رىسالەت مەردان بلوگى
نەسىرلىرىم
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63827357.html
خاسىيەت!!
سېنىڭ بىر جۈپ نورلۇق كۆزۈڭنى، ھالرەڭ لەۋ سۇرۇخ سۈرگەندەك ئوماق لەۋلىرىڭنى دائىم ئەسلەيمەن. خىيالىم سەن تەرەپكە كېتىدۇ.
خاسىيەت: شەخسىيەتسىز، ساپ دوستلىقىمىزنى ھېلىھەم ئەسلەمسەن ؟
بىر ئوقۇتقۇچى ئىدۇق، ياشلىقىمىزنىڭ دەسلىپىدە مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلارغا پەخىر ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تىكىلگەن ئۈمىدۋار، تىتىك ئوقۇتقۇچى ئىدۇق. سەن بىلەن ئىككى يىل بىللە ئىشلەش جەريانىدا سەندىن غۇبارسىزلىقنى، سەممىيلىكنى كۆرگەن ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. سەن بىلىم ئاشۇرۇشقا كىتىپ قىشلىق تەتىلدە كەلگىنىڭدە سېنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتكىنىم ئىسىڭدىمۇ؟ سەن گەپ ئارىلىقىدا ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتكەن ئىدىڭ.مەن ئۇ چاغلاردا كىتاب ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر قىز ئىدىم. سېنىڭ ئېغىر-بېسىقلىقىڭ، ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدىكى ئېقىن بويىدا پاراڭلىشىشلىرىمىز ھېلىھەم ئىسىمدە، سەن ناخشىنى ياخشى ئېيتاتتىڭ، بىز ھېيىتلاپ ماڭغاندا سەن بىزگە نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ، سەن شۇ چاغدا باھار گۈللىرى ئىچىدە پەرۋاز قىلغان شادىمان قۇش ئىدىڭ. ئەمدىلىكتە بىز ئىككى يەردە سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىيالمايمەن. كۆرۈشەلمەيمەن. لېكىن سەن خىيالىمدا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا پەيدا بولىسەن، سۇس كۈلكەڭنى كۆرگەندەك، قولۇمنى ئۇزاتساملا سېنىڭ تەمكىن يۈزۈڭنى سىلىيالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. لېكىن قولۇم بوشلۇقتا قېتىپ قالىدۇ.
30 ياشتىن ئېشىپ ئائىلە تۇتقان، جاھاننىڭ ئىسسىق-سۇغۇقىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئاياللارغا ئايلاندۇق، قىزىڭنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىدىن سېنىڭ كۆزلىرىڭنى كۆرگەندەك بولىمەن، ئىلاھىم، بالاڭ سەندەك سالامەت ۋە غۇبارسىز چوڭ بولغاي!
سېنىڭ بىر مۈشۈكىڭ بار ئىدى. مۈشۈكۈڭنىڭ ئىسمى بەكلا غەلىتە ئىدى. ئۇ مۈشۈك ئۆلۈپ كەتكەندى، سېنىڭ ئىچىڭ ئاغرىپ كەتكەن، خېلى ۋاقىتلارغىچە ئازابلانغان ئىدىڭ، زاماننىڭ رەڭلىرى سېنىڭ قەلبىڭنى بوياپ ئۈلگۈرمىگەندى، ھېلىھەم شۇ قىياپىتىڭنى ساقلاپ ئۆتۈۋاتامسەن ؟خاسىيەت: مەندەك بىر دوستۇڭنى ئەسلەمسەن؟ پاراڭ ئارىلىقىدا گېپىم بولۇپ قالسا، يۈرىكىڭنىڭ بىر يېرى پىژژىدە قىلامدۇ؟ ساڭا دوستلۇق قولۇمنى ئۇزاتتىم، كەل قولۇمنى تۇت، مەنىۋىي دۇيايىمىزدا، ئەسلىمىمىزدە بىر-بىرىمىزنى ياد ئىتەيلى. دوستلۇقىمىز داۋاملاشسۇن، خىيالىمىزدا بىر –بىرىمىزنى ئەسلىشىپ تۇرايلى.
收藏到:Del.icio.us