• زۇمرەت---نەسىر

    2010-05-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63827727.html

    زۇمرەت: سەن زۇمرەتتەك پاقىراق ھەم ساپ قىز ئىدىڭ، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى دوستلۇقنى ئويلىسام ئۆزۈمچە كۈلۈپ كىتىمەن. گەرچە قېرىمىغان بولساممۇ، بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ ھوزۇرلىنىمەن ۋە شۇ ۋاقىتلارغا قايتقاندەك بولىمەن. سەن ھازىر ئوماق بىر بالىلىق بولدۇڭ، ئوغلۇڭ ھەر كۈنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، ئۆزى يالغۇز ياكى بالىلار بىلەن ئوينايدۇ، زىرىككەندە سېنىڭ قېشىڭغا كىرىپ ساڭا ھەمراھ بولىدۇ ياكى ئويلىغانلىرىنى ساڭا دەپ بىرىدۇ، ئۇ سەل يىراققىراق كەتسە، ‹‹ئەمىرىدىن ››دەپ توۋلىساڭلا، قېشىڭغا ئۇچقاندەك پەيدا بولىدۇ.
    سېنىڭ تۇرمۇشۇڭ خاتىرجەم، ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق، يول بويىدىكى ئۆيۈڭدە بەھۇزۇر ياشايسەن، پەقەت بۇ يىل ياز بىز دىدار كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتىمىز. بىز ناھايىتى ئاددىي، قىسقا كۆرۈشتۇق، سەن ماڭا سۈتچاي قاينىتىپ بەردىڭ، قوغۇن تىلدىڭ، مەن شەربەتلىرى ئېقىپ تۇرغان قوغۇننى يەۋىتىپ، سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدىكى ئاددىيلىك ئىچىدىكى گۈزەللىكنى، خاتىرجەملىكنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بالاڭ چوڭ بولۇپ مەكتەپ يېشىغا يىتىپتۇ، ئۇنى شەھەردە ئوقۇتۇشنى ئويلاپسەن. ساڭا ئچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
    داداڭ بىلەن دادام كىچىكىدىنلا دوست ئىكەنتۇق، بىزمۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ دوست بولۇپ ئۆستۇق، ئىسىمدە قېلىشىچە سەن مەندىن بىر يىللىق يۇقىرى ئوقۇيتتىڭ، مەن بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كىچىك باغدا دەرس تەكرارلاۋاتقاندا، سەن كىرىپ كەلدىڭ، ئۈستۈڭگە قانداق كىيىملەرنى كەيدىڭ، ئسىمدە يوق، پەقەت ئىسىمدە قالغىنى سەن ماڭا ئەدەبىيات تاپشۇرۇق دەپتىرىڭنى كۆرسەتتىڭ، خەتلىرىڭ خۇددى باسما خېتىدەك رەتلىك، تەبئىي، چىرايلىق ئىدى، مېنىڭ خېتىم ئەكسىچە ئۆمۈچۈك پۇتىغا ئوخشايتتى، سەن ماڭا داداڭنىڭ موشۇنداق خەت يازغۇزغىنىنى دەپ بەردىڭ. شۇندىن كېينكى ئەسلىمىلىرىم خۇددى باھاردىكى يامغۇر  تامچىسىدەك خىيالىمغا ئولىنىپ كېلىدۇ، سېنىڭ نازۇك، شەھەردە چوڭ بولغان، قورقۇنچاق ئاچاڭ بار ئىدى. ئۇ مەندىن بەك قورقاتتى، مېنى كۆرسىلا يىغلاپ كىتەتتى. ئاچاڭ بىلەن كېيىن دوست بولۇپ قالدۇق، ئوقۇۋاتقىنىمىزدا خەتلەر يېزىشتۇق، ئۇ توي قىلدى، تويىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر خىيالغا چۆكتىكى، خىياللىرىدىن نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقى مېنى تولىمۇ قىزىقتۇردى.
    زۇمرەت: گەرچە يىلدا بىرەر قېتىمدىن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە تەس ئېرىشسەكمۇ، سەن بىلەن بولغان زومرەتتەك ساپ سۇدەك سۈزۈك دوستلۇقىمنى تولىمۇ قەدىرلەيمەن.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us