پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئۇسلۇپ قاچىلىغاندا بەت قۇرۇق ئېچىلىشنىڭ سەۋەبى

رازىيە تورى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت نۇرمال ئېچىلماس بولۇپ قالدى، سەۋەبى ئۇسلۇپ ئالماشتۇرغاندا بەت ئاق قۇرۇق بەت ئېچىلىۋالىدىغان، ئۇسلۇپلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سىغىشمايدىغان بولىۋالدى. قايتا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئشىنىڭ بىر قانچە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى بىلدىم، ۋە شۇ ئارقىلىق ھەل قىلدىم.
ئاساسلىق سەۋەپ:
index.php نىڭ ھوقۇقى(权限)دىكى مەسىلە ياكى قىستۇرمىلاردىكى مەسىلە ئىكەن.
ئوڭشاش تەجىرىبەم:
تور بېتىمدىكى خاتالىق قىستۇرمىلاردىن چىققان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن گوگىلدىن ماتىرىيال كۆرۈپ ئوڭشاش سەۋەبىنى تاپتىم.
قەدەم باسقۇچ:
تور بەتنى FTP ھالىتىدە ئاچىمىز. ئاندىن public_html ھۆججىتىدىكى wp-content نى ئاچىمىز. خاتالىق مانا بۇ يەردىن چىقتى، ئەسلىدە قىستۇرما ھۆججىتى plugins نىڭ كەينىدىكى s ھەرىپى بۇ خاتالىقنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىكەن. s ھەرىپىنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن سىناپ باقسام ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش نۇرماللاشتى.

ئەگەر تورداشلارنىڭ ئارىسىدا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققانلىرى بار بولسا مۇشۇ ئامالنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top