ئۇيغۇرئىكىس ھەققىدە چۈشەنچە
(تەكلىپلىك يازغۇچىمىز سەبىر قادىر يازمىسى)
1.ئۇيغۇرئىكىس دىگەن نىمە؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىس -ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلغان كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى .
ئىنىقراق ئېيىتقاندا خەلىقئارادا ئىناۋەتلىك ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا
ئۇيغۇرتىلىنى قۇشۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇرلار ئارىسىسدا تېخىىمۇ قۇلاي ئۆزلىشىشى ئۈچۈن ، زۈرۈر پىرۇگىراممىلارنى ۋە تەڭشەكلەرنى
سېستىمىنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان .
ئۇبۇنتۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇنتىزىم نەشرى بولغان 12.4 نى ئاساس قىلغان بولغاچقا ، ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ،ھازىر تۈنجى قېتىملىق سىناق نۇسخىسى ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نامى بىلەن تارقىتىلدى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ
ئىنكاس ۋە تەلەپ پىكىرلىرى ئاساسىسىدا مۇنتىزىم نۇسخىسى تېخىمۇ لاياقەتلىك
ۋۇجۇتقا چىققۇسى .
2.ئۇيغۇرئىكىسنى كىملەر كىم ئۈچۈن قانداق بارلىققا كەلتۈردى؟
جاۋاپ:
خەلىقئارادا كەڭ ئومۇملىشىپ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان لىنوكىس سېستىمىسغا تەۋە بولغان ئۇبۇنتۇ دەپ ئاتالغان بىر سېستىما بولۇپ ، ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىدا زور كۈچ قۇشۇۋاتقان ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ، خەلىقپەرۋەر كىشىلىرىمىز بىرلىكتە
تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرەلىشىگە قۇلايلىقلاشتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرئىكىس نامىدىكى بۇ سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ جەريان پىداكارلىق بىلەن تاماملانغان ھەم يەنە مۇستەھكەملەش خىزمەتلىرىنى خالىس ئىشلەۋاتىدۇ .
3.ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بار ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى مۇكەممەل قوللايدۇ .
قۇشۇمچە باشقا دىتال قاچىلىماستىن بىمالال ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما مەشغۇلاتلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ ،
رەسىم ۋە سىن ئۈستىگە باشقا تىللارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچىنى يېزىق شەكلىدە كىرىشتۈرگىلى بولىدۇ .
توردىكى ھەرقانداق يازما يازىدىغان رامكىلارغا ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ .
ئىلخەت ۋە چ چ دىگەندەك ئالاقىلەردە ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
توردىكى مەشغۇلاتلاردا ۋىرۇس يۈكلەنگەن پىرۇگراممىلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .
سېستىمىدا كۈرۈلگەن خاتالىقلارنى ئۆزلىگىدىن تۈزەش ئىقتىدارى بار .
ھەرقانداق خەت نۇسخىلىرى بىرگە قاچىلانغان ، ناھايىتى ئۆلچەملىك كۈرىنىدۇ .
دىتاللارنى قاچىلاش ۋە ئۈچۈرۈش باسقۇچلىرى ناھايىتى ئاددى ھەم بىخەتەر ،
پۈتۈنلەي ئۈزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدا بىرتەرەپ قىلالايسىز ،
سىنبەلگۈلەر ۋە ئۇسلۇپ شەكىللىرى بەك كۆپ ھەم چىرايلىق ،
دىتاللار ھەقسىز .
توردىن دىتال قاچىلاش زۈرىرىيىتى كۆپ ئەمەس .تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتىردا تەۋسىيىلىك تۇلۇقلىمىلارنى ئاپتۇماتىك تېپىپ ئورنىتىش ئىقتىدارى بار .
سېستىما ھۆججەتلىرىنىڭ يۇقاپ كىتىش مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ ،
باشقا سېستىمىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشكىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ .
كۆپ سىغىم تەلەپ قىلمايدۇ .
4.ئۇيغۇرئىكىسنى كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىسام ، ماڭا نىمىگە پايدىسى بار ؟
جاۋاپ :
ئەگەر سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئادەم بولسىڭىز ، كۆرىۋاتقان كومپىيۇتىرىڭىزنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بولغىنى توغرىراق . سىز خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچە ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، كەلگۈسىدىكى بالىلار بۇنداق قىلماي ئۇيغۇرچىنى ياقتۇرىدىغان چىقىپ قالسا ، سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىز ئەجىرسىز ئۆتكەن بوپ قالمامدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلى دىگەن تىلمۇ دۇنيادا خېلى ئىمتىيازلىق ، بالىلار چۇقۇم بىزدىن ئەقىللىق ، ئۇلارنىڭ قارغىشىغا قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ
ئانا تىلنى قەدىرلەش كېرەك .
5.كومپىيۇتىرىمغا ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، خەڭسۇچە ،ئىنگىلىسچە ۋە باشقا تىللارنىمۇ ئىشلىتەلەمدىم ؟
جاۋاپ :
دۇنيادىكى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان ، ئاساسلىق بۇلۇش ئىناۋىتىدىن قالمىغان ھەرقانداق تىلنى
ئىشلەتكىلى بولىدۇ . سېستىمىنى قايتا قاچىلىمىسىڭىزمۇ ، ناھايىتى ئوڭايلا تىللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز .
6.مەن خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچىغا ئۇستا ، ئۇيغۇرچىغا ھاجىتىم چۈشمەيدۇ ؟
جاۋاپ :
ھاجىتىڭىز چۈشمىسە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مەسلىھەت قىلىپ كۈرۈڭ.
7.ئۇيغۇرئىكىس ۋىندوۋىسنىڭ ئۇيغۇرچە قىلىنغىنىمۇ ؟
جاۋاپ :
ئەمەس ، بۇ ۋىندوۋىسنىڭ خاتاسىنى تۈزەش ئۈچۈن ئۈلگە بۇلىۋاتقان ، لىنوكىس سېستىمىلىرىنىڭ تۇغۇندىسى بولغان ئۇبۇنتىنىڭ بالىسى ھەم ئۈزى.
ئىجتىمائىلشىشنىڭ ھەقىقى ئىپادىلىنىشى .
8.ۋىندوۋىسقا كۈنۈپ قاپتىمەن ، ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىپ بۇلالماي قالارمەنمۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىش ۋىندوۋىس ئىشلىتىشتىن كۆپ قۇلاي ھەم ئىلمى ،
ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن خالى .
9.لىنوكىس بىلەن ۋىندوۋىس قانداق پەرىقلىنىدۇ ؟ قايسىسى ياخشى ؟
جاۋاپ :
لىنوكىسنى ھەركىم ئۈزىگە خاسلاشتۇرۇپ ئۆزلەشتۈرىۋالسا بولىدۇ ، كودلىرى ئاشكارە .
ئىجتىمائىلقنى پىرىنسىپ قىلىدۇ .ھەقسىز . يېڭىلىنىشى تىز ، كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشكە
ئەڭ ماس كىلىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ نىمىلىگىنى ئۇچۇق ئاشكارە چۈشەنگىلى بولىدۇ .
10.لىنوكىس ، ئۇبۇنتۇ ، ئۇيغۇرئىكىس دىگەنلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
جاۋاپ :
لىنوكىس › ئۇبۇنتۇ › ئۇيغۇرئىكىس
11.مەن كومپىيۇتىرىمنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمەن ؟ قانداق ئىشلىتىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ :
سىز تورسىز ئىشلەتسىڭىز سىن ، رەسىم ، ئۈن ھۆججەتلىرىنى قۇيالايسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز .
تېكىسلەرنى يازالايسىز ، كۈرەلەيسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز .
ھىساپلاشلارنى ، لاھىيىلەشلەرنى ئېلىپ بارالايسىز .ماتىرياللارنى ساقلاپ قۇيالايسىز .
توردا بولسىڭىز دۇنيانى بىلىپ تۇرالايسىز ، سودا ئالاقىلەرنى قىلالايسىز ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى دوستىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە كۈرۈشكەندەك كۈرۈشەلەيسىز . ئۈزىڭىزنىڭ بانكىسىنى كونتىرول قىلالايسىز .
قانداق ئىشلىتىش كېرەك دىگەندە ، ئاۋال نىمىگە ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭىزنى جەزىم قىلىپ ، شۇ ئىشىڭىزغا ماس كىلىدىغان سېستىما ۋە دىتاللارنى تاللىشىڭىز كېرەك ، ئەگەر سىز توردىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلمىسىڭىز باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى ئۇيغۇرئىكىس ئارقىلىق قىلالايسىز ، زۈرۈر بولغاندا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەش مۇمكىن . سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ . قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىپ ، قايسى سېستىمىنىڭ ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ ، سىزگە قايسىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى يارىغان بولسا ، شۇنى تاللىشىڭىز توغرا .
مۇھىمى سىز ۋە كىيىنكىلەر ئۈچۈن بىر قارارغا كىلىڭ .
12.بالىلارغا كومپىيۇتېر ئۈگەتمىسەممۇ بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇنداقتا مۇۋاپىق بولماس . كەلگۈسىدىكى ئىشلار كومپىيۇتىرغا تېخىمۇ باغلىنىپ قالىدۇ ،
قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىش مەسىلىسنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماسمىكىن .
13.كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا قانداق تاللىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ :
كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا ئاۋال كومپىيۇتىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئىشەنچىلىك دوستىڭىزدىن ياردەم سۇراڭ . ھەقىقى مەنىدىكى كومپىيۇتىر - قاتتىق جىسىملا ئەمەس . شۇڭا ئەسكىسىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ ، ھازىرقى ۋە كىيىنكى سەۋىيىەگە ماسلىشىش كېرەك دىگەننى شەرىت قىلىڭ .ئالدىنىپ قالماڭ . بەزى كىشىلەر سىزنىڭ پۇلىڭىزنى بولىۋالمىسىمۇ ، ئالداپ ئېلىۋالالايدۇ ، ئۈزىڭىزگە ئۈزىڭىز مەسئۇل بولمىسىڭىز بولمايدۇ .
14.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن ، قانداق قاچىلايمەن ؟
جاۋاپ :
ئەمدى توغرا قىلىۋاتىسىز ، چۈنكى مەن سىزگە ئەسكى نەرسىنى ياخشى دىمىدىم ، پەقەت سىز ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلدىم خالاس ، ماڭا ئىقتىزادى جەھەتتىن زىيان بولسا بولىدىكى پايدىسى يوق ،
لېكىن مەن مۇشۇنداق قىلىشتىن قىممىتىمنى تاپالايمەن .
سىز ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سېستىما ھۆججىتىنى توردىن چۈشۈرىسىز ،
ئاندىن ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيىسىز ، ئەگەر ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم سېستىما قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، شۇنى قىلغىلى بولىدىغان يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاچىلىغىلى بۇلىدۇ ، ئۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
كومپىيۇتىرغا ھەقىقى قاچىلاش ئۈچۈن نۇردىسكا ياكى ياندىسكىغا ئۇيۇش كېرەك .
كومپىيۇتىرنى شۇ نۇر ياكى يان دىسكىدىن قوزغىتىمىز ، كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ ،
ئەنسىرىمەڭ ، ئانچە تەس ئەمەس ، ئازراق ۋاختىڭىز كىتىدۇ . ئەسلىدىكى سېستىمىنىمۇ ساقلاپ قالالايسىز ،
نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئىھتىياتسىزلىق قىلمىسىڭىزلا يۇقىتىپ قۇيىدىغان ئىش بولمايدۇ . بەك خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، يۈتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى سىرىتتىكى قاتتىق دىسكىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،
500 گىگابايىت ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قاتتىق دىسكىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا يۈتكۈزۈپ قانداق قىلىسىز ، 100 گىگابايىت بولسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ، ئىسكىلاتىڭىزنى كومپىيۇتىرىڭىزدىن ئايرىپ ساقلىسىڭىز تېخىمۇ ئىلمى ئىش بولىدۇ .
15.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى كومپىيۇتىرىمغا ماس كىلەمدۇ ، كومپىيۇتىرىمنىڭ سۈرئىتىنى
ئېغىرلىتىپ قۇيىشى ، ياكى بۇزۇپ قۇيىشى مۇمكىنمۇ ؟
بۇنداق بولمايدۇ ، سۈرئىتى ۋىندوۋىسنىڭكىدىن تىز .
16.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، ئەسلىدىكى سېستىمام ۋە ساقلانمىلىرىم يۇقاپ كىتەمدۇ ؟
ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا مەشغۇلات قىلسىڭىز يۇقاپ كەتمەيمۇ قالمايدۇ ، كۆرسەتمىلەر ئۇيغۇرچە ، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلسىڭىز قايتا – قايتا ئەسكەرتمە سۇئاللار چىقىدۇ ، دىققەت قىلسىڭىز ھىچ ئىش بولمايدۇ .
16.5.ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىس بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن ؟ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ قانداق پەرىقلىرى بار ؟
جاۋاپ :
بۇنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار ،
بىرىنچىسى ، ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئىككىنچىسى ، ۋىندوۋىسنى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئۈچىنچىسى ، قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىش ،
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ قاتتىق سەپلىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ئەڭ مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن .
.
17.ئۇيغۇرئىكىستە ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۈچۈن يەنە نىمىلەرنى تۇلۇقلايمەن ؟
جاۋاپ :
ھىچنىمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ياكى ubuntu tweak tool دىگەن قۇرالدىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىسىنى تەڭشىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
18.ئۇيغۇرئىكىستە كىتاپ ئۇقۇماقچى بولسام ،قايسى قۇرالنى قاچىلايمەن ؟
ئەسلىدىلا بۇنداق قۇرال تەييار ، باشقىسىنى قاچىلىسىڭىزمۇ نۇرغۇن .
19.كىنو ۋە ناخشىلارنى قويغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
ئەلۋەتتە . سىز تورسىز ھالەتتە بولسىڭىز (يېڭىلاشلارنى ، قۇشۇمچىلارنى ئورناتمىغان بولسىڭىز ) VLC media player قويغۇچ ئارقىلىق مېدىئا ھۆججەتلەرنى قۇيالايسىز .
20.چ چ قۇرالى بارمۇ ؟ ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
بار ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۆلچەملىك چىقىدۇ .
21.ئۇيغۇرئىكىسنى قانچە خىل تىلدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟
جاۋاپ ’
ھەرقانداق تىلدا .
22.كومپىيۇتىرىمنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتمەكچىدىم ؟ قانداق ئىشلەتسەم ئەڭ مۇۋاپىق ؟
جاۋاپ :
مەسىلەن ، سىز بىر ياپۇن ، بىر خەڭسۇ ، بىر گىرمان ، بىر تۈرىك ، بىر ئەرەپ ۋە باشقىلار بىلەن بىر كومپىيۇتىرنى تەڭ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئايرىم ئايرىم ئىشلەتكۈچى تىزىمىنى بىكىتىپ ، ئىشلەتمەكچى بولغان تىلىنى ماس تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
23.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە قانداق تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارسام بولىدۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاشنى تەڭشەيمىز ،
ئاندىن يېڭىلانمىلارنى كۈرۈشكە كىرىپ يېڭىلاشلارنى ئورنىتىمىز ،
خالىسىڭىز گووگلې نىڭ ئەزالىقىغا تىزىملىۋالسىڭىز يەنە نۇرغۇن قۇلايلىقلار بار .
خەت نۇسخىلىرىغا ، كىرگۈزگۈچلەرگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈسسىڭىز بولىدۇ ، لازىملىق باشقا قۇراللارنى قاچىلاپ خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز ، لازىم بولمايدىغانلارنى خالىغانچە ئۈچۈرەلەيسىز .
24.ئۇيغۇرئىكىستە ۋىرۇسنى قانداق تازىلايمەن ؟
جاۋاپ :
ۋىرۇس دىگەن نەرسە يوق دىسەكمۇ بولىدۇ ، تازىلايدىغان قۇرالمۇ سېستىمىنىڭ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە بار .
25.ئۇيغۇرئىكىستە كومپىيۇتىرنى تورغا قانداق ئۇلايمەن ؟
جاۋاپ :
تېلفۇنىڭىزنى كۆكچىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ياكى سىم ئارقىلىق ، ۋىفى ئارقىلىق ئۇلىيالايسىز ،
ھەم تېلفۇنىڭىزنىڭ تور مۇلازىمىتى ئرقىلىق كومپىيۇتىرنى تورغا ئۇلىغىلى بولىدۇ ، جەريانلار مۇرەككەپمۇ ئەمەس .
ئەتراپتىكى سىمسىز تورلارنى ئۇلىغىلىمۇ بولىدۇ . سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ۋىفى قاتتىق ئۈسكىنىسى بولسىلا .
كەڭ بەلۋاغ تورىغا ئۇلاش پەقەت ئىككى كاتەكچىنى توغرا توشقۇزسىڭىزلا تامام بولىدۇ ،
يەنى ، سىملىق تور دىگەندىن dsl نى تاللاپ ، قوش نى بېسىپ - ئابۇنىت نامى ۋە ئىم دىگەن ئىككى كاتەكنىلا توشقۇزۇپ ،
ئاپتۇماتىك دىگەن يەرنى تاللاش قىلىپ قويسىڭىز ، كومپىيۇتىر ئېچىلىپلا تورغا ئۇلىنىدۇ .
26.بارماق كومپىيۇتىر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ :
مەن ئۇيغۇرئىكىسنى بارماقدىسكامغا ئۇيۇۋالدىم ، بۇ دىسكىنى خالىغان كومپىيۇتىرغا سېلىپ ،
شۇ دىسكامدىن قوزغاتسام ، قوزغالغىنى مىنىڭ تەڭشەكلىرىم بۇيىچە كۈرىنىغان ئۈستەل يۈزى بولىدۇ ، مەن بۇنى بارماق كومپىيۇتىر دەپ ئاتاپ تۇردۇم . بۇ دىسكامدا شەخسى نەرسىلىرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرەلەيمەن . ئۇندىن باشقا ھەرقانداق قاتتىق دىسكىغا ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ )نى قاچىلاپ ، باشقا كومپىيۇتىرلارغا ئىچىدىن ياكى usb ئارقىلىق ئۇلاپ ، كومپىيۇتىرنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، قاتتىق دىتاللىرىنى تۇنۇماسلىق مەسىلىسىنى مەن تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ( بەشتىن ئارتۇق كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم .)
27.مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ :
كومپىيۇتىرنىڭ ئەسلى سېستىمىسىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئورنىتىلغان يەنە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى ،
بۇ مەۋھۇم كومپىيۇتىر يەرلىك كومپىيۇتىردا ياكى توردىكى باشقا كومپىيۇتىرلاردا بۇلىشى مۇمكىن .
29.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ،كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق سەپلىمىرىنى تۇنىماي قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاپ :
ھەممىنى تۇنۇيدۇ ، پەۋقۇلئاددە بولمىسىلا .
30.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى قانچە پۇل ؟
جاۋاپ :
ھەقسىز . خالىس .
31.ئۈزەم قاچىلىيالمىسام قانداق قىلىمەن ؟
جاۋاپ :
بىلىدىغان دوستىڭىزنى ، ياكى مىنى ئىزلەڭ .
چ چ 2304855410
32.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنى ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيۇپ ساتسام بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ :
بۇلىدۇ ، پەقەت دىسكىنىڭ ۋە ئەجرىڭىزنىڭ قىممىتى بويىچىلا ساتسىڭىز قانۇنغا خىلاپ يىرى يوق ،
ئەمما سېستىمىنى سېتىشقا بولمايدۇ . (چۈنكى ئۇ سىزگىلا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس )
33.ئۇيغۇرئىكىستە قايسى پىرۇگراممىلار ياخشىكەن ؟
جاۋاپ :
كۆڭۈلدىكى ھالىتىدىكى تور كۆرگۈ ، تىزىم
لىتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ توركۆرگۈڭىزگە يەنى ئۇلىنىش بىگىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ .
مىدورى دىگەن بىر توركۆرگۈ باركەن ، بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ
ئۆلچەملىك چىقماي قېلىشى ناتايىن .
compiz config دەپ بىر قۇرال بار ، بۇ ئارقىلىق 3D ئۈنىمىگە ئىرىشەلەيسىز .
باشقا بەك جىق ،
مەن بۇ ئۇيغۇرئىكىس(ئۇبۇنتۇ) نى ياخسى نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلىۋاتىمەن .باشقا شەخسى مۇددىئايىم ئاساس ئەمەس ....
سىزگىمۇ يېقىپ قالغان بولسا ، باشقىلارغا تەۋۋىسسىيە قىلغۇڭىز كىلىشى مۇمكىن ...
www،../ غا كىرىپ ، پىكىرلىرىڭىزنى قۇيۇپ قويغايسىز ....
ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر دىگەن نامدىن خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، ئۇبۇنتۇ 12.4 نى قاچىلاپ ، تەڭشەپ بەرسىڭىزمۇ ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز ...
بارماق كومپيۇتېر ئۇقۇمى
بارماق كومپىيۇتېر ياساشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى :
8 گىگابايىت ياكى تېخىمۇ چوڭ بارماق دىسكىغا ئۇيغۇرئىكىس ياكى باشقا نەشىردىكى ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى قاچىلايمىز ، مۇمكىن بولسا كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ۋاقىتلىق ئۈزىۋەتسەك قاچىلاش باسقۇچى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ . قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يېڭىلاش ۋە تەڭشەشلەرنى تاماملايمىز ، كېرەكلىك قۇراللارنى قاچىلىۋالىمىز .بۇ بارماق دىسكا بىلەن ھەرقانداق كومپىيۇتېردا ئۈزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىنى ئىشلەتكەندەكلا مەشخۇلات قىلالايمىز .يەنى يەرلىكتىكى توربەتلىرىمىزنى بىللە ئېلىپ يۈرەلەيمىز ۋە تەڭشىيەلەيمىز .ۋوردپرېسس ، ئۇبۇنتۇ ئونې ،
360 يۈنپەن دىگەندەك توربەت ۋە بوشلۇقلىرىمىزنىڭ يەرلىكتىكى باشقۇرۇش پىرىگراممىلىرىنى خالىغان كومپىيۇتىردا ئىشلىتەلەيمىز .
بۇ دىسكا بىلەن قوزغالغىنى ئۈزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرى بولىدۇ .
بارماق كومپىيۇتېر ياساشتا يۆتكىلىشچان قاتتىق دىسكا ، ياندىسكا
قاتارلىقلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ ، بۇ خۇددى كومپىيۇتىرىمىزنىڭ قاتتتىق دىسكىسىنى باشقا كومپىيۇتىرغا ئۇلاپ ئىشلەتكەنگە ئوخشايدۇ .
ئۇيغۇرئىكس ياكى باشقا نەشىردىكى ئۇبۇنتۇلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار تۈۋەندىكىلەر بۇلىشى مۇمكىن .
1. ئىشلەتمەكچى بولغان تىللارنى مۇھىملىق تەرتىۋى بۇيىچە تەڭشىۋېلىش ، 2. كىرگۈزگۈچلەرنى ئۈزىمىزگە قۇلايلىق قىلىپ تەڭشىۋېلىش .
3. توركۆرگۈنى تاللاش ۋە تەڭشىۋېلىش .
4. ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش .
5. يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىش .
6. ئىشلەتكۈچىلەرنى بەلگۈلەش.
7. قىستۇرمىلارنى ئورنىتىش .
يۇقارقى بۇ باسقۇچلار تور مۇھىتىدا تاماملىنىدۇ .
لازىم پرۇگراممىلارنى ، قىستۇرمىلارنى ۋە تەڭشەشلەرنى تاماملىغاندىن كىيىن ، تورسىز مۇھىتتىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇر گوگىل http://www.google.com.hk/webhp?hl=ug
ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۆلچەملىك كۈرەلىدىڭلامۇ ؟
فىلاش قىستۇرمىسىنى تېرمىنالدا قاچىلاش بۇيرىقى
sudo apt-get install flashplugin-installer