• ICONرىسالەت مەردان--مېنى كەچۈرەرسىزمۇ؟!

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74255833.html

    ئۇ ئىشىكنى جالاقشىتىپ ياپقىنىچە، پەلەمپەيدىن يۈگىرەپ چىقتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ قۇيۇلغان ياش يۈزىنى ھۆللىگەن، بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. قۇرۇدىن چىقىپ، چوڭ كوچىغا قايرىلىدىغان ئايلانمىغا بارغۇچە، قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ، كۆزلىرى ھېچنىمىنى كۆرمىدى، قۇلىقى ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدى، يېنىدىن كۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلار، چىراغنىڭ يۇرۇقلىرىمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر قىلالمىدى، ئۇ يىغلاۋاتاتتى، توغرا، ئۇ توي قىلغاننىڭ ياقى يىغلاپ كەلدى، ھېسسىياتسىز، گەپنى ئۇدۇل قىلىدىغان، ماشىنىدەك مىخانىك ئېرى ئۇنىڭغا ئائىلە ھوزۇرىنى ھېس قىلدۇرالمىدى، ئۇنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل خوشلۇقى ئوغلى قاھار...ئوغلىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ قەدىمى بىردىنلا توختاپ، يولدا ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. قاھار،،،ھەي قاھار... مېنىڭ  ئارزۇ-ئارمىنىم ئىدىڭغۇ...
    ئۇنىڭ سەزگۈلىرى بايامقى ئاچچىقنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇپ سەل سەگەكلەشتى، ئۇ ئېرى بىلەن ئوغلى قاھارنى قالدۇرۇپ، ئىشىكنى ياپقىنىچە چىقىپ كەتتى، ئەمدى نەگە بارىدۇ، ئېرى ئارقىسىدىن چىقىپ، ئۇ يامانلاپ بارغان جايىدىن تپىۋالغۇچە، ئۇ بىرەر يەرگە كەتكىنى تۈزۈك، بۈگۈن ئۇنىڭ يىراقلارغا كەتكۈسى، قانغۇچە يىغلىغۇسى، قاقاقلاپ كۈلگۈسى كەلدى، سومكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، دېمى سىقىلىپ كەتكۈچە يۈگۈرۈپ، بىرەر قارلىق دالىغا چىقىپ كەتسە-ھە؟
    يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹يېشىل ئارال قەھۋەخانىسى ›› دىگەن ۋىۋىسكا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ يولنى كىسىپ ئۆتۈپ، ساڭگىلىغان ھالدا قەھۋەخانىغا كىردى، قەھۋەخانا سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ جىمجىت، يىنىك مۇزىكا قويۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ دېرىزىنىڭ قېشىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە بىر ئىستاكا موككا قەھۋەسى بۇيرۇتۇپ، خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇدى. بىر دەمدىن كېيىن ئوغلىنى يىتىلىگەن ئېرىنى دېرىزىدىن كۆردى، بالىسى دادىسىغا نىمىنىدۇر دەۋاتاتتى، دادىسى ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قاراپ نىمىنىدۇر ئىزلەۋاتاتتى.
    -ئىزدىسۇن، تازا ئىزدىسۇن، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قۇرۇق كەلگەن ئۇ بىرنىمىگە قارامنىمۇ كۆرسەتمەيمەن، خەپ، ساڭا نىمىشقىمۇ تەگكەن بولغىيدىم، ئاپاملار زورلىمىغان بولسا قاھارنىڭ شەھرىگە كەتكەن، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە بەخىتلىك ياشىغان بولاتتىم، قاھار تۇغۇلغان كۈنۈمنى ناھايىتى چىرايلىق تەبرىكلەپ بەرگەن ئىدى.
    ئۇ خىياللار ئىچىدىن قاھار ئىسىملىك ئىگىز، بادام قاپاق، كىلىشكەن يىگىتنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە مۇھەببەتلەشمىگەن، ئوقۇش ۋە دادىسىنىڭ ئاغرىقى دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسا كىرەك، بەلكىم ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىشىش، بولۇپمۇ كىيىنرەك مۇھەببەتلىشىش نىسىپ بولغان بولسا كىرەك. ئۇ خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئىدارىسى ئۇنى ئۈچ ئايلىق كۇرسقا ئاجراتتى، كۇرس داۋامىدا ئۇ قاھار ئىسىملىك، كىلىشكەن، ئۇچۇق-يورۇق بىر يىگىت بىلەن چىقىشىپ قالدى. بۇنىڭغا ئاساسەن كۇرسقا كەلگەن باشقىلارنىڭ ئاساسەن توي قىلىپ بولغان، ئەلانۇر بىلەن قاھارنىڭلا تېخى بويتاقلىقى سەۋەب بولدى. كۇرس دىگەندە ئوقۇشمۇ، كۆڭۈل ئېچىشمۇ تەڭلا بار ئىدى. ھەر ھەپتە ئاخىرى سىنىپتا تانسا بولاتتى، ئەلانۇرنى تانسىغا تارتىدىغانلارنىڭ بىرىنچىسى قاھار ئىدى. ئۇلار كۇرىسداشلىرىنىڭ چاخچاقلىرى ئارىسىدا خېلى ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
    -قاھار، ئەلانۇرخاننى ئەكىتەسەن؟-باشقىلار ئۇلاردىن سورىشاتتى.
    -ئەلۋەتتە، ئەكەتمەمتىكى، ھازىرلا ئەكىتىمەن،
    ئەلانۇر بۇ گەپلەردىن مەسىت بولاتتى، قاھار چاخچاقلارغا جاۋاب بىرىپ بولۇپلا، ئوغۇللار بىلەن تاماكا چىكىشكىلى سىرتقا چىقىپ كىتەتتى.
    ئۈچ ئايلىق كۇرسمۇ تۈگىدى، ئۇلار تۈزۈكرەرك مۇڭداشمىغان، كۆڭۈل سىرىنى بىرىشمىگەن بولسىمۇ ئەلانۇرنىڭ قەلبىگە قاھارنىڭ چاخچاقچى، كىلىشكەن سىماسى ئويۇلۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئەلانۇر قالدى، قاھار يۇرتىغا كەتتى، كىتىدىغان كۈنى ئۇزىتىش چېيىغا ئەلانۇر بىلەن قاھارمۇ قاتناشتى. ئۇلار تانسا ئويناشتى، ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭداشتى.
    -قاھار، كەتسىڭىز مېنى ئەسلەپ تۇرامسىز ؟
    -چاتاق يوق، مەن سىزنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلايمەن.
    -بۇنى....-ئەلانۇر يانچۇقىدىن بىر جۈپ قىزىلگۈل كەشتىلەنگەن قولياغلىقنى چىقىرىپ قاھارغا سۇندى. ئۇ يەنە نىمىلەرنى دىمەكچى بولۇپ دىيەلمىدى، قاھار قولياغلىقنى ئېلىپ بىر دەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يانچۇقىغا سالدى.
    -خوش، قاھار، سىزنى ساقلايمەن.
    -ھە؟ مېنى ساقلامسىز ؟ ..-قاھار ئەلانۇرنىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ – ھە، ھەئە...قاھار نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولىۋىدى، ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى چاقىرىپ قالدى.
    -قاھار، ماڭايلى، ماشىنا ساقلاپ قالدى.
    -ئەلانۇر، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، مەن بېرىپ تىلىفۇن قىلىمەن.
    ئەلانۇر قاھارنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويدى. شۇندىن كېيىن ئەلانۇر قاھارغا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تىلىفۇن بىرەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۈچىنچى يىلى قاھار ئىچكىرىگە يېرىم يىللىق كۇرسقا كەتتى، ئاخىرى ئەلانۇرنىڭ ئانىسى ئاغرىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا بىر يىگىتنى تونۇشتۇرۇپ تويىنى قىلىۋەتتى


    收藏到:Del.icio.us