رىسالەت مەردان بلوگى
مەن باغداشقا بېرىپ باقمىغان
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38701998.html
مەن باغداش تېغىغا بېرىپ باقمىغان ھەم باغداش تورىغىمۇ كىرىپ باقمىغان. باغداش تېغى دىسە كۆز ئالدىمغا ھەيۋەت ئاسمانپەلەك تاغدىن ئۆتۈشنى خىيالىمغا كەلتۈرىمەن. بۈگۈن ئۇلىنىشنى كۆرىۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇ مۇنبەرگە كىرىپ قالدىم.
ئۆزۈم بىر قومۇللۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن قومۇلغا تولىمۇ مېھرىم بار. يىراق يەرلەردە مۇساپىر بوپ يۈرگىنىمدە چۈشلىرىمدە ھامان قومۇلنى، قومۇلدىكى ئاددىي توپىلىق يوللاردىن ئۆتسەملا بارىدىغان ئۆيۈمنى چۈشەيمەن. بىز 1989-يىلى ئۆي كۆچۈپ باشقا ياققا بارغان. لېكىن مېنىڭ چۈشۈمدى خۇددى ئۆزۈم جىياڭنەندىمەن خىيالىمدا كىزەر شىئەن دىگەندەك ئاشۇ ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، تامغا يۆلىنىپ، ئۆي تازىلاپ چۈشەيمەن، ھەتتا بىر كۈنى چۈشۈمدە كىچىك ئاپامغا ئاشۇ ئۆيىمىزدىكى يۈكنىڭ يىغىلىش تەرتىۋىنى، يەنى، قايسى يوتقاننىڭ قەيەرگە يىغىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ چۈشەپتىمەن. چۈشۈمدىن ئويغىنىپ بىر ھازا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ھەمدە ئۇ ئۆيۈمنى نەقەدەر سېغىنغىنىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
مەن باغداشقا بېرىپ باقمىغان ،ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىن سەل ئالدىغا چىقىپ قارىسام بىر تارىمى باغداشنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان چوڭ قارلىق تاغنى كۆرىمەن. ئۇ تاغ توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغانمەن. ئۇ قارلىق تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق گۈللەنگەن بىر مەھەللە بارمىش. قارلىق تاغ يېنىدىكى بىر چارۋىچى ئايال يوقاپ كىتىپ ئون نەچچە يىلدىن كىيىن تېپىلغانمىش، ئەمما ئون نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ شۇ پېتى ياش تۇرغانمىش...بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، مېنىڭ بۇ ئانا تاغقا شۇنداق بارغۇم كەلدى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك دادام ماشىنا بىلەن بېرىپ كەلدى. ئۇنىڭ تاغ شامىلى قارايتقان يۈزلىرىنى، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىدىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلدىم. ئەمما ۋاقىت بىز ئۈچۈن ئاققان سۇدەك بەركىتى يوق. ھايىت-ھويت دىگۈچە ئوتتۇرا ياش بولاي دەپتىمىز. شۇ يەرگە بىر بېرىشنى شۇنداق ئارمان قىلىمەن .
مەن باغداشقا بېرىپ باقمىغان. باغداش قومۇلنىڭ سىمۋۇلىدەكلا بۈيۈكلىكىنى، ئۇلۇغلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. باغداش تۇغىرىلىق، ئۇ يەردىكى مەرت، ئادىمىيلىكىنى ساقلاپ يۈرگەن بۈزرۈكلەرنىڭ ھېكايەتلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. باغداشقا توك تارتىلدى. بىر بوۋاي تېلىۋزۇردا:<< بۇ يەردە توكمۇ، تۇرۇبا سۈيىمۇ بار بولدى، ئەمدى تېلىۋىزىيەدىن بىرنى ئالساقلا بولدى >> دىگەنتى، ئۇنىڭ گېپىدىن شۇنداق سۆيۈندىم.
مەن باغداشقا بېرىپ باقمىغان. ئەمما ئىنتىرنەتتىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشۇپ تۇرغان زاماندا، باغداشنىڭ ئۆز سۈلكىتىنى نامايەن قىلغانلىقى مېنى تولىمۇ خوش قىلدى. باغداشقا بارغاندەك، چىن مودەن قەبرىسىگە گۈل قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە، جەننىتى رىزۋانغا يىتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندەك بولدۇم历史上的今天:
كەپتىرىم 2009-04-30ئايشەم تورت دۇكىنى 2009-04-30گۈلخان مەشرىپى 2009-04-30ئەما قارىيغا 2009-04-30ئادۋۇكاتنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت خېتى 2009-04-30
收藏到:Del.icio.us
评论