• ICON ھاجى ئىمىن تۇرسۇنغا مەرسىيە

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106830754.html

     ھاجى ئىمىن تۇرسۇنغا مەرسىيە

    رىسالەت مەردان

    قاش-كۆزىنى ۋاقىت ئاقارتقان
    ئۇ ۋاقىتنى ئاقارتقان ئاپئاق.
    ھاسا تايىقى چىناردىن ئىدى
    ماڭسا تىترەيتتى دەرەختە ياپراق.
    ھاجى ئىمىن تۇرسۇن كەلدى،
    بىر توپ دەرەخ سۈكۈتتە تۇردى.
    جىم ئاڭلايتتى تارىخ، كەچمىشنى،
    ئۇنىڭ سۆزلىرى دولقۇنلۇق تارىم،
    دەۋرىتەتتى تالاي يۈرەكنى
    توقسان ياشقا ئاز قالغان كۈنى
    ئۇنى ئەزرائىل يىتىلەپ ئەكەتتى،
    بىز ئەگەشتۇق كەينىدىن يىغلاپ
    ئۇ ئارقىسىغا قاراپ خوش دەيتتى
    ھاسا تايىقى قالدى
    ئاپئاق قاشلىرى كەتتى.
    كىتابلىرى قالدى
    بىر تىرىك لوغەت
    يۈرەكلەرگە ھىجىران تولدۇرۇپ
    تۇپراق ئاستىغا ياتقىلى كەتتى.
    ئەلۋىدا
    بۈگۈن چەرچەندە
    تەكلىماكان ئۈنسىز ياش تۆكتى


    收藏到:Del.icio.us