Ubuntu Builder 2.4.0 ئېلان قىلىنىدى
بۇ دېتال ھەققىدە بەك كۆپ توختالمىساممۇ بۇلىدۇ. چۈنكى بۇ دېتال ھەققىدە ئالدىنقى يازمىلاردا تەپسىلى توختالغان. سىز ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭز بۇ دېتال ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىىڭزنى iso ھۆججىتى قىلىپ چىقىرالايسز ياكى ئۇنى نۇر سىكىغا ئۇيۇپ چىقىرۋالايسىز.بۇ دېتال ئارقىلىق مۇككەممەل بولغان ئۆزىڭزگە خاس بولغان سىستېما ھۆججىتى ھاسىل قىلىۋالايسىز. قېىنى ئەمسە سىزمۇ سىناپ كۆرۈپ......
قاچىلاش ئۇسۇلى :
ctrl+alt+t بىرلا ۋاقىتتا باسسىڭىز تېرمىنال ئىچىلىدۇ.ئېچىلغان تىرمىنالغا تۆۋەندىكى ھەر بىر قۇردىكى بۇيرۇقنى ئايرىم ئايرىم كىرگۈزىسىز.بىرىنچى قۇر بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەكسىڭىز مەخپى نومۇرىنى سورايدۇ.مەخپى نومۇرىنى كىرگۈزۈپ يەنە ئىنتىرنى چەكسىڭىز PPA مەنبەسىنى قېتىپ بېرىدۇ بۇ جەرياندا مەخپى نۇمۇرنى توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ بۇ يەردە كىرگۈزگەن مەخپى نومۇر كۆرۈنمەيدۇ.بەزىلەر مەخپى نومۇرى كۆرۈنمىسە قايتا قايتا كىرگۈزۈپ قىلالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.مەخپى نومۇرى كۆرۈنمەيدۇ .شۇڭا توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ.
تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق دېتال مەنبەسىنى قاتىمىز.
(ئەسكەرتىش : بۇيرۇقلارنى تېرىمىنالغا كىرگۈزگەندە كىچىك ھەرپ شەكلىدە كىرگۈزۈڭ ئاندىن ئىنتنىرنى بېسىپ ئىجرا قىلىڭ.)
sudo add-apt-repository ppa:f-muriana/ubuntu-builder
sudo apt-get update
sudo apt-get install ubuntu-builder
بۇ يازمىغا مۇناىۋەتلىك يازمىلارنى بىلوگدىن يازما ئىسمىنى ھالقىلىق سۆز قىلىپ ئىزدىسڭز تاپالايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم..
ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىراق چۇشەندۇرۋەتكەن بولسىڭىز…
بولىدىغان دىتالدەك قىلىدۇ…خۇددى …windows نى ghostلىغانغا ئوخشاپ قالامدۇ نىمە…
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام شۇنداق شۇنىڭغا ئوخشاش قالغىنى ئۈزىڭز ئىشلىتىپ سىناپ كۆرسىڭز ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاسانلا بىلىۋالايسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ دىتالنىڭ بىۋاستە چۇ رۇش ئادىىرسىنى بارمىدۇ
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بار توردىن ئىزدىسڭز چىقىدۇ
Ubuntu Builder 2.4.0 دىگەن بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ سېستىمىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى iso شەكلىدە ساقلىغىلى بولسا ، ئۇنى باشقا كومپىيۇتىرغا قاچىلىغىلىمۇ بۇلامدۇ ؟ بۇنداق بولغاندا ئىش بەك ئاسان بوپ كىتىدىغۇ ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئەلۋەتتە بۇلىدۇ
بۇ سېستىما نىمانچە قۇلايلىقتۇ ، بارغانسىرى ئامراق بوپ كىتىۋاتىمەنغۇ ؟
ماڭغان يولۇم بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىشقا باشلىدىم …
internet explorer نىڭ قىستۇرمىسىنى قاچىلاشنىڭ ئامالىنى قىلساق بولاتتى
تەپسىلاتىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار قىلمامسىز..يولىنى بولسىمۇ بىلىۋالساق…
internet explor نىڭ نەرى ياخشى؟ مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىمغا بەك خوش . ئۇنى يەنە سۆرەپ ئەكىرۋالسىڭىز ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلاتىنىڭ ھۇزۇرىنى نەدىن سۈرىسىز؟……
internet explor غا مەسئۇل كىشىلەر قورقۇنچاقلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، بولمىسا ھېلىغىچە ئۇبۇنتۇدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەشىرلىرىنى تارقىتىپ بۇلاتتى .
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم
توردىن مال سىتىۋالغاندا پۇل تۆلەيدىغان يىرىگە كەلگەندە بانكىنىڭ قوشۇمچە يامىقى بارگەن بۇ ياماق ubuntu دا قاچىلانمايدىكەن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇ ياماقلارنى ubuntu دىكى تور كۆرگۈلەردىمۇ نۇرمال ئىشلىسىگەن دىمەكچى.. مۇشۇ ئىش ئۈچۈن چوقۇم xp نى قوزغىتىشقا توغرا كىلىدىكەن…
internet explor مىكروسوفىنتىڭ مۇستەقىل يۇمشاق دىتالى بولغاچقا باشقا ئالما ياكى ئۇيغۇر ئىكىسكە ماسلاشتۇرۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس…
سىز تۇرپان تۇلكىسى (ئوتتۈلكىسى) firefox نىڭ IE teb دىگەن بىر قىستۇرمىسى بار دەيدۇ شۇنى ئىشلىتىپ بىقىڭ بۇ قىستۇرما ئاقىلىق سىز ۋىندوۋس تور كۆرگۈچىنىڭ يادروسىغا ئىگە بۇلالايدىكەنسىز . مەن شۇنداقراق بىر يازمىنى ئۇقۇغان. جىددىي لازىم بۇلۇپ قالسا يەنىلا قوش سىتىما تەييارغۇ …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ دىتالنىڭ مەنبەسى ئوزگۇرۇپ كىتىپتو تەكشۇرۇپ باقسىڭز بۇلامدۇ.ماڭا بەك لازىم ئىدى