ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > دېتاللار > يازما مەزمۇن بىتى
ئۇبۇنتۇغا VirtualBox 4.3.8 نى قاچىلاش ئۇسۇلى
2014-يىلى03-ئاينىڭ07-كۈنى دېتاللار ⁄ يازما جەمىئى1482خەت دىۋان بىكار

ئۇبۇنتۇغا VirtualBox 4.3.8 نى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئالدىنقى يازمىلارنى ئۇقۇغانلار بىلىشى مومكىن VirtualBox بولسا ئىنتايىن ياخىشى بولغان مەۋھۇم كومپىيوتىر دېتالى .بۇ دېتالىنى قاچىلاش ئارقىلىق كومپىيوتىرىڭزغا ۋىندوس لىنۇكىس ۋە ئالما سىستېمىلارنى قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىپ كۈرەلەيسىز.بۇرۇنقى نەشىرىلىردە دېتالنى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئىلىپ باراتتۇق لىكىن بۇ قېتىمقى نەشىرىدىن باشلاپ دېتال ئەسلى مەنبەسىنى قۇشۇپلا يېڭلاپ دېتالنى قاچىلاش ئىلىپ بارساق بۇلىدغان بوپتۇ شۇڭا بۇ يەردە مەن قاچىلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
Ubuntu 13.10/13.04/12.10 لاغا قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دېتال مەنبەسىنى قاتىمىز.قېتىش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىدە:
1-تىرىمىنالنى ئېچىپ
gksudo gedit /etc/apt/sources.list
بۇيرۇقىنى يۈرگۈزسەك بىر تېكىست بەت ئىچىلىدۇ.ئېچىلىغان تېكىست ھۆججەت ئەڭ ئاخىرىقى قۇرغا تۈۋەندىكى بۇيرۇقنى قۇشۇپ ساقلاپ چېكىنىمز.
ubuntu 13.04 سىستېمىسى ئۈچۈن :
deb http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian raring contrib

ubuntu 12.10
deb http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian quantal contrib
ubuntu 12.04
deb http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian precise contrib
قۇشۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز.
ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇقىنى تېرىمىنالدا يۈرگۈزىمىز.
wget -q http://download.virtualbox.org/virtualbox/debian/oracle_vbox.asc -O- | sudo apt-key add -
ئاندىن سىستېمىغا قارىتا بىر قېتىم يېڭلاش ئىلىپ بارىمىز.
sudo apt-get update
ئاندىن virtualbox نى قاچىلاش ئۈچۈن تۈۋەندىكى بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈپ قاچىلاش ئىلىپ بارىمىز.

sudo apt-get install virtualbox-4.3

بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاشتا مەسلە كۈرۈلسە تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ قوش چېكىپ قاچىلاش ئىلىپ بارسىڭزمۇ بۇلىدۇ.
https://www.virtualbox.org/wiki/Linux_Downloads

چۈشەنمىگەن مەسسلىلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro