رىسالەت مەردان بلوگى
for my baby
قۇم يامغۇرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/164143062.html
قۇم يامغۇرى
چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ
قۇم يامغۇرىغا قارايمەن ئۈنسىز
قۇمنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دانچىلىرى
دېرىزىدىن كىرىپ كېلىدۇ
كىرىپ كېلىدۇ يۈدۈپ كەچمىشىنى
مەن بىناۋا
قۇملار چەكسىز
دېرىزەمدىكى ئەينەكتە قۇملارنىڭ يېشى
پىيالەمدىكى چايدا مېنىڭ ئۈمىدىم
بىر پىيالە چاي
نۇرغۇن ئۈمىدسىزلىكلەرنى يوشۇرۇۋاتقان
بىر تۇتام قۇم
سەۋىرچان قوللارنىڭ ھەمدەمچىسى
چاي ئىچىۋىتىپ
قۇملارنى ساقلايمەن
مېنى كۆمىۋەتمەك بولغان قۇملارنى...
收藏到:Del.icio.us