ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشقا باشقىلارنى ئاۋارە قىلماڭ.
ئادەم تەبىئەت بىلەن كۈرەشمىسە، زاۋالغا يۈز تۇتىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ. مۇبادا، ئادەم ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، باشقىلارنىڭ ئادا قىلىشىنى كۈتسە، ئوخشاشلا ئۇنىڭ روھىمۇ زاۋالغا يۈز تۇتىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ.
بەزىلەر، جىسمانىي ئەمگەك ئەقلىي تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىپ قويىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، جىسمانىي ئەمگەككە پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ كەتسىڭىزلا، ئاندىن ئەقلىي تۇرمۇش ھەم روھىي تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز.
سىزنىڭ بىر جۈپ قولىڭىز بىلەن ئىشلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى تەتقىق قىلىشىڭىزدۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ كۆكتاتلىقىدا گۈرجەك بىلەن يەرنى بوشۇتىۋاتقىنىمدا، ھەمىشەم شۇنداق ئويدا بولىمەن: «مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز قولۇم بىلەن گۈرجەك ياساپ، ھازىرقىدەك ھوزۇرىنى سۈرمەيمەن؟» چۈنكى، گۈرجەك ياساشقىمۇ ساغلام تەن ۋە ئەقىل كېتىدۇ.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتۇن يارغۇچىسى، بولكىچىسى ۋە ئاشپىزىم ئالدىدا نومۇس قىلىمەن، چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزلىرى تامامەن چىقالايدۇ، ئۇلار مېنىڭ ھېچقانداق ياردىمىمگە تايانماي كۈنلەپ، ھەتتا يىللاپ نورمال ياشىيالايدۇ. بىراق، مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز ياشىيالمايمەن.
−رالف ۋالدو ئېمېرسون