ئوبۇنتۇدا دائىم ئىشلىتىلدىغان دېتاللار
ئوبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم بەزى دېتاللارنى تاپالماۋاتقان بۇلۇشى مومكىن مەن بۈگۈن ئوبۇنتۇدا دائىم ئىشلىتدىغان دېتاللارنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن.ئەگەر قاچىلاشنى بىلمىگەن ياكى قاچىليالماۋتقانلار ياكى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن دوستلار بولسا مۇش يەردە ئىنكاس شۇنىڭغا قارىتا يەنە يازما يېزىپ بۇ دېتاللارغا بولغان چۈشەنچەڭلارنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەمدە بۇلىمەن.
توركۆرگۈلەردىن : Chrome ،firefox ,opra قاترلىقلار بار .يەنە نۇرغۇن تور كۆرەىلەر بار خالغاننى ئۈزىڭز تاللاپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.
ئىشخانا يۇمشاق دىتالىرىدىن : LibreOffice ،openOffice ,WPS Office ,永中office قاتارلقلار بار.
تور ئالاقە قۇراللىرىدىن :webqq、pidgin(libqq、gtalk)、openfetion ،skype قاتارلقلار بار.
پىروگىراممىرلار ئۈچۈن : Anjuta
سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىدىن :Gimp、shutter
تورغا بىر نەرسە چىقىردىغان قۇراللاردىن :Filezlla、amule
سېستىما قۇراللىردىن : Ubuntu Tweak、Vbox
قويغۇلاردىن : rhythmcat ،mplayer ، vlc
بۇلار پەقەت مەن ئىشلىتىپ باققان ۋە ئۈزۈم ئەڭ ياقتۇرغان دېتاللار .ئوبۇنتۇ سېستىمىدا يەنە نۇرغۇن ئىچىۋىتىلگەن ھەقسىز دېتاللار بار .
باشقا دېتاللارنى سىناپ باقماقچى بولسىڭز دېتال مەركىزىدىن ئۈزۈىڭز خالىغان دېتاللارنى قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ باقسىڭز بۇلىدۇ.
يازمىغا قارىتا تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا يازما ئاستىغا ئىنكاس قىلىڭ.
مەن ubuntuغا qqنى پەقەت قاچىلىيالمىدىم بولسا مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىراق سۇرەتلىك دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز webqq libqq قاترلىقلانى تەپسىليرەك قاچىلاش دەرىسى بولسا بۇلاتتى
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئوبۇنتۇدا چ چ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا تور يۈزى چ چ نى ئىشلىتىش
ئوبۇنتۇدا چ چ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا تور يۈزى چ چ نى ئىشلىتىش
توغۇرلۇق تەپسىلىرەك بىرنىمە دىمەمسز تور يۈزى چ چ نى نە قانداق ئشلىتىمىز ؟ئۇنى نەدىن قانداق چۇشۇرۇپ ئشلىتىمىز قايسى توريۇزىدە قانداق ئشلىتىمىز ئاتۇقچىلىقى قانداق دىگەندەك
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇنى ئىلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى http://web.qq.com بۇ بەتكە كىرىپ چ چ نى تىزىملىتىپلا ئىشلتسىڭز بۇلىدۇ
دۆلىتىمىز ياسىغان 4000 كويغا ئالغان ھەقلىق دېتال ئىشلەرمۇ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئىشلىمەيدۇ ،قانداق دېتاللار ئۇ؟
chrome تور كۆرگۈنى ubuntu tweak قۇرالىدىكى 应用 دىكى ئورۇندىن يېڭىلاپ قاچىلىغان ئىدىم ، نەتىجىدە google ئىزدەش بېتىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۆلچەملىك كۈرىنىدىغان بولدى . بۇ ئورۇندا ئىككى كاتەك باركەن ، ئىككىلىسىنى تاللاپ تۇرۇپ قاچىلىدىم ،
ئۇيغۇرئىكىس ھەققىدە چۈشەنچە
1.ئۇيغۇرئىكىس دىگەن نىمە؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىس -ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلغان كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى .
ئىنىقراق ئېيىتقاندا خەلىقئارادا ئىناۋەتلىك ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا
ئۇيغۇرتىلىنى قۇشۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇرلار ئارىسىسدا تېخىىمۇ قۇلاي ئۆزلىشىشى ئۈچۈن ، زۈرۈر پىرۇگىراممىلارنى ۋە تەڭشەكلەرنى
سېستىمىنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان .
ئۇبۇنتۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇنتىزىم نەشرى بولغان 12.4 نى ئاساس قىلغان بولغاچقا ، ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ،ھازىر تۈنجى قېتىملىق سىناق نۇسخىسى ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نامى بىلەن تارقىتىلدى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ
ئىنكاس ۋە تەلەپ پىكىرلىرى ئاساسىسىدا مۇنتىزىم نۇسخىسى تېخىمۇ لاياقەتلىك
ۋۇجۇتقا چىققۇسى .
2.ئۇيغۇرئىكىسنى كىملەر كىم ئۈچۈن قانداق بارلىققا كەلتۈردى؟
جاۋاپ:
خەلىقئارادا كەڭ ئومۇملىشىپ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان لىنوكىس سېستىمىسغا تەۋە بولغان ئۇبۇنتۇ دەپ ئاتالغان بىر سېستىما بولۇپ ، ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىدا زور كۈچ قۇشۇۋاتقان ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ، خەلىقپەرۋەر كىشىلىرىمىز بىرلىكتە
تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرەلىشىگە قۇلايلىقلاشتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرئىكىس نامىدىكى بۇ سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ جەريان پىداكارلىق بىلەن تاماملانغان ھەم يەنە مۇستەھكەملەش خىزمەتلىرىنى خالىس ئىشلەۋاتىدۇ .
3.ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بار ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى مۇكەممەل قوللايدۇ .
قۇشۇمچە باشقا دىتال قاچىلىماستىن بىمالال ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما مەشغۇلاتلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ ،
رەسىم ۋە سىن ئۈستىگە باشقا تىللارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچىنى يېزىق شەكلىدە كىرىشتۈرگىلى بولىدۇ .
توردىكى ھەرقانداق يازما يازىدىغان رامكىلارغا ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ .
ئىلخەت ۋە چ چ دىگەندەك ئالاقىلەردە ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
توردىكى مەشغۇلاتلاردا ۋىرۇس يۈكلەنگەن پىرۇگراممىلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .
سېستىمىدا كۈرۈلگەن خاتالىقلارنى ئۆزلىگىدىن تۈزەش ئىقتىدارى بار .
ھەرقانداق خەت نۇسخىلىرى بىرگە قاچىلانغان ، ناھايىتى ئۆلچەملىك كۈرىنىدۇ .
دىتاللارنى قاچىلاش ۋە ئۈچۈرۈش باسقۇچلىرى ناھايىتى ئاددى ھەم بىخەتەر ،
پۈتۈنلەي ئۈزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدا بىرتەرەپ قىلالايسىز ،
سىنبەلگۈلەر ۋە ئۇسلۇپ شەكىللىرى بەك كۆپ ھەم چىرايلىق ،
دىتاللار ھەقسىز .
توردىن دىتال قاچىلاش زۈرىرىيىتى كۆپ ئەمەس .تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتىردا تەۋسىيىلىك تۇلۇقلىمىلارنى ئاپتۇماتىك تېپىپ ئورنىتىش ئىقتىدارى بار .
سېستىما ھۆججەتلىرىنىڭ يۇقاپ كىتىش مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ ،
باشقا سېستىمىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشكىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ .
كۆپ سىغىم تەلەپ قىلمايدۇ .
4.ئۇيغۇرئىكىسنى كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىسام ، ماڭا نىمىگە پايدىسى بار ؟
جاۋاپ :
ئەگەر سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئادەم بولسىڭىز ، كۆرىۋاتقان كومپىيۇتىرىڭىزنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بولغىنى توغرىراق . سىز خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچە ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، كەلگۈسىدىكى بالىلار بۇنداق قىلماي ئۇيغۇرچىنى ياقتۇرىدىغان چىقىپ قالسا ، سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىز ئەجىرسىز ئۆتكەن بوپ قالمامدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلى دىگەن تىلمۇ دۇنيادا خېلى ئىمتىيازلىق ، بالىلار چۇقۇم بىزدىن ئەقىللىق ، ئۇلارنىڭ قارغىشىغا قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ
ئانا تىلنى قەدىرلەش كېرەك .
5.كومپىيۇتىرىمغا ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، خەڭسۇچە ،ئىنگىلىسچە ۋە باشقا تىللارنىمۇ ئىشلىتەلەمدىم ؟
جاۋاپ :
دۇنيادىكى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان ، ئاساسلىق بۇلۇش ئىناۋىتىدىن قالمىغان ھەرقانداق تىلنى
ئىشلەتكىلى بولىدۇ . سېستىمىنى قايتا قاچىلىمىسىڭىزمۇ ، ناھايىتى ئوڭايلا تىللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز .
6.مەن خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچىغا ئۇستا ، ئۇيغۇرچىغا ھاجىتىم چۈشمەيدۇ ؟
جاۋاپ :
ھاجىتىڭىز چۈشمىسە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مەسلىھەت قىلىپ كۈرۈڭ.
7.ئۇيغۇرئىكىس ۋىندوۋىسنىڭ ئۇيغۇرچە قىلىنغىنىمۇ ؟
جاۋاپ :
ئەمەس ، بۇ ۋىندوۋىسنىڭ خاتاسىنى تۈزەش ئۈچۈن ئۈلگە بۇلىۋاتقان ، لىنوكىس سېستىمىلىرىنىڭ تۇغۇندىسى بولغان ئۇبۇنتىنىڭ بالىسى ھەم ئۈزى.
ئىجتىمائىلشىشنىڭ ھەقىقى ئىپادىلىنىشى .
8.ۋىندوۋىسقا كۈنۈپ قاپتىمەن ، ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىپ بۇلالماي قالارمەنمۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىش ۋىندوۋىس ئىشلىتىشتىن كۆپ قۇلاي ھەم ئىلمى ،
ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن خالى .
9.لىنوكىس بىلەن ۋىندوۋىس قانداق پەرىقلىنىدۇ ؟ قايسىسى ياخشى ؟
جاۋاپ :
لىنوكىسنى ھەركىم ئۈزىگە خاسلاشتۇرۇپ ئۆزلەشتۈرىۋالسا بولىدۇ ، كودلىرى ئاشكارە .
ئىجتىمائىلقنى پىرىنسىپ قىلىدۇ .ھەقسىز . يېڭىلىنىشى تىز ، كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشكە
ئەڭ ماس كىلىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ نىمىلىگىنى ئۇچۇق ئاشكارە چۈشەنگىلى بولىدۇ .
10.لىنوكىس ، ئۇبۇنتۇ ، ئۇيغۇرئىكىس دىگەنلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
جاۋاپ :
لىنوكىس › ئۇبۇنتۇ › ئۇيغۇرئىكىس
11.مەن كومپىيۇتىرىمنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمەن ؟ قانداق ئىشلىتىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ :
سىز تورسىز ئىشلەتسىڭىز سىن ، رەسىم ، ئۈن ھۆججەتلىرىنى قۇيالايسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز .
تېكىسلەرنى يازالايسىز ، كۈرەلەيسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز .
ھىساپلاشلارنى ، لاھىيىلەشلەرنى ئېلىپ بارالايسىز .ماتىرياللارنى ساقلاپ قۇيالايسىز .
توردا بولسىڭىز دۇنيانى بىلىپ تۇرالايسىز ، سودا ئالاقىلەرنى قىلالايسىز ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى دوستىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە كۈرۈشكەندەك كۈرۈشەلەيسىز . ئۈزىڭىزنىڭ بانكىسىنى كونتىرول قىلالايسىز .
قانداق ئىشلىتىش كېرەك دىگەندە ، ئاۋال نىمىگە ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭىزنى جەزىم قىلىپ ، شۇ ئىشىڭىزغا ماس كىلىدىغان سېستىما ۋە دىتاللارنى تاللىشىڭىز كېرەك ، ئەگەر سىز توردىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلمىسىڭىز باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى ئۇيغۇرئىكىس ئارقىلىق قىلالايسىز ، زۈرۈر بولغاندا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەش مۇمكىن . سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ . قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىپ ، قايسى سېستىمىنىڭ ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ ، سىزگە قايسىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى يارىغان بولسا ، شۇنى تاللىشىڭىز توغرا .
مۇھىمى سىز ۋە كىيىنكىلەر ئۈچۈن بىر قارارغا كىلىڭ .
12.بالىلارغا كومپىيۇتېر ئۈگەتمىسەممۇ بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇنداقتا مۇۋاپىق بولماس . كەلگۈسىدىكى ئىشلار كومپىيۇتىرغا تېخىمۇ باغلىنىپ قالىدۇ ،
قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىش مەسىلىسنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماسمىكىن .
13.كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا قانداق تاللىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ :
كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا ئاۋال كومپىيۇتىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئىشەنچىلىك دوستىڭىزدىن ياردەم سۇراڭ . ھەقىقى مەنىدىكى كومپىيۇتىر – قاتتىق جىسىملا ئەمەس . شۇڭا ئەسكىسىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ ، ھازىرقى ۋە كىيىنكى سەۋىيىەگە ماسلىشىش كېرەك دىگەننى شەرىت قىلىڭ .ئالدىنىپ قالماڭ . بەزى كىشىلەر سىزنىڭ پۇلىڭىزنى بولىۋالمىسىمۇ ، ئالداپ ئېلىۋالالايدۇ ، ئۈزىڭىزگە ئۈزىڭىز مەسئۇل بولمىسىڭىز بولمايدۇ .
14.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن ، قانداق قاچىلايمەن ؟
جاۋاپ :
ئەمدى توغرا قىلىۋاتىسىز ، چۈنكى مەن سىزگە ئەسكى نەرسىنى ياخشى دىمىدىم ، پەقەت سىز ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلدىم خالاس ، ماڭا ئىقتىزادى جەھەتتىن زىيان بولسا بولىدىكى پايدىسى يوق ،
لېكىن مەن مۇشۇنداق قىلىشتىن قىممىتىمنى تاپالايمەن .
سىز ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سېستىما ھۆججىتىنى توردىن چۈشۈرىسىز ،
ئاندىن ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيىسىز ، ئەگەر ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم سېستىما قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، شۇنى قىلغىلى بولىدىغان يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاچىلىغىلى بۇلىدۇ ، ئۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
كومپىيۇتىرغا ھەقىقى قاچىلاش ئۈچۈن نۇردىسكا ياكى ياندىسكىغا ئۇيۇش كېرەك .
كومپىيۇتىرنى شۇ نۇر ياكى يان دىسكىدىن قوزغىتىمىز ، كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ ،
ئەنسىرىمەڭ ، ئانچە تەس ئەمەس ، ئازراق ۋاختىڭىز كىتىدۇ . ئەسلىدىكى سېستىمىنىمۇ ساقلاپ قالالايسىز ،
نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئىھتىياتسىزلىق قىلمىسىڭىزلا يۇقىتىپ قۇيىدىغان ئىش بولمايدۇ . بەك خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، يۈتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى سىرىتتىكى قاتتىق دىسكىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،
500 گىگابايىت ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قاتتىق دىسكىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا يۈتكۈزۈپ قانداق قىلىسىز ، 100 گىگابايىت بولسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ، ئىسكىلاتىڭىزنى كومپىيۇتىرىڭىزدىن ئايرىپ ساقلىسىڭىز تېخىمۇ ئىلمى ئىش بولىدۇ .
15.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى كومپىيۇتىرىمغا ماس كىلەمدۇ ، كومپىيۇتىرىمنىڭ سۈرئىتىنى
ئېغىرلىتىپ قۇيىشى ، ياكى بۇزۇپ قۇيىشى مۇمكىنمۇ ؟
بۇنداق بولمايدۇ ، سۈرئىتى ۋىندوۋىسنىڭكىدىن تىز .
16.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، ئەسلىدىكى سېستىمام ۋە ساقلانمىلىرىم يۇقاپ كىتەمدۇ ؟
ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا مەشغۇلات قىلسىڭىز يۇقاپ كەتمەيمۇ قالمايدۇ ، كۆرسەتمىلەر ئۇيغۇرچە ، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلسىڭىز قايتا – قايتا ئەسكەرتمە سۇئاللار چىقىدۇ ، دىققەت قىلسىڭىز ھىچ ئىش بولمايدۇ .
16.5.ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىس بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن ؟ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ قانداق پەرىقلىرى بار ؟
جاۋاپ :
بۇنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار ،
بىرىنچىسى ، ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئىككىنچىسى ، ۋىندوۋىسنى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئۈچىنچىسى ، قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىش ،
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ قاتتىق سەپلىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ئەڭ مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن .
.
17.ئۇيغۇرئىكىستە ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۈچۈن يەنە نىمىلەرنى تۇلۇقلايمەن ؟
جاۋاپ :
ھىچنىمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ياكى ubuntu tweak tool دىگەن قۇرالدىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىسىنى تەڭشىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
18.ئۇيغۇرئىكىستە كىتاپ ئۇقۇماقچى بولسام ،قايسى قۇرالنى قاچىلايمەن ؟
ئەسلىدىلا بۇنداق قۇرال تەييار ، باشقىسىنى قاچىلىسىڭىزمۇ نۇرغۇن .
19.كىنو ۋە ناخشىلارنى قويغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
ئەلۋەتتە . سىز تورسىز ھالەتتە بولسىڭىز (يېڭىلاشلارنى ، قۇشۇمچىلارنى ئورناتمىغان بولسىڭىز ) VLC media player قويغۇچ ئارقىلىق مېدىئا ھۆججەتلەرنى قۇيالايسىز .
20.چ چ قۇرالى بارمۇ ؟ ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
بار ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۆلچەملىك چىقىدۇ .
21.ئۇيغۇرئىكىسنى قانچە خىل تىلدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟
جاۋاپ ’
ھەرقانداق تىلدا .
22.كومپىيۇتىرىمنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتمەكچىدىم ؟ قانداق ئىشلەتسەم ئەڭ مۇۋاپىق ؟
جاۋاپ :
مەسىلەن ، سىز بىر ياپۇن ، بىر خەڭسۇ ، بىر گىرمان ، بىر تۈرىك ، بىر ئەرەپ ۋە باشقىلار بىلەن بىر كومپىيۇتىرنى تەڭ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئايرىم ئايرىم ئىشلەتكۈچى تىزىمىنى بىكىتىپ ، ئىشلەتمەكچى بولغان تىلىنى ماس تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
23.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە قانداق تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارسام بولىدۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاشنى تەڭشەيمىز ،
ئاندىن يېڭىلانمىلارنى كۈرۈشكە كىرىپ يېڭىلاشلارنى ئورنىتىمىز ،
خالىسىڭىز گووگلې نىڭ ئەزالىقىغا تىزىملىۋالسىڭىز يەنە نۇرغۇن قۇلايلىقلار بار .
خەت نۇسخىلىرىغا ، كىرگۈزگۈچلەرگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈسسىڭىز بولىدۇ ، لازىملىق باشقا قۇراللارنى قاچىلاپ خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز ، لازىم بولمايدىغانلارنى خالىغانچە ئۈچۈرەلەيسىز .
24.ئۇيغۇرئىكىستە ۋىرۇسنى قانداق تازىلايمەن ؟
جاۋاپ :
ۋىرۇس دىگەن نەرسە يوق دىسەكمۇ بولىدۇ ، تازىلايدىغان قۇرالمۇ سېستىمىنىڭ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە بار .
25.ئۇيغۇرئىكىستە كومپىيۇتىرنى تورغا قانداق ئۇلايمەن ؟
جاۋاپ :
تېلفۇنىڭىزنى كۆكچىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ياكى سىم ئارقىلىق ، ۋىفى ئارقىلىق ئۇلىيالايسىز ،
ھەم تېلفۇنىڭىزنىڭ تور مۇلازىمىتى ئرقىلىق كومپىيۇتىرنى تورغا ئۇلىغىلى بولىدۇ ، جەريانلار مۇرەككەپمۇ ئەمەس .
ئەتراپتىكى سىمسىز تورلارنى ئۇلىغىلىمۇ بولىدۇ . سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ۋىفى قاتتىق ئۈسكىنىسى بولسىلا .
كەڭ بەلۋاغ تورىغا ئۇلاش پەقەت ئىككى كاتەكچىنى توغرا توشقۇزسىڭىزلا تامام بولىدۇ ،
يەنى ، سىملىق تور دىگەندىن dsl نى تاللاپ ، قوش نى بېسىپ – ئابۇنىت نامى ۋە ئىم دىگەن ئىككى كاتەكنىلا توشقۇزۇپ ،
ئاپتۇماتىك دىگەن يەرنى تاللاش قىلىپ قويسىڭىز ، كومپىيۇتىر ئېچىلىپلا تورغا ئۇلىنىدۇ .
26.بارماق كومپىيۇتىر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ :
مەن ئۇيغۇرئىكىسنى بارماقدىسكامغا ئۇيۇۋالدىم ، بۇ دىسكىنى خالىغان كومپىيۇتىرغا سېلىپ ،
شۇ دىسكامدىن قوزغاتسام ، قوزغالغىنى مىنىڭ تەڭشەكلىرىم بۇيىچە كۈرىنىغان ئۈستەل يۈزى بولىدۇ ، مەن بۇنى بارماق كومپىيۇتىر دەپ ئاتاپ تۇردۇم . بۇ دىسكامدا شەخسى نەرسىلىرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرەلەيمەن . ئۇندىن باشقا ھەرقانداق قاتتىق دىسكىغا ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ )نى قاچىلاپ ، باشقا كومپىيۇتىرلارغا ئىچىدىن ياكى usb ئارقىلىق ئۇلاپ ، كومپىيۇتىرنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، قاتتىق دىتاللىرىنى تۇنۇماسلىق مەسىلىسىنى مەن تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ( بەشتىن ئارتۇق كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم .)
27.مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ :
كومپىيۇتىرنىڭ ئەسلى سېستىمىسىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئورنىتىلغان يەنە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى ،
بۇ مەۋھۇم كومپىيۇتىر يەرلىك كومپىيۇتىردا ياكى توردىكى باشقا كومپىيۇتىرلاردا بۇلىشى مۇمكىن .
29.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ،كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق سەپلىمىرىنى تۇنىماي قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاپ :
ھەممىنى تۇنۇيدۇ ، پەۋقۇلئاددە بولمىسىلا .
30.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى قانچە پۇل ؟
جاۋاپ :
ھەقسىز . خالىس .
31.ئۈزەم قاچىلىيالمىسام قانداق قىلىمەن ؟
جاۋاپ :
بىلىدىغان دوستىڭىزنى ، ياكى مىنى ئىزلەڭ .
چ چ 2304855410
32.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنى ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيۇپ ساتسام بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
بۇلىدۇ ، پەقەت دىسكىنىڭ ۋە ئەجرىڭىزنىڭ قىممىتى بويىچىلا ساتسىڭىز قانۇنغا خىلاپ يىرى يوق ،
ئەمما سېستىمىنى سېتىشقا بولمايدۇ . (چۈنكى ئۇ سىزگىلا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس )
33.ئۇيغۇرئىكىستە قايسى پىرۇگراممىلار ياخشىكەن ؟
جاۋاپ :
كۆڭۈلدىكى ھالىتىدىكى تور كۆرگۈ ، تىزىم
لىتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ توركۆرگۈڭىزگە يەنى ئۇلىنىش بىگىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ .
مىدورى دىگەن بىر توركۆرگۈ باركەن ، بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ
ئۆلچەملىك چىقماي قېلىشى ناتايىن .
compiz config دەپ بىر قۇرال بار ، بۇ ئارقىلىق 3D ئۈنىمىگە ئىرىشەلەيسىز .
باشقا بەك جىق ،
مەن بۇ ئۇيغۇرئىكىس(ئۇبۇنتۇ) نى ياخسى نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلىۋاتىمەن .باشقا شەخسى مۇددىئايىم ئاساس ئەمەس ….
سىزگىمۇ يېقىپ قالغان بولسا ، باشقىلارغا تەۋۋىسسىيە قىلغۇڭىز كىلىشى مۇمكىن …
www،../ غا كىرىپ ، پىكىرلىرىڭىزنى قۇيۇپ قويغايسىز ….
ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر دىگەن نامدىن خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، ئۇبۇنتۇ 12.4 نى قاچىلاپ ، تەڭشەپ بەرسىڭىزمۇ ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز …
ما بەلەن گەپكەن ماۋۇ