• ICONئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ---ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش-1»

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74120315.html

    «ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش»

     

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ 

    (شىنجاڭ ئونۋېرسېتى ژورنىلى 2007- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى)

     

          قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدەقىسقىچە توختۇلۇش بىلەن بىرگە،ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك كاتوگېرىيىسى بولغان ئەدەبىي ئىستىلنى ئەدەبىياتىمىزدا شەكىللەندۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۈمكىنچىلىكى،ئاتالغۇ مەسىلىسى،تەتقىقات ئوبېكتى،        ئالاھىدىلىكلىرى      ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

         ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇسلۇب، ئېستېلىستىكا، ئىستىل ، ئەدەبىي ئىستىل

    摘要:本文以论述文学风格的形成及特点为基点,探讨文学风格的最高范畴 —— 文学文体学的历史渊源、形成,研究范围、特点,并提出形成维吾尔文学文体学的可行性和迫切性。

    Abstract: This paper, taking the forming characteristics of literary style as starting point, probes into the maximal category of literary style_________the historical origin and shaping of literary stylistics as well as scope and traits of research and puts forward the feasibility and impendency of posing Uyghur literary stylistics.
     

    1

        تەتقىقاتچى مەھمۇت زەيىدى  ۋە سەمەت دۇگايلى قاتارلىقلار تۈزگەن 《ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى   دە ئۇسلۇبنى” ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاس ئالاھىدىلىكى “[1]  دەپ قارىسا ، ئەدەبىياتشۇناس ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن ئالى مەكتەپلەر دەرسلىكى《ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى》 دا ئۇسلۇبنى شەخسى ئىجادچانلىقنىڭ مەھسۇلى ،____” يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەدەبىي ئەسەردە ئىپادىلىنىشى “[2]     دەپ كۆرسىتىدۇ . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ئۇسلۇبنى” ئىجادىيەت خاسلىقى “[3]    دەپ ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ  . بىز يۇقىرىقىلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزىرىيىسىدە ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسى مەنبەنىڭ” ئىجادىيەت خاسلىقى“ ۋە ” ئالاھىدىلىكى“ دەپ تۇراقلاشقانلىقىنى كۆرىمىز .

    ئۇنداقتا ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل”خاسلىق“ ۋە”ئالاھىدىلىك“ قانداق شەكىللىنىدۇ ؟ ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىچكى ئاساس يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاراكتىرىدىن ئىبارەت . ئىجادىيەت خاراكتىرى يازغۇچىنىڭ خاراكتىر سۈپىتى ، ئېستېتىك غايىسى ۋە ئېستېتىك ئۆلچىمىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن سەنئەت ئۆزگىچىلىكىدىن ئىبارەت . بىر يازغۇچىنىڭ خاراكتىر سۈپىتى ، ئېستېتىڭ قىزىقىشلىرى ۋە ئۆلچەملىرى دەل ئۇنىڭ ئىجادىيەت خاراكتىرى ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتىنى بەلگىلەيدۇ .

    ئەلۋەتتە ئىجادىيەت تۇرمۇشتىن  كېلىدۇ . ئىجادىيەت خاراكتىرى بولسا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن تۇرمۇش خاسلىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ . تۇرمۇش خاسلىقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا يېتىلىپ ، مۇكەممەللەشكەن ، خاسلاشقان بولىدۇ . بۇ مۇرەككەپ ،ئۇزۇن دەۋرلىك پائالىيەت جەريانى بولۇپ ، شەخسنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى ئوراپ تۇرغان ______ رايون ، مىللەت ، دىن ، سىنىپ ، قاتلام ، شەخس قاتارلىقلار بۇ خىل خاسلىقنىڭ يېتىلىشىدە ئوبېكتىپ رول ئوينىغان بولىدۇ .

     لېكىن بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىنىڭ قانچىلىك كۆپ ۋە مول بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن ئەمەس . پەقەت يازغۇچى مەلۇم ئېستېتىك ئۆلچەم بويىچە تۇرمۇشنى كۈزىتىپ، ئۇنى قايتا قۇراشتۇرۇپ ئىجادىيەت خاسلىقىقىغا ئاييلاندۇرغاندىلا ئاندىن بىر بەدىئى ئەسەر مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بىز تۇرمۇشتا بەزى ئادەملەرنىڭ مەندە نەچچە رومان بولغۇدەك تۇرمۇش تەجرىبىسى، ۋەقەلىك بار ، ئۇنى يازغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن دەپ لاپ ئۇرىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز . ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ياكى خاسلىقى بىلەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ، خاسلىقى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئايرىم – ئايرىم نەرسىلەر بولۇپ ، بەزى كىشىلەر يازغۇچى بولۇشنى ئويلىسىمۇ ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئاساس بولالمايدۇ . چۈنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنسىمۇ ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ئېستېتىك پائالىيەت ئارقىلىق ، ئېستېتىك ئىجادىيەتكە ئايلانغاندىلا ، ئاندىن ئۇ ئىجادىيەت ھەۋىسىگە ۋە ئەمىلىيىتىگە ئۆزگىرىشكە ئاساس بولالايدۇ .

    بۇ يەردە تۇرمۇش خاسلىقى ۋە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر. تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ياشاشتىكى مەنپەئەتنى مەركەز قىلىدۇ . ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بولسا بۇ خىل تار دائىرىدىكى تۇرمۇش مەنپەئەتچىلىكىدىن ھالقىغان ، ئېستېتىك ھەركەت بولۇپ ، ئۆزىگە مەلۇم بىر خىل گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ سەنئەتنى قىزغىن سۆيگەن ئادەملەردىلا بولۇشقا تېگىشلىك ھەركەت مىزانىدىن ئىبارەت بولىدۇ . مانا شۇنداق ئادەملەرلا تۇرمۇش خاسلىقىنى ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئى دۇنيانى بەرپا قىلالايدۇ .

    مەلۇم يازغۇچى ئۆزىگە خاس بولغان ئېستېتىك ئىزلىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن ئالغان سوبېكتىپ تەسىراتى ، ھىسسىياتى ، تەسەۋۋۇرىنى ئېستېتىك تاۋلاشتىن ئۆتكۈزۈپ ، تۇرمۇشنى تاللاپ ئۆزگەرتىپ ،پىششىقلاشتىن ئۆتكۈزۈپ ، مۇكەممەل ،رەڭدار بەدىئى دۇنياغا ئۆزگەرتكەندىلا ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەرقايسى تەشكىلى قىسىملىرىدا ، مەزمۇن ۋە شەكلىدە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنىڭ مەركىزىدە ئۇنىڭ ئېستېتىك ئىزلىنىشلىرى گەۋدىلەنگەندىلا ئاندىن شۇ يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى شەكىللەنگەن بولىدۇ .

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممىتىمىن ئۇسلۇب سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا” ئۇسلۇپ _____ ئەرەپچە ئۇسۇل دىمەكتۇر . بىز نىمە ئۈچۈندۇر « ئۇسلۇب »دەپ ئىستىمال قىلىۋاتقان بۇ ئىجادى خاسلىق ھادىسىسى خەلقارا ئاتالغۇ بويىچە « ستيىل » (style)دەپ قوللىنىلىدۇ . .... بۇ ئىبارە خەتتاتلىق سەنئىتىدە   « كىمنىڭ قەلىمى » ، « كىمنىڭ ستيلى » دىگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلگەن . كېيىنچە رېتورىكا ساھاسىدە  «كىمنىڭ ماقالە يېزىش ستيلى » دىگەندەك مەنىدىمۇ قوبۇل قىلىندى . ئاخىرى ئەدەبىيات سەنئەتتە ھەر بىر سەنئەتكارغا خاس ستيل چۈشەنچىسىدە قوللىنىشقا باشلىدى. “[4] دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ . 《ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى 》 دىمۇ”ئىستىل“ سۆزى بىلەن  ” ئۇسلۇب “ سۆزى تەڭداش مەنىدە ئېشلىتىلىدۇ  . [5]

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىنمۇ ئەمىلىيەتتە ”style“ سۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۇسلۇپ سۆزىگە قارىغاندا كەڭ نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى بايانلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ؛  ”فرانسۇز ئالىمى بوفىن 1753 – يىلى فرانسىيە ئاكادىمىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئىستىل تەتقىقاتىنى  مەخسۇس بىر پەن سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . شۇندىن بېرى سىتيلىسكا تەتقىقاتى قانات يېيىشقا باشلىدى . بۇ ئىلىم بەدىئى ئەسەرنىڭ مىللى ئۇسلۇبى ،دەۋر ئۇسلۇبى رايون ئۇسلۇبى ، تىلشۇناسلىق ئۇسلۇبى ، ھەر خىل ئەدەبىيات –سەنئەت ئىجادىيەت مىتود ئېقىملىرى بىلەن ھەرقايسى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسىرىدە گەۋدىلەنگەن يۇقىرىدىكى ئامىللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدىئال تۈزۈلمە ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ“[6]

     ئاپتور يەنە سىتيلىسكا ئاتالغۇسىنى  تىلغا ئالغاندا ئالاھىدە مۇنداق ئىزاھاتنى قىستۇرىدۇ”بىزدە باگۇ  ئىستىلىنى تەنقىد قىلىشتىن باشلانغان يەنئەن ئىستىل  تۈزەش پائالىيىتى گەرچە  «ئۇسلۇب تۈزەش » دىيىلمەي ،  ئىستىل تۈزەش دەپ توغرا تەلەپپۇز قىلىنغان بولسىمۇ ، كېيىنچە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە «风格» (ئىستىل  ) ئىبارىسى   « ئۇسلۇب »دەپ ،修辞学            《رىتورىكا》ئىبارىسى «سىتيلىستىكا »دەپ ئىستىمال قىلىنغاچقا ، بۇ كىتاپتىمۇ « ئۇسلۇپ » ئىبارىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇق “ .[7]

    ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بايانلىرىدىن بىز ئاز بولغاندىمۇ مۇنداق بىرقانچە خىل ئۇچۇرغا ئىگە بولىمىز .  بىرىنچىدىن ،  ئىستىل كەڭ ئۇقۇم بولۇپ ، بەدىئى ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ھەر خىل ئۇسلۇبلارنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەرەپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئىككىنچىدىن ،  مۇستەقىل پەن سۈپىتىدىكى تەتقىقات سىتيلىسكىدىن باشلانغان ، ئۇسلۇب ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بىر تارماق . ئۈچىنچىدىن ،  ئىستىل  ئاتالغۇسىنى ئەسلىدىكى كەڭ ھەم قاتلاملىق مەنالىرى بىلەن چۈشىنىش ۋە قوللىنىش توغرا . تۆتىنچىدىن ، خەنزۇچىدىكى  «风格» ۋە ئېنگىلىزچىدىكى" style " سۆزلىرىنى بىر مەنىدە دەپ قاراپ ئۇسلۇب دەپلا ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئەپسۇسلۇق . 

     

    2

    بىز يۇقىرىقى قاراشلاردىن ئۇسلۇب ۋە” style  “ ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر مۇھىم بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىمىز ۋە” style“ سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. 19-ئەسىردىكى گېرمانىيەلىك تىلشۇناش ،ئەدەبىي تەنقىتچى ۋىللىيام ۋىكنارنىڭ 1806-1869                    ·威克纳格) تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلسانغاندا، style سۆزى ئەسلى گىرىكچە بولۇپ ،كېيىن لاتىن تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا نېمىس ،ئېنگىلىز تىللىرىدا ئومۇملاشقان. گىرىك تىلىدىكى يېزىق  مەنىسى يېزىش ۋە سىزىشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتال ئويمىچىلىق پىچىقىنى كۆرسەتكەن. سىۆزمەنىسى ۋە ئېتمولوگىيەسى نۇقتىسىدىن نېمىس تىلىدىكى Stiel،ئېنگىلىز تىلىدىكى handle يەنى ساپ،دەستە،تۇتقۇچ سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ سۆز لاتىن تىلىدا مەنىسى ئۆزگىرىپ ماھارەت، ئۇسۇل،پوچىركا دىگەندەك مەنىلەرگە كۆچكەن،يەنى بىرىنچىدىن،تىلنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلنى،ئىككىنچىدىن ،تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تىل (يېزىق)ئارقىلىق ئىدىيەنى ئىپادىلەشتىكى ئالاھىدە بىر خىل ماھارەتنى كۆرسىتىدىغان بولغان.

    سىتىلىسكا ئىلمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ئىزدىشىمىزمۇ” style“بىلەن ئۇسلۇبنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ستىلىستىكا ئەڭ دەسلەپتە يۇناندا پەيدا بولغان . ئانتىفون ) Antiphon ،مىلالىدىن بۇرۇن  480 -411  ) ، كوراكىس  ( Corax،مىلالىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىر ) ۋە ئىسوكرات (Isocrates  ، مىلالىدىن بۇرۇن 436 –338 ) قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىدە نۇتۇق سەنئىتى توغرىسىدا مەخسۇس بايانلارنى قالدۇرغان .  ستىلىستىكا ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەخسۇس ئەسەر قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىل (Aristotle  ،مىلالىدىن بۇرۇن 384 –322 ) نىڭ 《ستىلىستىكا》 ناملىق كىتابى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . لېكىن بۇ ئەسەر نۇتۇق ئىستىلىستىكىنى نوقۇل”نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتى“ ياكى”مۇنازىرىلىشىش سەنئىتى“ دائىرىسىدە شەرھىلىگەن بولۇپ ،بۇ خىل تەتقىقات ئۇسۇلى غەرپ ئەللىرىدە تاكى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئاساسلىق تەتقىقات مېتودى بولۇپ قالغان.

    كېيىنكى دەۋرلەردىكى ستىلىستلار قەدىمكى يۇنان بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ستىلىستىكا ھەققىدىكى بايانلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ،ستىلىسكا ئىلمىنى پەقەت تىل مەسىلىلىرى ئۈستىدىلا ھەپىلىشىدىغان تىلشۇناسلىق كاتوگىرىيەسىدىن ژانىر ۋە ئۇسلۇب كاتوگورىيىسىگىچە كېڭەيتىدۇ . روسىيەدە مېخائىل ۋاسلىيىۋىچ لومونوسوۋ (1711- 1765 ) 1748 –يىلى 《ستىلىستىكا》 دىگەن ئەسىرىدە رۇس تىلىنىڭ ستىلىستىك قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي يەنە ئۈچ ژانىر نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئۇ تىلنى نەپىس ژانىر ، ئورتا ژانىر ، يىرىك ژانىر دەپ ئۈچ ژانىرغا بۆلۈپ ھەر بىر ژانىر مۇئەييەن بىر ئۇسلۇب بىلەن ماسلىشىدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئېلىمىزدىمۇ چېن ۋاڭداۋ ئەپەندى 1932 – يىلى يازغان《ستىلىستىكا ئاساسلىرى》 دا خەنزۇ تىلى ستىلىستىكىسىنى ستىلىسكىلىق شەكىللەردىن ئىبارەت تار دائىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى . ئۇ ئۆز ئەسىرىدە خەنزۇ تىلىنىڭ ستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرى ،ستىلىستىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان تېما ، ژانىر ، كونتېكست قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق شەرھىلەيدۇ  .

    ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما نەمۇنىنىلىرىدىن ئىسپاتلاش تەس ئەمەسكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ستىلىستىك ۋاستىلىرىمۇ ئىپتىدائى ئېغىز ئەدەبىياتىمىز بىلەن تەڭ مەيدانغا كېلىپ ، ئەدەبىي تىلىمىزنى بارغانچە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بەدىئى كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىش ،تىل شەكىللىرى ۋە جۈملە شەكىللىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۈنىمىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن . ئۇيغۇر ئالىمى ئەبۇ  نەسىر فارابى ( 870 –950 ) مۇنازىرە توغرىسىدا كىتاپ يازغان ، ئارىستوتىلنىڭ ستىلىسكىسىغا شەرھىلەر يازغان . يۈسۈپ خاس ھاجىپ  (1019 – 1085 )ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى 《قۇتاتقۇبىلىك 》 تە :

                 ” ئوقۇش كۆركى تىل ئول ،بۇ تىل كۆركى سۆز ،

                    كىشى كۆركى يۈز ئول ،بۇ يۈز كۆركى يۈز .   

    دەپ يېزىپ ئۆز زامانىسىنىڭ سۆز ۋە تىل مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ستىلىستىكا قارىشىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدۇ . ئەدىپنىڭ شاھانە ئەسىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلاردا ستىلىسكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى  ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تەدبىقلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئۇيغۇرلاردا ستىلىستىكا ھەققىدە مەخسۇس ئەسەر يازغان كىشى ئەبۇ يۈسۈپ ئىبىنى ئەبۇ بەكرى خارەزمى سەككاكىدۇر  .(1160 – 1228  ) ئۇنىڭ 《مۇفتاھۇل ئۇلۇم》 ( 《ئىلىملەر ئاچقۇچى》 ) ناملىق  3 قىسىملىق ئەسىرىنىڭ 3- قىسمى مەخسۇس ستىلىسكىغا ئاتالغان . بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى ستىلىسكىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ ، ئۇ ئەرەپ تىلى ستىلىسكىسىنى «ئىلمىي مەنائى » (پىكىرنى ئېنىق ئىپادىلەش ، جۈملە قاتلاملىرى ئېنىق بولۇش ) ، «ئىلمىي بايانى » (ئوخشۇتۇش ،ئىستىئارە ،كىنايە قاتارلىق ئۈچ ستىلىستىك شەكىل تەھلىل قىلىنىدۇ )،« ئىلمىي بەدىئى » (ستىلىستىك شەكىللەر توپلىمى ) دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ .  بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب سىتىلىسكىسىنى دۇنيادا ئەڭ بالدۇر تەرەققى تاپقان ستىلىسكا دەرىجىسىگە كۆتەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئەرەپ ئەدەبىياتى ۋە ئەرەب ئەدىپلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا سۈرىيە دەمەشىق جامەسىنىڭ خاتىپى مۇھەممەت ئىبىنى ئابدۇراخمان قۇۋزىننىڭ تۆۋەندىكى بايانى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا بولىدۇ . ” پازىل ئەللامە ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ سەككاكى تەسنىف قىلغان 《مىفتاھۇل ئۇلۇم》 ئۆز دەۋرىدە ستىلىستىكا ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ئىدى . بۇ كىتاپتا يېزىلغان قائىدىلەر ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە تولۇق بولۇپ ،ئەدەبىياتقا دائىر بارلىق ئۇسۇللار جەملەنگەن. “ [8]

       ئۇلۇغ ئۇيغۇر گۇمانىست شائىرى ئەلىشىر نەۋائى ( 1441 – 1501 ) ئۆزىنىڭ《مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن》 ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ئىپادىلەش ۋە بەدىئي كۈچىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىنى مىللىي بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر – تۈركى خەلقلەر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ ئەدەبىيات سىتىلىسكىسى نۇقتىسىدىن بەدىي ئۇسلۇب ، بەدىئى ژانىر ۋە بەدىئى تىل توغرىسىدىكى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ . ناۋائىنىڭ بۇ ئەسىرىگە مەشھۇر سوۋېت ئالىمى ئا . ك . براۋكوۋ مۇنداق باھا بېرىدۇ : ”《مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن》 شۇنداق كىتاپكى ، تۈپ ماھىيىتى جەھەتتىن ئۇنىڭدا گەپ تىل ئۈستىدىلا بارمايدۇ . بۇ كىتاپتا يەنە باشقا بىر پىكىر ،يەنى ئۆز خەلقى ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان “ .[9]

     

     

    dawami bar


    收藏到:Del.icio.us