• ICONھاۋاگۈل قاسىم بىلەن كۆرۈشۈش

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/66764209.html

    ھاۋاگۈل قاسىمنى قومۇلدا بىلمەيدىغانلار يوقتۇ؟! ھاۋاگۈل ئاچامنىڭ چاشمىچىلىقى ئۇنى پۈتكۈل قومۇل دىيارىغا تۇنۇشتۇرغاندىن
    باشقا، ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى- يېزىقچىلىققا قىزىقىشى ئۇنىڭ نامىنى مېنىڭ قەلبىمگە ئويۇپ قويغان ئىدى. مەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن غايىۋانە تونۇشۇپمۇ ئالغان ئىدىم، گەرچە يۇرتىمىز بىر قومۇلدا بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ۋە شارائىت پىشماي، ئىككىمىز يۈز كۆرۈشەلمىگەن ئىدۇق، لېكىن ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، بىر-بىرىمىزگە سالاملىرىمىزنى ئاياشماي يوللاپ، بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. مەن قايسىبىر توردىن ئۇنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرىۋالدىم ۋە ئۇنى سىنادىكى بىلوگىمغا قويۇپ، ئۇنىڭ ھەققىدە بىر پارچە قىسقا تۇنۇشتۇرۇشمۇ يازغان بولدۇم، ئالدىنقى يىلى قۇربان ھېيىتتا قومۇلغا قايتقىنىمدا، شۇ يەردىكى بىر قەلەمكەشتىن ھاۋاگۈل ئاچامنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى سورىۋىلىپ، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم، تېلىفۇن تېزلا ئۇلىنىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ ئاۋازىنى مەن بۇرۇنمۇ قومۇلدىكى تېلىۋىزىيە قىسقا فىلىملىرىدا، ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز ›› دە ئاڭلىغان بولغاچقا، ئاۋازىنى تونىۋالدىم.
    ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بوپ كەتتى، لېكىن مەن ئەتىسىلا قايتىدىغان بولۇپ قالغاچقا يۈز كۆرۈشەلمەيدىغان بولدۇق. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بولدۇم.
    مەن قايتىپ كەتتىم، لېكىن پات-پات تېلىفۇندا كۆرۈشۈپ تۇردۇم. قومۇلغا بارىدىغانلا بوپ قالسام كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق. بىر كۈن بىلوگىمدا بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇرۇپ، چارچىغىنىمدىن بىلۇگدىكى رەسىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم، شۇنچە نەرسىلەرنى كۆزىنىڭ قارىسى بىلەن كەشتىلەپ چىققان ھاۋاگۈل ئاچام ئاپپارات كۆزنىكى ئالدىدا شۇنچە كەمتەر، تارتىنچاق ھالەتتە تۇراتتى.
    مەن بىلىمەن، ھاۋاگۈل ئاچام ھازىرمۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان ئائىلىدە ياشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، بىر قولىنى ئائىلىگە ئۇزاتسا، يەنە بىر قولىنى دۇنياغا ئۇزاتقان بۇ ئايالنىڭ جاسارىتى ماڭا قاتتىق ئىلھام بولدى ۋە ‹‹كەشتىچى ھاۋاگۈل ئاچا ›› دەپ بىر پارچە شېئىر يازدىم ۋە چىدامسىزلىقىم بىلەن دەررۇلا تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئۇنى ھاۋاگۈل ئاچامغا ئوقۇپ بەردىم. ھاۋاگۈل ئاچام دەل شۇ چاغدا بىيجىڭغا ساياھەتكە بېرىپ، دەل شۇ كۈنى قايتىپ قومۇل تۇپرىقىغا قەدەم قويغانكەن. شېئىرنى ئاڭلاپ ھاۋاگۈل ئاچام كۆز يېشى قىلدى. ئۇ تارتقان دەردلىرىنى بىر ئۆزىلا بىلەتتى-ئەلۋەتتە. كىچىك يۇرتتا گەپ-سۆزدىن، تۆھمەت-پىتنىلەردىن خالى بولماق تەس. بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.
    قومۇلغا كېلىپلا ھاۋاگۈل ئاچامغا تېلىفۇن قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى قوراي تېغىدىن ئىسسىق قايناپ تۇرغان قومۇل بېغىغا كېلىدىغان بولدى. دىمەككى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەتتىگەن سائەت يەتتىدە ئۇنىڭ ياڭراق، مۇلايىم ئاۋازىنى تېلىفۇندا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدىم.
    -رىسالەتگۈل، ئۆزلىرى نەدە؟ مەن بازارغا كېلىپ بولدۇم.
    بىز ‹‹ئايشەم تورتخانىسى ›› دا كۆرۈشتۇق، ئۇ چاغدىكى ھاياجان، خوشاللىقنى تەسۋىرلىمەيلا قوياي. ھاۋاگۈل ئاچام ماسكا تارتقان بىر قىزنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. ( ئۇ قىز توغىرىلىق ئايرىم توختىلىمەن ) بىز ئۈچىمىز ئايشەم تورتخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، كۆزلىرىمىزدىن كۈلكە، خوشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
    مەن ئۇزۇن يىل دىدار دەملىرى ئىستىگەن ھاۋاگۈل ئاچام ئالدىمدىلا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ شادلىقىنى كۆردۈم، ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ ئالەمچە خوش بولغان ئىدى. بۇ ئىككى قەلەم ھەۋەسكارىنىڭ دىدارلىشىشى، مۇڭ تۆكۈشى ئىدى.
    ئىككىمىز ئايشەم تورتخانىسىدىن تاكى مۇقام سارىيىغىچە پىيادە چۈشتۇق. پاراڭلىرىمىز تۈگىمىدى، مۇقام سارىيىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپلا ياندۇق.
    شۇ كۈندىكى شادلىقىمنى تەسۋىرلەپ بولالمايمەن، مەن بىر قەلەمكەش بىلەنلا ئەمەس، ئاددىيلىق ئىچىدىن گۈزەللىكنى ئىزدىگۈچى، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى قوللىرىغا يىڭنە پاتۇرۇش ھېسابىغا كىيىم-كىچەكلىرىمىزگە كەشتىلىگۈچى ئەمگەك ئىگىسى بىلەن كۆرۈشىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي قومۇللۇقلارغا خاس ساددىلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، تۈزلۈكى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋاتاتتى.
    چۈشتىن كېيىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› دا بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى تىتىرەتكەن ئەدىبە-توختاشگۈل ئۆمەر بىلەن دىدارلاشتۇق، پاراڭلاشتۇق، ھەتتا ئۆيىگە بېرىپ قونۇپمۇ قالدۇق، توختاشگۈلنىڭ كەسكىنلىگى، چۇسلۇقى، يازغۇچىلارغا خاس كۆز قاراشلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق.
    ھاۋاگۈل ئاچام بىلەن كۆرۈشۈپ مەن ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدىم.
    ھاۋاگۈل ئاچا سالامەت بولغايسىز


    收藏到:Del.icio.us