

    خەيزىنى ئوبزۇرچىلار ۋەتەننى كۈيلىگەن، تۇپراقنى سۆيگەن شائىر دەپ قارىشىدۇ. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بەزى شىئېرلىرىدا يېڭىلىق يارىتىمەن دەپ تىلغان قىلغان بەزىبىر بۇزغۇنچىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ سانلىق شىئېرلىرى قۇسۇرسىز ئېسىل شىئېرلاردىن ئىبارەت. مەسەل، ساپ مەدھىيە، خىيال تىپىدىكى مۇراجىئەت قاتارلىق 3 خىل شىئېرىي شەكىل بىلەن شىئېرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان.  شىئېرلاردىكى ئادەمنىڭ ماھىيىتىدىكى ئازاب تۇيغۇسى، لېرىكا بىلەن تەبىئەت ۋە كائىنات ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت، تەڭلىك تۇيغۇسى قاتارلىقلار ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ شىئېرلارنى كىتابخانلار ئۇقۇپ تەپەككۈر قىلمايدۇ، بەلكى، شىئېرىي بايانلارغا ئەگىشىپ ئۆز بوشلۇقىدا شئېرىي مەنا ۋە تىلنىڭ پايانىغا يىتىدۇ.

     

    خەيزى بىلەن دەۋىرداش بولغان شىچۇەن ئاغىنە بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. خەيزى ئۆلگەندىن كېيىن شىچۇن ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى يىغىپ نەشىر قىلدۇرۇشتا ۋە ئۇنى خاتىرىلەشتە زور رول ئوينىغان.

     

    خەيزى شىئېرلىرىدىكى كامالەت مېنىڭچە ئۇنىڭ شىئېرىي ماھارىتىدە، ئۇ شىئېرلىرىدا ھەققىي بىر شائىرغا خەس بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز ۋەتىنىنىڭ سېرىق تۇپرىقى، ئالتۇن باشاقلىق بۇغدىيىنى، ئۆركەشلەپ ئاققان دېڭىزلارنى مەدھىيەلىگەن. ئۇنى يەنە بەزىلەر باشاق مەدھىيەچىسى دەپمۇ ئاتىغان.  شائىرلار ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تېما قىلىپ شىئېر يېزىپ باقمىغان شائىرلار بەكمۇ ئاز ئۇچىرىشى مۇمكىن. خەيزى ئۆز ۋەتىنىگە، تۇپرىقىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئۆزىگە خاس شىئېرىي تىل ۋە شىئېرىي شەكىل بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن.  خەيزىدىن جىق ئۆمۈر كۆرگەن، ھەتتا بىر ئۆمۈر شىئېر يازغان شائىرلارمۇ بار، لېكىن خەيزىچىلىك قايناق ھېسىيات بىلەن ئۆزگىچە ماھارەت، شىئېرىي تىلدىن ئىبارەت 3 ئامىلنى بىرلەشتۈرگەن شائىرلار ناھايىتى ئاز. چۈنكى خەيزى ئۆزگىچە تىل ماھارىتى بىلەن خەنزۇ تىل مەدەنىيىتىگە يىڭى تۆھپىلەرنى تەقدىم قىلغان. ئۇ تىلدىن ياخشى پايدىلانغان،. تىلنىڭ يۇمىشاق، ئەرۋىشىم بولىشى ئۇنىڭ شىئېرىي تىل ماھارىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ ھەتتا يېڭىلىق يارىتىمەن  چەكتىن ئاشۇرۋىتىپ تىلغا بۇزغۇنچلىق قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن.

     

    خەيزى يەنە نىمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ؟ بۇ بىر ئاشكارلانمىغان، جىق تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان سىردىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن كىشىلەر ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىدۇ.

     

    مېنىڭ ماتىرىياللاردىن ئىگىلىشىمچە تۈۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار :

     

    1.كېلىپ چىقىشى: ئەنخۇينىڭ يېزىسىدىن بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شىئېرلىرى بىيجىڭدا يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى شىئېرىي مەنزىرە ھامان ئەنخۇينىڭ يېزىلىرى ئىدى. ئۇ <<يېزا تۇرمۇشى مېنىڭ 20يىل شىئېر يېزىشىمغا يىتىدۇ >> دىگەنتى. ئۇنىڭ ئىماگلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچىرايدىغانلىرى بۇغداي، بۇغداي باشقى، تۇپراق ...قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ. بۇ ئىماگلاردىن ئۇنىڭ شەھەر تۇرمۇشىغا بولغان تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى بىلىۋالايمىز. ئۇ يەنە يىراقتىكى ياشلىققا يۈرۈش ناملىق ئىماگنى جىق ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ قەلبى يېزىلاردا بولغاچقا، شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشى ئۇنىڭ چەكسىز غېرىبلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. خەيزى تېخى توي قىلمايلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ تەنھالىقىنىڭ بىر قىسمى دىيىشكە بولىدۇ.

     

    2. ئۇنىڭ نازۇك قەلبى : ئۇنىڭ قەلبى داۋاملىق يارلىنىشقا ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئاسان زەربىگە ئۇچىرايدىغان ھەمدە زەربىلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بۇ خىل تۇيغۇ شائىرلارغا خاس بىر ئورتاقلىقتىن ئىبارەت،  ئۇنىڭ قەلبى دائىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە يارلىنىپ تۇرغان،ھېچبولمىغاندا، ئۇ مۇشۇ تۇيغۇلار ئىچىدە ياشىغان. بەزى شىئېرلىرىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئۇ دائىم بۇسوبىكتىپ تۇيغۇلىرىنى شىئېرغا ئايلاندۇرغان. شائىرلار ئۈچۈن نازۇك بولغان تۇيغۇلار دۇنياسى ناھايىتى مۇھىم بولغان شائىرلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ئۆز سوبىكتىپ تۇيغۇلىرىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ شىئېر يازىدىغانلار ئۈچۈن، بەزىدە بۇ خىل تۇيغۇلار گۈزەل مىسىرالارنى بىغىشلىسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇنىڭ كەيپىياتقا ناھايىتى تەسىرى بار. بۇ خىل تۇيغۇ خەيزىنى دائىم ئازابلاب تۇرغان. ئۇ ئەتىراپىدىكى مۇھىتتىن ئەمەس، يىراقتىكى بىر غايىۋىي ياشلىق مەنزىلىنى ئىزلىگەن.  ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قۇيغان .

     

    3. خەيزىنىڭ شىئېرلىرىدا قىزلارنىڭ ھېسىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن شىئېرلارمۇ بار. ھەتتا ئاچا، ئاچا سىڭىل قاتارلىق ئىماگلارمۇ يۇق ئەمەس. شىئېرلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ قەلبىدە قىزلارغا خاس بولغان بىر نازۇكلۇقنى بايقايمىز. بۇ خىل نازۇكلۇق ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد يىپلىرىنى ھەمىشەم ئۈزۈپ تۇرغان.

     

    4.ئۇ ئۆلىۋالغان چېغىدا سومكىسىدىن چىققان كىتاب ئىنجىل بىلەن ماركىسىزىم نەزىرىيىسىگە ئائىت كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابلاردىن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى زىدىدىيەتنىڭ مەنبەسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىئالىزىم ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا ئۆلىۋىلىشقا بولغان قاتتىق بەلگىلىملىلەر يۇق.  بۇ تېڭىرقىشى ئاخىرىدا يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ئۆلۈمگە ئاپارغان .

     

    تەتقىقاتچىلار خەيزىنىڭ ئۆلۈمىنى بەكلا سىرلىقلەشتۈرۋەتكەن بولۇپ، لىيۇ شىياۋفىڭ ئىسىملىك بىر تەتقىقاتچى نەچچە تۈمەن خەتلىك ماقالىدىن بىرنى يېزىپ ماقالىسىدە << شائىرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى مۇقەررەردۇر >> دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن. لېكىن ئەمەليەتتە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، شائىرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى مۇقەرەر ئەمەستۇر. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىلاردىن ھېمىڭۋاي، مارك تىۋىن. جىك لوندۇن، ...قاتارلىق نۇرغۇن يازغۇچىلارمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، لېكىن بۇلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، جىك لۇندۇننىڭ كىيىنكى ھاياتى بەك ھەشەمەتلىك ئۆتكەچكە بەك بىيۇكىراتلىشىپ، مەنىسىزلىك ھېس قىلىپ ئۆلگەن. ھېمىڭۋاي نوبىل مۇكاپاتى ئالغاندىن كېىيىن، ئۆزىدىكى چۈشكۈنلۇكتىن قۇتۇلالمىغان ھەمدە كىيىنكى ئەسەرلىرى بۇرۇنقى ئەسەرلىرىگە يەتمىگەن . قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئۇنىڭ << بوۋاي ۋە دېڭىز>> رومانىدىكى سانىتىياگۇ بوۋاينىڭ پىروتوتىپى بولغان بوۋاي 100ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۆلۈم دەھشتىنى كۆرگەن بەزى يازغۇچىلار ياشاشقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن.

     

    خەنزۇ شائىرلاردىن چۈ يۈەن، ۋاڭ گۇۋىي قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شائىرلارنىڭ ئۆلىمى مۇقەرەر دىگەن مەنانى بەرمەيدۇ. تارىختا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى  شائىرلارلا ئەمەس، بەلكى تارىخشۇناسلار، سىياسەتشۇناسلار..قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. خەيزى ئاۋال چاخەيشىڭ سالاھىيىتىدە سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان ئادەمدۇر، ئاندىن ئۇ خەيزى سالاھىيىتىدە شائىردۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمىنى ئۇنىڭ شائىرلىقىغا بەك يۈكلىۋىتىشمۇ بىمەنلىك بولسا كىرەك.

     



    收藏到:Del.icio.us