• خاتىرىلىرىم - [پىروزا]

    2009-06-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40297049.html

    خاتىرىلىرىم
    مەرۋەرىنىڭ تاققا-تۇققۇلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ماڭا تەسىر قىلغان ئىش ئۇنىڭ باققان بىر تەشتەك گۈلى توغرىسىدىكى بايانى بولدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك يۈز ئارزۇيۇمنى يازغاندا<<بىر تەشتەك گۈل بېقىش >> دەپ بىر تۈرنى قوشقان ئىدىم، توي قىلىپ كېلىپلا، ئېرىم ماڭا سوۋغا سۈپىتىدە بىر تەشتەك پىكۇس، بىر تەشتەك قوناقگۈل سوۋغا قىلدى. بۇ تەشتەكلەر كىچىك تەشتەك ئەمەس، يۆتكىسىمۇ تەستە يۆتكەيدىغان يوغان تەشتەكلىك گۈللەر ئىدى. گۈل بېقىش باشقىلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن قىلىپ باقمىغان بىر يېڭى ئىش ئىدى. شۇڭا، بەزىدە ھەتتا گۈللەرگە سۇ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم، ھەتتا پىكۇسنى قۇرۇتۇپ قويغىلى تاس قالدىم. قىشتىن سالامەت ئۆتكەن گۈللىرىم، مېنىڭ سۇ، گۈرۈچ يۇيغان سۇ ، ئوغۇتلارنى بىرىشىم بىلەن خېلى ئىگىزلىدى. پىكۇس مېنىڭ سەۋەنلىكىم تۈپەيلىدىن ئۆسۈشى ئاستا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر يىڭى قۇلاقلارنى چىقىرىپ، مەندىنمۇ بەك ئوماقلىشىپ كەتتى، مەن بەزىدە لۈڭگىنى ھۆللەپ ياپراقلىرىنى سۈرتۈپ قويسام، ۋالىلداپ پاقىراپ ئېچىلىپ كىتەتتى، قوناقگۈلىمۇ ئۇندىن قالماي ئىگىز، كۆركەم تۈسكە كىردى
    .

    باھار كىرىشى بىلەن، مەندە يەنە گۈل ئېلىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى، كىتابتىن كاكتۇسنىڭ رادىئاتسىيىنى سۈمۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بازاردىكى كىچىككىنە بىر گۈل دۇكىنىغا باردىم، ئۇ يەردە دىگۈدەك كاكتۇسمۇ يوق ئىكەن، مەن زادى ئالىمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، دۇكاندار ئىسكىلاتىدىن بىىر كىچىك كاكتۇسنى ئېلىپ چىقىپ ماڭا بەش كويغا سېتىپ بەردى، كاكتۇس ئاران ئىككى قۇلاقلىق بولۇپ، ئۈستۈنكى ئۇزۇن قۇلىقى سۇغۇقتا ئۈسسۈپ رەڭگى قارامتۇل بولۇپ قالغان ئىدى، دۇكاندار مېنىڭ بۇ قىزغىنلىقىمدىن بەك تەسىرلەنگەن بولسا كىرەك، يەنە بىر كىچىك تەشتەكنى بىرىپ، ئىچىگە توپا توشقۇزۇپ بىرىپ، ماڭا :<< ئۈستىدىكى قۇلىقىنى كىسىپ، ماۋۇ تەشتەككە تىكىپ قويساڭ، ئۇمۇ چىرايلىق كۆكلەيدۇ،>> دەپ بىرىۋەتتى، مەن كەلگەن ھامان، قۇلاقنى كىسىپ، يەنە بىر تەشتەككە، نۇرغۇن ھاياجان ۋە ئۈمىد بىلەن تىكىپ سۇغۇرۇپ قويدۇم.

    گۈل بېقىشمۇ بىر خىل ھەۋەسكەن، مەن ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىممۇ، قىزىقىشىممۇ، كەسپىممۇ ئەدەبىيات بولغاچقا، ئىشتىن سىرىت نىمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم، ھازىر بىكار ۋاقتىم بولسا گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى كۈزىتىپ، يوپۇرماقلىرىنى سۈرتۈپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم
    ھېلىقى مەن ئۆزۈم ئالغان كاكتۇس خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆسمىدى يا قۇرۇپ كەتمىدى، مەنمۇ ئۈمىدىمنى ئاسانلىقچە ئۈزىۋەتمىدىم، مەن كىسىپ تىككەن كاكتۇسنىڭ ئۈستى تۆمۈر رەڭگە ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ئۇنىڭدا ھاياتلىقنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلمەي، ئاخىرى يېشىلدىن قارىغا ئۆزگەرگەن جايلىرىنى چىداپ تۇرۇپ قايچا بىلەن كىسىۋەتتىم. ياز كېلىپ، ئۇلار بىر كۈنلەرگىچە بىخمۇ چىقارمىدى. مەن ئۇلاردىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئانچە قارىماس بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككىلىسى مەسلىھەتلىشۋالغاندەك، تەڭلا قۇلاق چىقاردى. ئۇلارنىڭ يېڭى قۇلاقلىرىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بوپ كەتتىمكى، ئېرىمگە خوش خەۋەر دىسەم، ئېرىم كىتاب ئوقۇۋاتقان يېرىدىن تۇرۇپ<< شېئىرىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇمۇ ؟>> دەپ سورىغانتى، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ كۈتۈپخانا ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسىگە قويۇلغان كاكتۇسنى كۆرسەتتىم. ھازىر ئۇمۇ بۇ كاكتۇسلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، سەھەر تۇرۇپ سۇغىرىپ قويىدىغان بولدى
    .

    ھازىر كاكتۇسلارنىڭ قۇلاقلىرى خېلى چوڭىيىپ قالدى. مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن تۇرۇپلا ئۇلارغا قارايمەن، تىكەنلىرىنى سىيلاپ باقىمەن. بۇ كاكتۇسلار ماڭا ھەققىي بىر خوشاللىق بەخىش ئەتتى.
    ئۆيۈمدە يەنە بىر تەشتەك قوغۇنگۈل بار ئىكەن. بۇ گۈلگە مەن قىشنىڭ ياقى قاراپمۇ قويماپتىمەن، خازان باسقان، ئەگرى-بۈگرى شاخچىلىرى بىلەن قىشنىڭ سۇغۇقىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۈپ يازغا ئۇلاشقان بۇ قوغۇنگۈلگە بۈگۈن نەزىرىم چۈشۈپ، ئۇنى ئۆينىڭ نەزەرسىز قالغان بۇلۇڭىدىن ئېلىپ، كاكتۇسلىرىم بىلەن بىللە ئۆسسۈن دەپ كۈتۈبخانامغا ئەكىرىۋالدىم. كۈتۈبخانامنىڭ دېرىزىسىگە قويۇپ، خازانلىرىنى تازىلاپ، تىگىنى ئۆتكەندە يايمىچىدىن ئالغان كىچىك ئوتۇغۇچ بىلەن يۇمشىتىپ ئۇنىڭ سۇ قويدۇم، ئۇنىڭ توپىسى قۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن يېرىلىپ كىتىپتۇ. يۇپۇرماقلىرىنى يۇيىۋىتىپ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ھالدا ئاپىرىن ئېيىتقۇم كەلدى، چۈنكى ئۇ بىر قىش قاراقسىز قېلىپمۇ، قەيسەرلەرچە باش ئەگمەي ياشىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەگرى-بۈگرى ئۆسكەن شاخلىرىنى كىسىپ، تەشتەككە قايتىدىن تىكىپ، تازا سۇغۇرۇپ قويدۇم، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ، يېڭى بىخ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
    .

    يەنە گېپىمنى كاكتۇسقا قايتۇرۇپ كېلەي، ئۇنىڭغا قارىسام قارىغۇم كېلىدىغان بوپ قالدى، ئۇنىڭ سۇس يېشىل رەڭدىكى قۇلاقلىرى مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۈمىد بىخى ئىدى. ئۇلار دېرىزە تۈۋىدە قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە بەھىر ئېلىپ، خوشال-خورام، خاتىرجەم ئۆسمەكتە. ئۇنىڭ ئۆسۈپ ئىگىز بوپ كىتىشنى، ھەتتا چىچەكلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇرۇن ياتقان ياتىقمدىكى دوستۇم گۈلخۇمار قىز ئىدى. ئۇنىڭ دېرىزدە نۇرغۇنلىغان گۈللىرى بار ئىدى، ئۇ گۈللەرگە سۇ قۇياتتى، گۈللىرىنى چاتايتتى، مەن پەقەت قىزىقمايتتىم، ئۆز-ئىشىم بىلەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە گۈل بېقىشقا قىزىقىپ
    قالدىم. گۈللەرنىڭ ئۆسۈشىنى كۈزىتىش مەن ئۈچۈن بىر ئەرمەك بولدى
    .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • پات-پات كىرىپ كۆرۈپ تۇرىمەن، بىزنىڭ مەھەللىگىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلارسىز.
  • مۇشۇنداق تەبىئىي يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
    رەيھانئاي بلوگى回复Arghu说:
    رەھمەت سىزگە، داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ، بىلۇگىمدىكى مەزمۇنلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇۇ
    2009-06-03 17:21:52