• شېئىردىكى سېھرىي كۈچ - ئوخشىتىش - [ماقالىلەر]

    2010-05-27

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64380345.html

                                     شېئىردىكى سېھرىي كۈچ - ئوخشىتىش


       قۇربان بارات دەۋرىمىزدە ئېتىراپ قىلىنغان تالانتلىق شائىر. ئۇنىڭ تالانتى - شېئىرلىرىدا پىكرىنىڭ ئۆتكۈر، چوڭقۇرلۇقى، مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم كۆپ خىللىقى، ھېسسىياتىنىڭ قويۇقلۇقى، شېئىر قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەنلا ئەمەس، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، بەدىئىي ئامىللىرىنىڭ كۆپلۈكى، جۈملىدىن ئوخشىتىش، سىمۋول، مۇبالىغە، سۈپەتلەش ۋە سېلىشتۇرۇش، تەنە ۋە نەقىل كەلتۈرۈش، ئېفىمىزم قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
    ئىستىلىستىك ئامىللارسىز شېئىر بولمايدۇ، بىراق شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، ئۈنۈملۈك، جايىدا قوللىنىلغان - قوللىنىلمىغانلىقىنىڭ پەرقى چوڭ. قۇربان باراتنىڭ شېئىر، باللادا، داستانلىرىدا ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر ناھايىتى جايىدا ئىشلىتىلىپ، خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ياراشقان.
    <<گۈل - گىياھ قاھ - قاھ ئۇرۇپ ئاچتى چېچەك،
    مېۋىلەر چېچەكلىدى تۈگۈن بولۇپ.
    گۈپۈلدەپ گۈل پۇرايدۇ ئاسمان - زېمىن،
    قەلبلەر چېچەكلىدى گۈلگۈن بولۇپ.>>
    بۇ بىر كۇپلېت شېئىرنى ئوقۇپ، ياز توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ - سۆز بولمىسىمۇ، ياز مەۋسۇمىنىڭ ئاللىقاچان كەلگەنلىكىنى، گۈل - گىياھ چېچەكلەپ، مېۋىلەرنىڭ غورا بولغانلىقىنى، گۈل ھىدىنىڭ ھەممە يەرنى قاپلىغانلىقىنى، ياز شادلىقىغا چۆمگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ چېچەك ئېچىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، شائىرنىڭ <<گۈل - گىياھ قاھ - قاھ ئۇرۇپ ئاچتى چېچەك>> دېگەن مىسراسىدىن تەبىئەت مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپلا قالماي، تەبىئەتنىڭ كۈلكە ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغاندەك بولىمىز. بۇ بىر مىسرادا ھەم سۈرەت، ھەم يېقىملىق سادا بار.
    قۇربان بارات قوللانغان ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر يېڭى، ئىجادىي بولۇپ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭكىنى ئەسلەتمەيدۇ. شائىر <<تۇغۇلغان يېزام>> شېئىرىدا ئۆز يېزىسىنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ:
    <<قۇياش گۈلدەستىسى گويا بۇ يېزا،
    كۈمۈش نۇر ئېقىنى ئۇنى قۇچاقلار.
    يىگىتلەر باغلىغان ھالرەڭ پوتىدەك،
    ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتىدۇ تاغلار.>>
    شېئىردىكى ئىجادىيلىقنى، شائىردىكى تالانتنى دېسە مۇشۇ مىسرالارنى مىسالغا ئېلىش كۇپايە. بۇ يېزا ئۆتمۈشتىكى مىسكىن، خارابىيلىق ئارىسىدىكى چاڭ - توزان باسقان يېزا ئەمەس؛ گۈلدەستىدەك چىرايلىق، گۈل - گىياھقا تولغان گۈزەل تاغلىق يېزا. يېزىنى گۈلدەستىگە ئوخشىتىش بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولسا، قۇياشنىڭ گۈلدەستىسىگە ئوخشىتىش يېڭىلىق ئۈستىگە يېڭىلىقتۇر. شائىر تاغنى <<ئەتراپىدا ئېگىز تاغلار، قارلىق تاغلار>> دېگەن سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىمەي، ئۇنى يېزا يىگىتلىرى بېلىگە باغلايدىغان بەلباغ(پوتا)قا ئوخشاتقان. بىز بۇ ئوخشىتىشتىن تاغلارنىڭ تاقىر تاغ بولماستىن، يېشىل گىياھ بىلەن قاپلانغانلىقىنى ھەم بۇ تاغلارنىڭ خۇددى پوتىدەك يېزىنى ئوراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. شائىر بۇ شېئىردا بىر سۆز، بىر جۈملىنىمۇ ئارتۇق ئىشلەتمەي، قوش قاتلام مەنە ئىپادىلەپ، پۈتۈن يېزىنىڭ كۆرۈنۈشىنى روشەن سۈرەتلىگەن.
    ئوخشىتىش قۇربان باراتنىڭ شېئىر - داستانلىرىدا گۈلزاردىكى رەڭمۇ رەڭ كېپىنەكتەك كۆپ، ئوقۇرمەننىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك جەزىبىلىك.
    <<كۈمۈشتەك يالتىرايدۇ قارلىق تاغلار،
    يېشىللىق دۇنياسىدۇر ئېتەكلىرى.
    ئېدىرلار نار تۆگىنىڭ ئۆركىشىدەك،
    باغرىدا يەلپۈنىدۇ چېچەكلىرى.>>
    شائىرنىڭ كۆزىگە يۇرتىنىڭ تاغلىرىدىكى قارلار كۆمۈشتەك، تاغ ئېتەكلىرى پايانى يوق يېشىل دۇنيادەك، ئېدىرلار تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
    ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئوقۇرمەنلەردە ئورتاق سادا پەيدا قىلغان <<كېسىلگەن توغراق>> ناملىق شېئىرىدا شائىر چۆل - جەزىرىلەردە ئۆسىدىغان، كېسىپ تاشلانسىمۇ تېنىدىكى ھۆللۈك بىلەن قايتا كۆكلەپ - بىخلايدىغان، قىشنىڭ سوغۇقى، تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا تاۋلانغان توغراقنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇلۇغ شېئىرىي ئوبرازىنى ياراتقان.
    شېئىر شائىر ھېسسىياتىنىڭ پارتلىشى بولۇپ، ئادەم كىيىم - كېچەككە موھتاج بولغاندەك، شېئىرمۇ ئوبرازغا، ئىستىلىستىك ۋاستىلەرگە موھتاج. ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئۇدۇمى. مەسىلەن: خىرقىتى <<مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام>> دېگەن ئەسىرىدە گۈلنى مەشۇققا، بۇلبۇلنى ئاشىققا، شامالنى تېپىشتۇرغۇچى ياكى ۋاستىچىگە تەققاسلاپ، مۇھەببەت توغرىسىدىكى شېئىرىي تۇيغۇسى، پىكرى، خىيالى، تەسەۋۋۇرىنى ھېكايە قىلىشتا ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
    <<بەناگاھ گۈلشەن ئىچرە گۈل ئېچىلدى،
    يېشىل بەرگ ئۆزرە گويا قان چېچىلدى.
    بىلىپ بولماس پەلەك جىسمى سۆكۈلدى،
    پەلەكتىن يەر ئۇزرە يۇلتۇز تۆكۈلدى.>>
    بۇ كۇپلېتتا ئېچىلغان گۈل يېشىل يوپۇرماق ئۈستىگە چېچىلغان قانغا ياكى پەلەكتىن تۆكۈلگەن يۇلتۇزغا ئوخشىتىلغان. گۈزەل ئوخشىتىش، مۇبالىغە بىرلەشكەن بۇ سەلتەنەتلىك شېئىر مىسرالىرىنى ئوقۇساق تەسەۋۋۇرىمىز قاناتلىنىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ، ياپيېشىل باغدا قىپقىزىل قاندەك ئېچىلغان گۈل - غۇنچىلار ئارىسىدا خۇش پۇراققا چۆمۈپ ساياھەت قىلىدۇ.
    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا شېئىر يېزىشنى باشلىغان قۇربان بارات بۇ ئۇدۇمغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە ماھارەت ياراتقان شائىر بولۇش بىلەن بىللە، شېئىر - داستان تەرجىمىسى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، پوشكىننىڭ <<مىس چەۋەنداز>>، <<ئاكا - ئۇكا قاراقچىلار>>، لېرمېنتوۋنىڭ <<ئىسمىر بەگ>> ناملىق مەشھۇر داستانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قېزىش ۋە رەتلەش جەريانىدا <<دىۋان سەككاكى>>، <<دىۋان ئاتايى>>، <<دىۋان نۆۋبىتى>>، <<دىۋان زۆھۈرى>>، <<سەددى ئىسكەندەر>>، <<ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى>>، <<ئارزۇگۈل>> قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇردى. مۇشۇ جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ئىپادىلەش سەنئىتى، ئۇسۇلىنى، بولۇپمۇ ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈردى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شېئىر - داستانلىرىدا ئىشلەتكەن ئوخشىتىش، مۇبالىغە، جانلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغان شېئىرىي مۇھىت بىر - بىرىدىن گۈزەل ھەم تولىمۇ جايىدا. مۇبالىغە، جانلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرە قەلبىمىزگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ، تەسەۋۋۇرىمىزنى ئۇرغىتىدۇ. بىزنى شائىر بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى <<بالاغەت>>، شېئىردىكى <<سالاپەت>>.  

     

    كېلىش مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ: