ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > دەرىسلىك > يازما مەزمۇن بىتى
Ubuntu دا قالايمىقان كودلاردىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇش
2013-يىلى09-ئاينىڭ07-كۈنى دەرىسلىك ⁄ يازما جەمىئى2349خەت پارچە باھا 6

ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك مەسىلىگە دائىم يۇلۇقىدۇ. يەنى Windows دىكى خەنزۇچە Txt ھۆججىتى كىنو-فىلىم خېتىنى ئۇبۇنتۇدا gedit ئارقىلىق ئاشقاندا (مائۇستا قوش چىكىپ ئاشقاندا) ئۇقۇغىلى بولمايدىغان قالايمىقان كودكۆرۈنىدۇ. توردا flash فىلىمى كورگەندە ياكى flash ئويۇنى ئوينىغاندا ئىنگىلىسچە كودتىن باشقىسى كاتەك كۆرۈنىدۇ. ھەتتا مۈزىكا قويغۇچتىكى ناخشا ئىسمىمۇ تاشقى پىلانىت يېزىقىدا چىقىۋالىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى ئويلىمايدىغان بۇقېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغىچە GB ( ھازىر كەڭ ئىشلىتىلۋاتقان خەنزۇچە خەت كودى) ئۆلچىمىدىكى كودنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. (مىنڭ مۇئەللىمىمنىڭ ئىيتىشىچە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بۇ كود ئىشلىتلمەيدىكەن) بۇنى ھەل قىلىش چارىسى تۆۋەندىكىدەك:
1- خەنزۇچە Txt ھۆججىتى كىنو-فىلىم خېتىنى ئۇبۇنتۇدا gedit ئارقىلىق (مائۇستا قوش چىكىپ ئاشقاندا) نورمال كۆرۈش.
تېرمىنالغا gconf-editor نى كىرگۈزمىز ياكى مائۇسنى ئىكراننىڭ سول يۇقىرى تەرىپىدىكى Application نىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن Edit Menu نى تاللاپ ئىچىلغان كۆزنەكتىن System Tools نى تېپىپ ئوڭ تەرەپتىن Configuration Editor نى تاللايمىز.

ئاندىن Application ——> Seytem Tools__>Configuration Editor نى تاللاپ سول تەرەپتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىن تەرتىپ بۇيىچە /apps/gedit-2/preferences/encodings/ نى تاللايمىز. ئوڭ تەرەپتىكى ئىككى ھۆججەتنى ئايرىم ئايرىم ئېچىپ ئۇنۇڭغا GB18030 ياكى GB2312 نى قۇشۇپ ئۈستىگىراق چىقىرىپ قۇيىمىز.

2- قالايمىقان flash كودىنى تۈزىتىش
تېرمىنالنى ئىچىپ تەرتىپ بۇيۇنچە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزمىز. (بۇيرۇقنىڭ رولىنى بۇيەردە تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمۇدۇم) .
پروگرامما كودى
cd /etc/fonts/conf.d/
sudo cp 49-sansserif.conf 49-sansserif.conf_backup
sudo gedit ./49-sansserif.conf

ئېچىلغان كۆزنەكتىكى نىڭ ئارىسىدىكى ئەسلىي فونت ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئۇبۇنتۇرىمىزغا قاچىلىغان خەنزۇچە فونت ئىسمىدىن بىرنى كىرگۈزۈپ ساقلايمىز. (جەمى تۆت يەرنى). مەسىلەن مەن ئۆزگەرتكەندىن كىيىنكىسى WenQuanYi Micro Heiبولدى.
3- قويغۇچلادىكى قالايمىقان ھۆججەت ئىسمىنى توغۇرلاش.
ئۇبۇنتۇدىكى كۆپ ساندىلىق قويغۇچلادىكى ئىسىم تىزىملىكىنىڭ تاشقى پىلانىت يېزىقىدا كۆرۈنىشى، بەلگىلەشتىكى مەسىلە بۇلۇپ تەڭشەش تىزىملىكىگە كىرىپ Playlist نى simplechinese قېلىپ قويساقلا بۇلىدۇ. ئەگەر مۇزىكا قويغۇچ Rhythmbox نىڭ ئىسىم تىزىملىكىمۇ قالايمىقان كۆرۈنسە تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بۇلىدۇ (ئاز ساندىكىلىرى يەنىلا ئوڭشالمايدىكەن).
پروگرامما كودى
sudo gedit /etc/profile

ئېچىلغان ھۆججەتكە تۆۋەندىكى ئىككى قۇرنى قۇشۇپ ساقلايمىز.
پروگرامما كودى
export GST_ID3_TAG_ENCODING=GBK:UTF-8:GB18030
export GST_ID3V2_TAG_ENCODING=GBK:UTF-8:GB18030

 

 

 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ يازما ئاپتۇرى بەختىيار يەنى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى .ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگى تاقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگىدىكى نادىر يازمىلار قايتىدىن بۇ بىلوگدا ئېلان قىلىنىدۇ.

ھازىر 6 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :4 پارچە : بىلوگىر :2 پارچە

  1. بەگمۇراد China Unknow Browser Unknow Os : 2013-يىلى09-ئاينىڭ08-كۈنى17:04:40  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇئەلەيكم,مېەن بۇ ئىنكاسنى ئاندىرويىد تلاۇنىدا يىزىۋۋاتىمېن. قۇتبەگ ئاكامەن ئۇبۇۇنتۇ ئىشلىتىۋھتقىنىمدىن ھازىرغىچە قالھلھيمىقان كود مەسلەسەگ يۇلۇقۇپ باقمىدىم. ئۇ بلكىمبۇرۇنى نەشىرلېرىدىك مەسلە بولسا كېرېك, ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگ ھەقىقەەن ئىسىل ئىدى ئمما بىر قىسىم مېەزمونلار يىڭى نەشىردىكى ئبۇنتۇ غا مس كەلمەيدۇ. يىڭى ئىشلەتكۈچىلەرنى قايماقتۇرۇپ قويماسلىق ئچۈن ئەمەلىيەتنى

  2. مەمەتجان China Google Chrome Ubuntu Linux : 2014-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى14:36:32  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇئەلەيكم,مەن ئۇبۇنتۇ12.04نى ئىشلىتۋاتقان تىرمىنال دىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئايرىم ئايرىم ئۇقىغىلى بۇمايدىغان باشقىچىلا چىكىدۇ، بۇ نى ئۇڭشاشقا بىر ياردەم قىلساڭلا!! مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دا قالايمىقان كۇد لانى تۈزۈتۈش تۇغۇرلۇق ئۇيغۇرچە سىن دەرىسى بادىمۇ ؟

  3. بەگمۇراد China Unknow Browser Unknow Os : 2014-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى22:25:20  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇرۇنقى ئۇبۇنتۇ تۇغۇرلۇق بىلوگلاردا تېرمىنالدا ئۇيغۇرچە ھىكايە يازىدىغانلار بار ئىدى ئەپسوس بىز ئۆگنىۋالغۇچە توختاپ قالدى. تېرمىنالدىكى ئۇيغۇچىنى ئىمكان بولسا ئۇرگان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشپ تېرمنالدا ئۇيغۇرچە بۇيرۇق بەرسە ئىجرا قىلىغىلى بۇلىدىغان قىلساق ياخشى بۇلاتتى. مەسلەن كومىنى تاقا دىسەك كومنى تاقىسا سائەت بەلگىلپ ئۈچۈرۈش, دىتال قاچىلاش دىگەندەك شۇ چاغدا ھەقىقىي


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2014-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى13:04:05  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇنىڭغا خىلى بار تېخى …

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro