رىسالەت مەردان بلوگى
شائىرە ئاۋات شەھەردە يايما ئېچىپ شېئىرلار توپلىمىدى بىر ئايدا ئالتە يۈز پارچە ساتتى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/86907332.html
‹‹كۆرۈپ بېقىڭە، بۇ مېنىڭ ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمىم›› يېقىندا پاكار بىر ئايال قايناق شەھەردە يايما ئېچىپ، ئۆزخىراجىتى بىلەن چىقارغان شېئىرلار توپلىمىنى سېتىپ، بىر ئايدا 600 پارچىنى سېتىپ بولغان.
تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر قايناق بازار ئالدىدىكى شىنخۇا بىرلەشمىسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا بۇ شائىرەنى
قولىغا ئىككى پارچە كىتابنى ئېلىپ، باشقىلارغا كۆرسىتىۋاتقان ھالەتتە ئۇچراتتى، پەستىكى سۇلياۋ ئۈستىدە ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن كىتابلار تۇراتتى. يان تەرەپتىكى بىر تاختايدا ‹‹توز كۆكى ››، ‹‹شادىمان قۇش ›› ياڭلىياۋچىڭ ئىمزا قويۇپ سېتىش ، دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. يولدىن بىرەرسى ئۆتسىلا شائىرە ئۈنلۈك قىلىپ:‹‹ كۆرۈپ بېقىڭلار، تەخەللۇسى ياڭلىياۋچىيەن، ئوتتۇز بەش ياش، ياۋخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سېستىراسى، ئىلگىرى گىرىمچىك، تازىلىقچى، مال ساتقۇچى بولغان، بۇ يىل تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ، تۇيۇقسىز ئىجادىيەت ئىلھامى قوزغىلىپ يېنىدىن خاتىرە دەپتىرىنى ئايرىماي، ئىلھامى كەلسىلا يېزىپ، بەش –ئالتە پارچە كىتاب چىقىدىغان ئەسەر يازغان، بۇ يىل ئونىنچى ئايدا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمى چىقىرىپ ھەر بىرىدىن مىڭ نۇسخا باسقۇزغان ›› دەپ تونۇشتۇراتتى.
شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ۋاڭشىياۋچىڭ يايما ئېچىپ كىتاب سېتىشنى باشلىغان ‹‹يازغانلىرىم ھاياتلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە تۇيغۇ، ئۈمىد بىغىشلىيالىسا مەن بەك خوشال، كىتابخانىدا بەك ئاستا سېتىلىدىكەن، مەن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېزراق سېتىپ تۈگىتىپ، باشقا ئەسەرلىرىمنى نەشىر قىلغۇزماقچىمەن ›› دىدى ئۇ‹‹ يايما ئېچىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىكەن، بىر كۈندە يەتتە سەككىز پارچە ساتىمەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر كۈندە ئونتتۇز نەچچە پارچە ساتتىم، بىر ئايدا 600پارچىدىن كۆپرەك سېتىپتىمەن، بىر تاغاش كىتابنى ۋاراقلاپمۇ باقماي، مەندىن :‹‹ئۆزىڭىز يازغانمۇ ›› دەپ سورىدى، ھەئە دىسەم، دەررۇ ئىككى پارچە سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن نىمىشقا سېتىۋالسىز دەپ سورىسام، كىتاب چىقارماق ئوڭاي ئەمەس، ھەقىقەتەن يامان قىزكەنسىز ›› دىدى، بۇنداقلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئۇنىڭ كىتابىنىڭ ھەر بىرى 15 يۈەن، لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئىختىيارى بىلەن يىگىرمە يۈەن، ئوتتۇز يۈەن بەرگەن، ھەتتا بىر تاغاش ئۈچيۈز يۈەننى بىرىپ، توختىماي كىتاب چىقىرىشىنى ئېيتىپ ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرغان.
ئىشتىن سىرتقى دەم ئېلىشلاردا ۋاڭشىياۋچىڭ بازاردا كىتاب ساتىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بۇ ئىشقا گۈللۈگ ئەھلىنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چوقۇم ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ بولۇشى ئېنىق.
收藏到:Del.icio.us
评论