ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > باشقىلار > يازما مەزمۇن بىتى
Ubuntu Tweak 0.8.4 ئېلان قىلىندى
2013-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنى باشقىلار ⁄ يازما جەمىئى310خەت پارچە باھا 4

Ubuntu Tweak 0.8.4 ئېلان قىلىندى

بۇ دېتال ھەققىدە كۆپ توختالمىساممۇ ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن دوستلارنىڭ ھەممىسگە بۇ دېتال ئىنتايىن تۇنۇشلۇق.بۈگۈن بۇ دېتالنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ . ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭلار.

چۈشۈرۈش ئادىرېسى :

https://launchpad.net/ubuntu-tweak/0.8.x/0.8.4/+download/ubuntu-tweak_0.8.4-1_all.deb

ھازىر 4 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :4 پارچە : بىلوگىر :0 پارچە

  1. سەبىر قادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى18:43:19  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىسنى يېڭى قاچىلىغانلار ئۈچۈن

    ئۇيغۇرئىكىسنى نۇردىسكا ياكى ياندىسكىدىن قاچىلىغىلى بولىدۇ .
    بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار مەزكۇر بىلوگتا بار . مەن يەنە قۇشۇمچە قىلىپ بىر نەچچە چۈشەنچىلەرنى قالدۇرۇپ قويماقچى .
    ئەگەر سىزدە ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قاچىلاش نۇردىسكىسى بار بولۇپ ، ياندىسكىغا ئۇيۇۋالماقچى بولسىڭىز ، ئالدى بىلەن 4گىگابايت ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ ياندىسكىنى تەييارلاڭ .ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى يۆتكىۋېلىڭ . ئاندىن كومپىيۇتىرىڭىزنى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قاچىلاش نۇر دىسكىسىدىن قوزغىتىڭ . كومپىيۇتىرىڭىز نۇردىسكىدىن قوزغىلىدىغانغا تەڭشەكلىك بولسىلا ، سىز ھىچيەرگە چېقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . سېستىما قوزغالغاندا ،
    ياندىكى سىنبەلگىلەردىن ئەڭ ئۈستىدىكى سىنبەلگىنى بىر چىكىپ ، ‘قوزغىتىش ‘ دىگەن خەتنى كىرگۈزۈڭ .ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىسىڭىز ، پىرۇگىراممىلار قاتارىدىن ‘قوزغىتىش دىسكىسى ياسىغۇ ‘ دىگەن پىرۇگىراممىنى قوزغىتىڭ ، بۇ يەردە سىزنىڭ ياندىسكىڭىز كۈرۈنىدۇ ، دىسكىنى ئۈچۈرۈشنى تاللاڭ ، دىسكا ئاپتۇماتىك ئېچىلسا كارىڭىز بولمىسۇن . ھىچنەرسىىگە تەگمەي ، ئېنتېر كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ، ياساشنى باشلايدۇ .ئىم سورىغاندا ‘ uyghurix ‘ نى كىرگۈزۈڭ . تامام بولغاندا ، ياندىسكىنى نىخەتەر چىقىرىڭ ، ياكى كومپىيۇتىرنى تاقاپ ئېلىۋېلىڭ . بۇ ياندىسكىنى خالىغان كومىيۇتىرغا سېلىپ ئۇيغۇرئىكىسنى سىناق ئىشلىتەلەيسىز ياكى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسز .بۇ ياندىسكىنى يەنە باشقا ئىشلىرىڭىزغىمۇ ئىشلىتىۋىرەلەيسىز .
    نۇردىسكىغا ئويماقچى بولسىڭىز ، ھەرقانداق سېستىمىنىڭ iso شەكلىدىكى ھۆججىتىنى ، ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئاسانلا ئۇيالايسىز . يەنى isoھۆججەتنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇكىسىنى چىكىپ ، ‘دىسكىغا ياز’
    نى تاللىسىڭىز بولىدۇ . قۇرۇق نۇر دىسكىڭىز dvd بولىشى كېرەك .

    قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، قوزغىلىتىش ھالىتىدىكى تاللانمىدىن ، قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تاللاڭ . كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساساسەن سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ ، سەل ئاستا بولسىمۇ تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ ، تىل تاللايدىغان يەردىن ئۈزىڭىز تۇنۇيدىغان تىلدىن بىرنى خالىغانچە تاللىسىڭىز بولىدۇ . كومپىيۇتىرىڭىزنىىڭ سىنالغۇ ئاپراتى ( شېشاڭتۇ ) بولسا ، ئېلىۋېتىڭ ، ياكى بولمىسا خەنزۇچىنى تاللاپ تۇرۇپ قاچىلاڭ .
    (مەيلى قايسى تىلنى تاللىسىڭىزمۇ ، سېستىما مۇكەممەل ئۇيغۇر تىلىدا قاچىلىنىدۇ .)
    كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللايدىغان يەردىن ئىنگىلىسچىنى تاللاپ ، ALt (ئوڭ تەرەپتىكى )
    كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ، كۇنۇپكىىلاردىن E نى باسسىڭىز é شەكىلدىكى ھەرىپ كۈرۈنگىنىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ، (ياكى پەرۋا قىلماي ، ئۈزىڭىزگە تۇنۇشلۇق خالىغاننى تاللىسىڭىزمۇ ، كارايىتى يوق ، سېستىما قاچىلىنىپ بولغاندا خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ .)

    باشقا ھىچنىمىنى تاللىماستىن داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىپ ، قانداق قاچىلاشنى سۇرايدىغان يەرگە كەلگەندە ، تەگمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز ئەسلىدىكى سېستىمىڭىز بىلەن قوش سېستىما بولۇپ قاچىلىنىدۇ . ئوتتۇردىكىنى باسسىڭىز ھەممىنى ئۈچۈرۈپ ئۇيغۇرئىكىسنىلا قاچىلايدۇ . ئاستىدىكىسىنى تاللىسىڭىز ئۈزىڭىز نەگە قاچىلاشنى ، تاللايسىز .( بۇ باسقۇچ سەل مۇرەككەپ . ئەھۋالغا قاراڭ .)

    سېستىما تامام بولغاندا كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىىتىڭ دىگن ئەسكەرتمە ئاپتۇماتىك كۈرۈنىدۇ . مەشغۇلاتىڭىز مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ .

    »قوش سېستىما قىلىشنى تاللىسىڭىز ، سىزنىڭ شەخسى ھىچ نەرسىڭىز ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ)

    كومپىيۇتىر قايتا قوزغالغاندا ( نۇر دىسكا ياكى يان دىسكىنى ئېلىۋېتىڭ ) قىزىلغا مائىل ئىكران كۈرۈنۈپ ، 5 قۇر خەت چىقىدۇ(قوشسېستىما قىلغان بولسىڭىز ) . تەگمىسىڭىز ئۇيغۇرئىكىس قوزغىلىدۇ . ئەڭ ئاستىدىكىنى تاللىسىڭىز ۋىندوۋىس ياكى ئەسلىدىكى سېستىمىڭىز قوزغىلىدۇ .

    ( بۇ يەردە بىر ئىش ئىنتايىن مۇھىم ، سىز ۋىندوۋىسنى قايتا قاچىلىسىڭز ياكى ئۆچۈرسىڭىز ئازراق ئاۋارىچىلىق چىقىشى مۇمكىن )

    سېستىما قوزغالغاندىن كېيىن ، تور مۇھىتىڭىزنى ئاپتۇماتىك بايقايدۇ . سىمسىز تور ياكى سىملىق تورنى بەلگۈلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ .

    ياكى مەخسۇس تورغا چىقىدىغان يانفۇن كارتىسىدىن بىرنى يانفۇنىڭىزغا سېلىپ ، كۆكچىش ياكى سىم ئارقىلىق كومپىيۇتىرىڭىزغا ئۇلاپ ، تور مۇھىتى بەرپا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    تور مۇھىتىڭىز بولمىسا ، قانائەت تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن .
    تور ئۇلانغاندىن كېيىن ، ئىكرانىڭىزنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى چىشلىقچاق سىنبەلگۈسىىنى چىكىپ ، يېڭىلانمىلارنى كۈرۈش كە كىرىپ ، تەكشۈرنى بېسىپ ، ئارقىدىن يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىشنى چەزىم قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ . ئۇيغۇرئىكىسنىڭ كۆڭۈلدىكى مەخپى نومۇرى ‘uyghurix ‘. دائىم لازىم بولىدۇ . ئۆزگەرتىۋالسىڭىمۇ بولىدۇ .

    يېڭىلاش باسقۇچى تور مۇھىتىڭىزنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ .
    تور سۈرئىتىڭىز بەك تۈۋەن بولسا باشقا تودىكى مەشغۇلاتنى قىلماي تۇرۇڭ ، مەغلۇپ بولسا بىر نەچچە قېتىم سىناڭ . يانفۇن بىلەن تورغا چىققان بولسىڭىز سەل ئاستا بوپ قېلىشى مۇمكىن .

    بۇ ئىش تامام بولغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ . قايتا كىرگىنىڭىزدە روشەن ئۈنۈملەرنى بايقايسىز .

    ئەمدى نىمىلەرنى قاچىلاشنى كۈرۈپ باقايلى .

    ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزى (ياندىكى ئىجراچى تىزىملىكىدە ) نى ئېچىپ ، ‘ قىستۇرمىسى ‘ دىگەننى كىرگۈززىڭىز flax player چىقىدۇ ، بۇنى ئورنىتىمىز .
    3D ئۈنۈمگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز بارلىق پىرۇگىراممىلار دىن ‘ compizconfig
    نى كىرگۈزۈپ تېپىپ ئورنىتىمىز . بۇنى تەڭشەش تەسمۇ ئەمەس ، بىلمىگەنلەرگە ئاسانمۇ ئەمەس ، بۇھەقتىكى مەزمۇنلارنى بىلوگتىن كۈرۈڭ . بۇ ئۈنۈمنى ئېچىشتىن ئاۋال ، ئۇيغۇرئىكىسنى پۇختا چۈشىنىشىڭىز كېرەك .

    تۈۋەندە مەن بىر نەچچە لازىملىقلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    virtualbox 。 dockey 。 xournal 。 tompoy 。 clamtk 。 pdf mod
    katoob 。 almanah 。 evolution。 قاتارلىق بۇ قۇراللارنى مۇشۇ ناملارغا ئاساسەن يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن تاپالايسىز . ماڭا ياقتى .

    ئۇندىن باشقا نۇرغۇن قۇراللار بار ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ، خالىغانچە ئۈچۈرۈپ ، خالىغانچە ئورنىتالايسىز .
    ۋىندوۋىستىكىدەك نىمىشقا ئۈچۈرماكچى بولدىڭىز ، سەۋىۋىنى مەلۇم قىلىڭ دەم سۇراقچى ۋىرۇسلار ئاۋارە قىلمايدۇ . خەيىر ، سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن .

  2. سەبىر قادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى23:18:15  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    https://launchpad.net/ubuntu-tweak/0.8.x/0.8.4/+download/ubuntu-tweak_0.8.4-1_all.deb

    ubuntu tweak tool نى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ .

    ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئەسلى دىسكىسىدا قاچىلانغان بولىدۇ ، بۇ يېڭى نەشرى ،
    بۇنى تۇلۇق ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ‘ ئىنچىكە تەڭشەگ …’ دىگەن بىر پرۇگىراممىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ . ياكى بىللە ئىشلەتسەك بولىدۇ .

  3. سەبىر قادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى19:29:26  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    firefox تور كۆرگۈنىڭ تىل يېزىق تەڭشىگىنى مەن مۇنداق تەڭشىدىم ،

    Edit دىن ئەڭ ئاستىدىكى قۇرالنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك تەڭشەپ ،

    ?ver=2173&rkey=5812789bcf1d990af17cfd15d2fbca78b2efe54c02661577f0c601da2f347469866421026be6b223c14e97766a1d67745e919ffe00882606f2b5069b2f977bddhttp://124.115.10.186/?

    ئاندىن 16 دىگەننىڭ ئۇدۇلىدىكى Advanced نى چىكىپ ، ئېچىلغان يەرنى ، تۈۋەندىكىدەك
    تەڭشەپ ، OK بېسىپ چىكىندىم .

    ?ver=2173&rkey=4d2627743a388646a37f0180e6de007974d96091b124c37f075f2e6fb1a3ef09e0fcbded45149a70b40038ec5fe0a9efa5ba81094ca21751dd478009d3d5a2d0

    ?ver=2173&rkey=e7c5de8ddcf1e8be9ea0a24cd3d86e57f14acbc2ce98f446c3ebd7198ae4e89f61b8bec32b7e177a30e191e1efaf56a468244baea0e81eebbfe99505be01b313

    ukij tuz tor ، ukij tuz tom ىەت نۇسخىلىرىنى تاللىسا ، خەتلەر ياخشى كۈرىنىدىكەن .

  4. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى21:24:21  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    سىز ئاخرىدا تەۋسىيە قىلغان بۇ يۇمشاق دىتاللارنىڭ نىمە روللىرى بار ؟ مەن ئشىلىتىپ باقمىغاندەك قىلىمەن.

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro