• qayta - [شېئرلار]

    2009-05-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38967631.html

    ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻟﮕﯜﺟﻪ ﺭﻩﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺭﻩﺧﯩﺘﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﻳﻐﺎﻥﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﻧﯘﺳﺨﺴﯩﻐﺎ  ﺭﻩﺧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ  ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺟﻪ ﺭﻩﺧﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

     

    ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ --ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﺍﺭﻣﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ-ﭘﯘﺭﺍﺕﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﺩﯨﻦﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰﺋﯘﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

     

    ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﮔﺎﻫﻰﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﭗ، ﮔﺎﻫﻰﺋﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻧﻰﺯﺍﺩﻯ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺭﺍﺳﺖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ.

     

    ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭘﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯚﻫﺮﺍﻥﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ  ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ.

     

    ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﺶ، ﻳﺎﻛﻰ، ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻛﯚﺗﯩﺮﻩﯕﮕﯜ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﭖ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻐﺎ  ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

     

    ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻝ ﻣﻮﺷﯘﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﻮﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﺎﯞﺯﯗﺳﯩﺪﯨﻨﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ>> ﺗﯚﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ <<ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗ >> ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ<< ﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﺍ >> ﺗﯜﻥ ﻛﯩﭽﻪ<< ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎ ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.

     

    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ >>ﺋﯘ << ﻧﻰ ﺗﻮﻧﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.بۇ ‹‹ئۇ ›› نىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ بىلەن رىسالەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى بىزگە غۇۋالىق ئىچىدە سەل ئايدىڭ بولىدۇ. ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىمۇ ئۇنى تونىۋالىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا بىرەيلەننىڭ كىملىكىنى تۇنۇش كۆزنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان بىر تونۇش باسقۇچى. ئۇنى رىسالەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، كۆزى ئەمەس، كۆڭلى تونۇۋالىدۇ. لېكىن رىسالەت بىر قاراپلا ئۇنى تۇنىۋالغان بىلەن، كۆڭلىدىكى ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچى تەركىبلەر شۇ ھامان ئەسىلىمىدە ئايان بولىدۇ. ‹‹تۈن شاماللىرى ›› نىڭ ھوۋلاپ تۇرۇشى ئىككەيلەننىڭ قەلبىدىلا قارشى تەرەپكە مۇئەييەن ئېتىرازنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا ئەسلىگە قايتىدۇ. مەن بۇ ‹‹ بارماقلارنى پۇلاڭلىتىش ›› نى ئاددىيلا مەنىدىكى قول پۇلاڭلىتىش ياكى باشقا بىر ئاددىي سالاملىشىش ھەركىتى دەپ قارىمايمەن.  چۈنكى شۇ پەيىتتە رىسالەت ‹‹ ئۇ ›› نىڭ قولىدىن ئاينىڭ نۇرىنى كۆرىدۇ. بۇ ئاينىڭ نۇرى دەل ئۇلارنى قايتا ئۇچرىشىشقا نىسىپ قىلغان ئامىلدىن ئىبارەت. بۇ يەردە بىز ‹‹ ئۇ ›› نىڭ تەشەببۇسكار ھالىتىنى ھېس قىلالايمىز. رىسالەت ئاي نۇرىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئاي نۇرى چۈشكەن قولنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىدۇ ئەلۋەتتە.
    قايتايلى،
    ئارقىمىزغا قايرىلغان شۇ پەيىت
    ئۇنتۇپ قالدۇق كېتىش يولىنى

    ئۇلار نىڭ تىراگىدىيىسى بىر سۆيۈملۈك تىراگىدىيىدىن ئىبارەت. ئۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىرلا نۇر چىقىرىدۇ ۋە ئايرىلىپ كېتىدۇ، رىسالەتنىڭ كېتىش ئالدىدىكى تېڭرىقىغان ھالىتى بۇ شېئىردا ئىپادىلەنمىگەن بولسمۇ، لېكىن ، ئۇ كېتىش يولىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك گاڭگىراش ھالىتىنى يورۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى ئازابىنى ئىپادىلىگەن.

    رىسالەتنىڭ شېئىرىنى مۇشۇنچىلىك يەشسەك بولار، شېئىردىكى تىلنىڭ سېيرىلىش كۈچى بىزنى مەھلىيا قىلىدۇ، ئەمما ئۇ شېىئر نۇرغۇنلىغان مۇجىمەللىكلەرنى ۋە تېڭىرقاشلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ئاياغلىشىدۇ.
    مەن كۆپىنچە ھالدا رىسالەتنىڭ شېئىرىدىكى بىر خىل ئىچكى قارشىلىقنى ھېس قىلىمەن. بۇ جىمجىتلىك ۋە سەممىيلىك ئىچىدىكى قارشلىق ناھايىتى تېنىچ ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بۇ يەنىلا تۇيغۇلارنىڭ پارچىسى بولغاچقا،بىز قولىمىزنى ئۇزىتىپلا ئاسماندىكى تۈتۈن پارچىسىنى تۇتماق بولغاندا، قولىمىزدا سىقىمداپ قالغان ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ سەل ئەپسۇسلىنىمىز.
    يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە رىسالەتنىڭ ئىجادىيىتىدە ، ھېچ بولمىسا شەكىل جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى، يەڭگىل تىل بىلەن ئۇيغۇر قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۇسلۇبىدىكى مىسىرالار رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىدا بەك كونىراپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مەناغا ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇرغان چىنلىق تۇيغۇسى بۇ شېئىرلاردىكى بىزگە يېتىپ كېلىۋاتقان نەرسىدىن ئىبارەت. شائىرلارنىڭ ئاشىقلارنىڭ ئۇستازى بولمايدۇ دىگەن گەپكە قوشۇلمايمەن.شائىرلارنى شېئىرىيەت  كوچىسىغا باشلاۋاتقان بىرىنچى ئىنرگىيەگە تاينىپلا مەڭگۈلۈك ئىمتىيازغا ۋە قەلەم ھوقۇقىغا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، مۇنداق شائىرلار بىرلا قاتتىق شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، شائىرلار ئۆزئەسەرلىرى بىلەنلا مەسىت بولۇپ كەتمەي، سەل كىتاب كۆرۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يۇق.
    رىسالەتنىڭ شېئىرلىرىكى ئىلگىرلەشنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • turmux halakqilikida yurup alakilixalmiduk, BLOG ni yaxshi quriwapsiz, mubarek bolsun
  • خەت شەكلى نورمال ئەمەسقۇ؟ قارىغاندا ئې ئو ت ھۆججىتىنى تونۇمىغاندەك قىلامدۇ، نېمە؟
    بىلوگخڭىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، سىزمۇ مېنىڭكىنى قوشۇپ قويارسىز.