رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/169995694.html
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
پەيلىرى ئەمدى يىتىلگەن قۇشتەك
ئاسماندا تىتىرەپ ئۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ
بىر ھاياجاندىن تىتىرەپ كىتىۋاتىمەن
بىر مىسىرادىن ئۇچۇپ كىتىۋاتىمەن
بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يىراقتىن
سېنى باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ...
سەن بىلمەيسەن
مېنىڭ قانچە كۈتكەنلىكىمنى
قانچە كىچىلەر ئۇيقۇسىز يېتىپ
سېنى تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىمنى
سانسىز كىچىلەر يۇلتۇزنى ساناپ
قاراڭغۇ كىچىنى يۇرۇتقىنىمنى ....
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
پەقەت بىر مىسىرا
ساڭىلا ئاتاپ
قەلىمىمنى يۈرەكتىكى كۈتۈشتە قىزارغان
قانلىرىمغا چىلاپ......
收藏到:Del.icio.us