مەن نىمىشقا ئۇبۇنتۇنى تاللىدىم
- مەن بۇ تېمىنى چۈشىنىشلىك يېزىپ تاماملاش ئۈچۈن ، يەنىلا نۇرغۇن تەھلىللەرنى قىلشقا مەجبۈركەنمەن ، بىر نەچچە قېتىم يېزىشقا تەمشەلگەن بولساممۇ ، دىققىتمنى يىغالماي خاتا سۆزلەپ قۇيۇشتىن ئەندىشە قىلىپ ، يازمىغان ئىدىم ، بۈگۈن پۈتۈن سەمىمىلىك ۋە ئىلمىيلىك پىرىنسىپىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا قەتئى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم ...-!
ئالدى بىلەن گەپنى ئۈزەمگە سۇئال قۇيۇشتىن باشلاي .
مەن كومپىيۇتىرنى نىمىگە ئىشلىتىمەن ؟
جاۋاپ : كىتاپ ئوقۇشقا ، رەسىم كۈرۈشكە ، كىنو كۈرۈشكە ، ناخشا ئاڭلاشقا ، خاتىرە يېزىشقا ، ماتىريال ساقلاشقا ، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئىزدەشكە ، دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ... قاتارلىقلارغا ئىشلىتىمەن .
ئۇبۇنتۇ بىلەن ئۇچرىشىتىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپ ۋىندوۋىسنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم ، ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا يېرىم يىل بوپتۇ ، بۇ سېستىمىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىمدە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار ،
بۇ يەردە كۆپچىلىككە سەمىمى ئىقرار قىلماقچىمەن .
1. ئۇبۇنتۇنى كومپىيۇتىرغا قاچىلاش ئىنتايىن ئاسان ، كومپىيۇتىردا ئەسلى بار بولغان سېستىمىنى يۇيۇۋەتمەستىن ، ئاپتۇماتىك تەڭشەپ قاچىلىلىغىلى بولىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، بولسىمۇ مۇرەككەپ جەريانلار كىتىشى مۇمكىن .
2. ئۇبۇنتۇدا ئوخشىمىىغان تىللارنى ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا ئۈزىمىزگە مەنسۇپ بولغان ئانا تىلىمىزنى باشقىلار بىزگە پۇلغا ساتىدۇ .
3. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىدا ئانا تىلىمىز ھەقىقى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا ئانا تىلىمىز ئەرەپ تىلى ۋە باشقا تىللارغا بېقىنىدۇ .
4. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى تىللارنى چوڭ كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ . ھەممىسىگە پۇرسەت بىرىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا نەچچە ئون يىلدا ئاران بىرەر قېتىم پۇرسەت بىرىدۇ .
5. ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئانا تىلىمىزنى كۆڭۈلدىكى تىل سۈپىتىدە تەڭشەش ۋە خەت نۇسىىلىرىنى بەلگۈلەش تۇلىمۇ ئاسان .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا سەۋىيىسى تۈۋەن كىشىگە نىسبەتەن تۇلىمۇ قىيىن .
6. ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، قۇشۇمچە ئورنىتىدىغان دىتاللار كۆپ ئەمەس ، قاچىلاش ۋە قاچىلىماسلىقىزنى ئۈزىمىز بەلگۈلەيمىز ، بىرسىنى قاچىلىساق باشقىسىنى قاچىلامسىز دەپ سورىمايدۇ . ئۈچۈرۈشمۇ تىنىچ تامالىنىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا بىر دىتالنى قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا ، باشقا دىتاللارنىمۇ قاچىلاشنى سۇرايدۇ ، سىزنىڭ ۋاختىڭىز بىلەن ھىساپلاشمايدۇ . سىزنى كىچىك بالىدەك ئەخمەق قىلىدۇ .سىز چەتئەل تىلىنى بىلمىسىڭىز خالىغانچە كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كىتىدۇ . ئۈچۈرمەكچى بولسىڭىز سىزدىن نىمە سەۋەپتىن ئۈچۈرمەكچى دەپ سۇراپ تۇرىۋالىدۇ ، سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ قىلچە ئىتىۋارى بولمايدۇ . چەتئەل تىلىنى بىلمىگەن كىشىگە تېخىمۇ تەس .
8. ئۇبۇنتۇدا مەيلى يەرلىك ۋە مەيلى توردا بولسۇن ، ئانا تىلنى چىرايلىق يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ .ئارتۇق تەڭشەشلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا بىز ئەڭ ياقتۇرۇپ ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان چ چ قۇرالىنىمۇ ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيۋاتىمىز .
9. ئۇبۇنتۇدا پىرۇگراممىلارنىڭ ئىگەللەيدىغان سىغىمى كىچىك ،
قاچىلىنىشى تىز تاماملىنىدۇ .پىرۇگىراممىلارنى توردىن ئىزدەش زۈرۈرىيىتى يوق دىيەرلىك . بولغاندىمۇ چۈشۈرۈش جەريانى ئاسان ۋە تىز .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا ئىچىڭىزنى پۇشۇرىدىغان باسقۇچلار تۇلا . سىزنىڭ ۋاختىڭىزنى ئېلىپ ، تىرىكتۈرۈپ ، ھالىڭىزنى قويمايدۇ .
10. ئۇبۇنتۇدا ۋىرۇس دىگەن نەرسىگە يۇچۇق قالدۇرۇلمىغان ئوخشايدۇ . ۋىرۇسخور قاچىلاسنى تەلەپ قىلمايدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا قاچانلا قارىسىڭىز ۋىرۇس تارقاتقۇچى ۋىرۇسخور پىرۇگراممىلىرىنىڭ ئىلانىدىن قۇتۇلالمايسىز .
11. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى قاچىلانغان قاتتىق دىسكىنى ھەرقانداق كومپىيۇتىردا ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق ئۈسكىنىلىرىگە ئورتاق بولغان قوزغاتقۇچلار تەمىنلەنگەن .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا دەل ئەكسىچە ،
12. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى پۈتۈن دۇنيادىكى مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتمىغان ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا سانى ۋە پۇلى كۆپ مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ .
13. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋاختىڭىز ۋە خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى ئويلىشىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا شەخسىيەتچى كىشىلەر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا ئازادە يول ئېچىپ بىرىدۇ .
14. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى كۈندە دىگۈدەك ماس قەدەمدە ھەقسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا نەچچە يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ ، بانكا كارتىڭىزنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ .
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى پۇل ، جۈملىدىن بايلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت .
15. ئۇبۇنتۇ مەۋجۇت تىل ۋە يېزىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەۋىسسىيە قىلىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا سانى ۋە پۇلى كۆپ قەۋىملەرنىڭ
مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىپ ، باشقىسىنى يۇقىتىشنىڭ باشلامچىسى .
مۇشۇنچىلىك بوپ تۇرسۇن ، ئاساسەن ھىس قىلغانلىرىمنى يېزىپ بولغان ئوخشايمەن ، ئەمدى ئۇبۇنتۇدىكى ئىشلىتىشمىزگە ئەرزىيدىغان
بىر نەچچە ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىمەن :
1. ئۇبۇنتۇدا گوگىلنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن تور كۆرگۈچىنى گوگىل ئىلخەت نامىمىز ئارقىلىق تيزىملىتىپ ئىشلەتسەك ،
ئۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ . بىزگە مۇناسىۋەتلىك تارىخنى ساقلايدۇ ، مەيلى قايسى كومپىيۇتىردا تورغا ئۇلانمايلى ، دائىملىق مەزمۇنلارنى ئۆزلۈگىدىن كۆرسىتىپ ، مەشغۇلات ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتىرىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .
بۇ يەردە سىناق قىلىپ كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش بار ، يەنى
بىز بىر گىمائىل خەت نامىدا گوگىل تور كۆرگۈچىسىگە تىزىملىتىپ ،
دائىملىق ئاممىۋى مەزمۇن ۋە ئۇلىنىشلارنى رەتلەپ ۋە تەڭشەپ ، شۇ تىزىملاتقان گىمائىل خەتنىڭ ئادرىس نامى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى ھەمدە باشقا بىخەتەرلىك تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى دوستلۇرىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسەك ، كۆپلىگەن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ، شۇ
تىزىملىك بىلەن كىرىپ ، ئىنتايىن قۇلاي بولغان تور كۆرگۈگە ئىگە بۇلالىشى مۇمكىن .بىر قېتىم تىزىمغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن ، قايتا تىزىملىتىشنىڭ زۈرىرىيىتى بولماسمىكىن دەيمەن ، مەن بۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كومپىيۇتىردا ئىشلىتىپ باقتىم زادى بىرلا ۋاقىتتا نەچچە كومپىيۇتىردا ياكى نەچچە رايۇندا ئىشلەتكىلى بۇلۇش ئىمكانىيىتى بارلىقى ھازىرچە ماڭا قاراڭغۇ ، ئەگەر مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار ، مەن سىلەرگە ئۈزەم تەييارلىۋالغان تىزىملىكنى ئەۋەتىپ بىرەي .
بۇ ئۇسۇلنى ئەلۋەتتە ۋىندوۋىس مۇھىتىدىمۇ ئىشلەكىلى بولىدۇ ، ( گەرچە خەتلەر ياخشى بولمىسىمۇ )
2. ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا تۇرۇپ ، مۇڭداشقۇ قۇرالىنى ئىشلەتكەندە ئانا تىل يېزىقىمىزنى بىمالال چىرايلىق ئىشلىتەلەيمىز .
ئۇبۇنتۇدا ئەڭ ئىقتىدارلىق ، بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىر مۇڭداشقۇ قۇرالىنى ئورتاق ئىشلەتسەك ، دوستلار ئارا ئانا تىلىمزنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلغان بۇلار ئىدۇق .
ۋىندوۋىستىن ئايرىلىشنىڭ زۈرىرىيىتى يوق ، پەقەت ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ۋىندوۋىس ئىچىگە مەۋھۇم قىلىۋالساقمۇ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ،
ئۇ چاغدا بۇ مۇڭداشقۇ بىزنىڭ ئەركىن - ئازادە پاراڭ قىلىدىغان سورۇنىمىز بوپ قالاتتى .
3. ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ئوخشاشلا بىر گوگىل ئىلخەت نامىدا ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىگە تىزىملىتىۋالساق ، كومپىيۇتىرلارنى قەدەمداش قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، ئۈزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىغا قاچىلانغان يۇمشاق دىتاللار بىلەن باشقىلارنىڭ كومپىيۇتىرىدىكىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرغىلى بولىدۇ . بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ، ئەڭ ياخشى پىرۇگراممىلارنى ۋاختىدا خەۋەردار بولۇپ ئىشلىتەلەيمىز . مەن بۇنى ئۈيۈمدە ئۈچ كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم .
4. ئۇبۇنتۇنىڭ كۆڭۈلدىكى بىللە قاچىلانغان مۇڭداشقۇ قۇرالى ئارقىلىق ، پاراڭلاشقىلى بولغاندىن باشقا ، ھۆججەتلەرنى ئۆزئارا يوللىغىلىمۇ بولىدۇ . بۇ ماڭا كۆپ قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەردى .
5. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىدا ماڭا ئەڭ ياققان بىر ئالاھىدىلىك قىلماقچى بولغان مەشغۇلاتنى ناھايىتى تىزلا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ ، توردىكى دائىملىق پىرۇگراممىلارنى ئىكران يۈزىگە تىزلەتمە قىلىپ ساقلىغىلى ۋە تۈرلەر بۇيىچە قىسقۇچلارغا ئايرىپ ، رەتلىك ساقلاپ قويغىلى ، تىنىچ ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ . مىسال ،
ھەقسىز بوشلۇقلار ، تېلۋىزۇر ئۇلىنىشلىرى ، چ چ قۇرالى ، توردىكى ئۈندىدار ، لۇغەت ، ئىملا تەكشۈرگۈچ ، تور ئۇيۇنلىرى ... ۋەھاكازالارغا ئوخشاشلارنى تىزلەتمە قىلىش بەكمۇ قۇلاي .
6. ئۇبۇنتۇدا تىللارنى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولغاچقا ، چەتئەل تىلىدا ئىشلىتىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلسىمۇ ، ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
7. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلىۋېلىپ ، ئەڭ نۇرمال تەڭشەشلەرنى ماس ھالدا ساقلاپ قويغاندا ، بىر كۈنلەردە سېستىمىنى ياكى كومپىيۇتىرنى ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە ، بىز تەييارلىغان بارماق كومپىيۇتىر بەك ئەسقاتىدۇ . دىسكا رايۇنلىرىنى تەڭشەش ، پىرۇگراممىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، تەڭشەشلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زۈرۈرىيەتلەردە بۇنىڭ رۇلىنى سەل قارىغىلى بولمايدۇ .
ئەزىز قېرىنداشلار ، مەن بۇ يازمامدا ھەقىقى ئىشنىلا سۆزلىدىم ، شەخسى مۇددىئا دىگەنگە ئورۇن قويمىدىم . لېكىن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى ، ھازىر بولمىسىمۇ ئۇزاققا قالماي بىزگە ئوخشاش بېقىندىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۇبۇنتۇ بىلەن ۋىندوۋىسنىڭ
پەرقىنى كۈرۈپ يىتىدۇ .
مەن ياخشى نەرسىنى تەۋىسسىيە قىلماسلىقنى شەخسىيەتچىلىكنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىغاچقا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم . يازمامدا قېيىپ كەتكەن مەزمۇنلار بوپ قالغان بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
سەبىر قادىر
چ چ 2304855410
ئۈندىدار sebir8213313
ئۇبۇنتۇ ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنمەكچى بولسىڭىز www.../
غا مەرھەمەت .
ئەپچىل قۇرال …
ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇدا رەسىمنىڭ كەڭەيتىلگەن نامىنى ئۆزگەرتىشتىن مىسال
convert filename.jpg filename.bmp
تېرمىنالدا convert بۇيرىقى ئارقىلىق رەسىم ھۆججىتىنىڭ كەڭەيتمە نامىنى ئۆزگەرتىشكە بۇلىدىكەن .
تەرتىپى تېرمىنالدا cd بۇيرىقى ئارقىلىق رېسىم ھۆججەت تۇرىۋاتقان مۇندەرىجىگە كىرىپ ، convert filename.jpg filename.bmp
بۇيرىقىىنى ئىجرا قىلىمىز . بۇ يەردىكى filename = ھۆججەت نامى .
تۇلىمۇ قۇلايلىقكەن .
ئىكراندىن تۇتۇلغان رېسىملەرنى بوشلۇققا يوللىغاندا jpg شەكلىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەپ قالىدىغان ئىشلار ئۇچرايدىكەن . مەن بۇ ئۇسۇلدىن بەك رازى بولدۇم .
تور دىسكىسىغا ھۆججەتلەرنى تىز يوللايدىغاننىڭ بىرەر ئامالى بارمىدۇ مەن بەيدۇغا يوللىسام 50kbئەتراپىدا يوللىنىپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇردى. green نى ۋىندوۋستا ئىشلەتسەم تىزلىمىەي b چۈشۈپ قالدى تىزلىكى.
تور كۆرگۈدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۆلچەملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن تەجرىبە :
خىروم توركۆرگۈدە خەت نۇسخىلىرىنى ukij cjk غا تەڭشىۋالغاندىن كېيىن ، ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا خەتلەر ئۆلچەملىك كۈرۈنىدۇ . ۋىندوۋىستىمۇ ئۆلچەملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن ، بۇ ئۇلىنىشقا كىرىپ
https://chrome.google.com/webstore/detail/change-font-family-style/aabledekpjmoghdjnpnhfkfpmjifklpb
كۋرۋنگەن change-font-family-style دىگەن پىرۇگراممىنى قوزغىتىپ قويىمىز.
ئوتتۈلكە تور كۆرگۈدە بولسا تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشىدىم .
http://yunpan.cn/QDmyCVHjVnpjw
ئەڭ مۇھىمى كومپىيۇتىرىڭىزغا ukij خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاڭ .
ئەسكەرتىمە :
خىروم توركۆرگۈدە change-font-family-style قىستۇرما دىتالىنى قوزغىتىۋالغاندىن كىيىن ، 设置—宽展程序 غا كىرىپ، change-font-family-style نى تېپىپ ، 选项 نى چەكسەك ، بىر كاتەكچە چىقىدىكەن ، شۇ كاتەككە ukij cjk
نى يېزىپ ساقلىساق ، ئاندىن ئۋنىمى بولىدىكەن. نەتىجىدە بۇ تور كۆرگۈدە ئىلخەتلەرمۇ نۇرمال كۆرىنىدىكەن. ( ئەلۋەتتە تور كۆرگۋنىڭ خەت نۇسخىسى تەڭشەلگەن ئەھۋال ئاستىدا.)
ئوتتۈلكە تور كۆرگۈدە بولسا ، ئۈستىدىكى ئىنكاستىكىدەك تەڭشىسەم ئۈنىمى بولدى . ئىشلىتىۋاتقان سىستېما نەشىرلىرىنىڭ ئوخشاس بولماسلىقىغا قاراپ ، ئازراق پەرقلەر بولىدىغان ئوخشايدۇ. يەنى ، رەسىمدىكىدەك ، بىرىنجى كاتەكنى تاللىغاندا ئەرەپچە ، باشقا تىل ….دىگەندەك تاللانمىلارنى ئالماشتۇرۇپ تەڭشەپ باقساق ، بىرسىنىڭ چۇقۇم ئۈنىمى بولىدۇ. مۇھىمى خەت نۇسخىىلىرىنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ . ( ukij cjk ئەڭ مۇۋاپىق)
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم سەبىر ئۇستاز،چ چ رىڭىزدا خاتالىق بارمۇ بىلمىدىم،قاچىلىيالمىدىم،ئىغىر كۆرمەي مىنى قاچىلىۋالغان بولسىڭىز،ئۇبۇنتۇدا ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالدىم،