• ICONقومۇلدا قار يېغىپتۇ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104327191.html

    رىسالەت مەردان


    قومۇلدا قار يېغىپتۇ
    تېلىفۇندا كۆرگەندەك بولدۇم ئاق قارنى
    دادام قويلارغا ئوت بىرىدۇ،
    ئاپام ھويلىدا
    ئاق پاختەكتەك قارلارنى تازلايدۇ
    مەن تېلىفۇندا
    ئاق قاردەك ئاق يوللۇق بولۇڭلار دەيمەن
    تاراتى تاغلىرى ئارتىدۇ رومال
    ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئۆرۈكلەر
    قاردا چىچەك ئاچقاندەك تۇرىدۇ خوشال
    -مەردان، ياڭاقلار مۇزلاپ قالارمۇ؟
    -مۇزلىماس، مەن ئۇلارغا باغلىدىم لاتا
    ئۇلار قول قوشتۇرۇپ تۇرىدۇ
    كائىناتنىڭ  سوۋغىلىرىغا
    ئۇلار جاپالىق ئىشلەيدۇ
    ھالال چىشلەيدۇ
    ئاپام شائىر بولماقچى ئىدى
    ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئاپىسى بولدى
    دادام ئوقۇماقچى ئىدى
    باغۋەنچىلىكتە ئوقۇدى
    بۇغدايلارغا ئورغاقچى بولدى
    ئاھ، دادا، ئاپا
    يىراق يەرلەردىن سالام ئېيتىمەن
    خوشال بولۇڭلار، خوشال ياشاڭلار
    ....دەپ تىلەيمەن ،،،،تىلەيمەن


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ شئىر بەك چىرايلىق چىقىپتۇ ھەدە،لىكىن بۇ ئۇسلۇپ بەك كارتون بوپ قاپتۇ ،يازمىلىرىڭىزنىڭ ئوبرازىغا نۇخسان كەلتۈرمىسۇن