رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
تاراتى كىچىسى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38452998.html
تاراتى كىچىسى
ئۇ كۈنى كېچىسى قار ياغدى
ئۈنسىز چۈشىۋاتقان قار گۈللىرىنى ھېس قىلىپ
ياتتىم خىيال دەرىخىگە ئېسلىپئاسماندا يولتۇزلار جىمىرلايدۇ
يۇلتۇزلار تاراتىنى تىڭشايدۇ
ئۇندا بىر ھەسرەت بار تىڭشايدىغان
تىڭشىسا، تىڭشىسا تۈگىمەيدىغاندەرەخلەر ناخشا ئېيتار قاخشال تۇرۇپ
سىتۇلبىلار ئەگىشىدۇ تىتىرەپ يۈرۈپمەن تالاغا چىقىشتىن قورقىمەن
تاراتى كىچىسى
تاغلار بۇلۇت بىلەن سىردىشىدۇ
تاشلار قار گۈلىدىن يوتقان تىكىپ
ئىسسىق يېتىپ چۈش كۆرۈشنى ئىستەيدۇدادام بىلەن ئاپام پاراڭلىشىدۇ قار ھەققىدە
مەن تىڭشايمەن جىمجىتلىقنىڭ ئىچكىرسىدەتاراتى كىچىسى
قوللىرىنى يېقىن ئەكىلىپ
تۈگىمەس قار گۈلىنىڭ ياپراقلىرىنى
تاشلارنىڭ سۈكۈتىنى
تاغلارنىڭ جىملىقىنى
بىر-بىرلەپ، بىر-بىرلەپ سانايدۇ.....
2009-يىلى 6-نەۋرۇز چەرچەن
收藏到:Del.icio.us