Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك مىللەت سۈيەر كىشىلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوبۇنتۇ سىستېىمسىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئاخىرىدا شۇ ئوبۇنتۇ سىستېىمىسى ئاساسىدا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشقان ،ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى سىستېمىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلانغان ئىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن مىللەت سۈيەر ئەزىمەتلەرگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى نامىدىن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.مانا بۈگۈنگە كىلىپ بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى .يەنى بۈگۈن ئوبۇنتۇ سىستېىمى ئاساسىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر ئىكىس (Uyghurix) نامىدىكى كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمسىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى تارقىتىلىدى.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخا سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى :
بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇ سىستېىمنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز .قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇچە ،قاچىلانغاندىن كيېنكى سىستېىما تىلى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە .سىستېمىنى تور سىز مۇھىتىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن زۈرۈز بولغان قاچىلاشقا تىگىشلىك ياماقىلا سىستېمىغا قىتىۋىتىلىگەن.سىز قوش سىستېما ياكى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش ئارقىلىق ۋە ياكى بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ خۇددى ئوبۇنتۇ سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندەك قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسز.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخىسى سىناق نۇسخا بۇلۇپ كەمچىلىكلەردىن خالى بۇلماسلىقى تەبىئى ،شۇڭا تورداشلارنىڭ سىناش جەرىياندىكى ئۇيغۇرئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمىغا بولغان ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيتى تورى ،بىلىك تورى ،قۇتبەگ بىلوگى،ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا ئىنكاس شەكىلىدە بىۋاستە ئىنكاس قىلسىڭز بۇلىدۇ.
ھەرقايسى تور بەت باشلىقلىرى ۋە بىلوگىر دوستلارنىڭ بۇ يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇرچە كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يازمنى تور بەت ۋە بىلوگلىردا ئېلان قىلىشنى ۋە تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر ئىكىس نامىدىكى تور بەت ھازىر ياسلىۋاتىدۇ .تور بەت تېخى پۈتمىگەن بولغاچ بىلوگدا بۇ يازمىنى يوللاپ تۇردۇق.ئۇيغۇر ئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمىسى ئورگان تەرەپ تور بەت پات ئارىدا كەڭ ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەن يۈز كۈرىشىدۇ.
قىياس تورى تەمىنلىگەن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرېسىدىن چۈشۈرۈش :
http://57.kiyas.biz/system/uyghurix-www-kiyas-biz.iso
ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سېستىمسى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:
ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستېىمىسى تەشۋىقات رەسىمىلىرى (رەسىملەر پەقەت شەخسى بىلوگىر نىڭ قارشى بۇيىچە ئىشلەندى )
ئۇيغۇرچە سىستېما ئىشلىتىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى سۈيدىغان مىللەت سۈيەر كىشلەرنىڭ بۇ سىستېمىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بىقىشنى تەكىلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.
سەمىمى ئەسكەرتىش:بۇ يازمىنى بارلىق تور بەت ،مۇنبەر ۋە بىلوگلاردا تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازما ئەسلى ئادرېسى : قۇتبەگ بىلوگى
قالغان رەسىملەر داۋاملىق قۇشۇلىدۇ................
تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن !
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بولسا ئىمكانىيتىڭز يار بەرسە سىزمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ ئىشلىتىپ بىقشىڭزنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن پەقەت تەشىۋىقاتلا قىلىپ بىر ىۋاتىمەن .بەك كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلمىدىم تېخى ……………………..رەھمەتنى تەرجىمىگە قاتناشقان 4 يىلىدىن بىرى ئۈن تىنسىز تۆھپە قۇشۋاتقان ئاشۇ مىللەت سۈيەر كىشىلىرىمىزگە ئىيتساق بۇلىدۇ
بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ ناھايىتى ياخشى قىلدىڭىز ، لىكىن سىزمۇ قاچىلاپ رەسىملىرىدىن بىرقانچە پارچە چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
رەھمەت!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
مەن ھازىر چۈشۈرۋاتمەن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن چۇقۇم رەسىملەرنىمۇ چىقىرىپ قۇيمەن
ئالامەت ئېسىل ئىش بوپتۇ ، بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىققىنى بىز ئۇيغۇر مىللتىنىڭ يەنە بىر سۆيۈنگىدەك ئەمگەك مېۋىمىز بولدى ، ئەمگىكىڭلارغا بارىكاللا ئەزمەتلەر ، ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن !!!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
قۇرۇق شۇئارنى ئازراق تولاپ تور بىتىڭزدە تەشۋىق قىلىپ قۇيارسىز(چاقچاق ھە…)
بەك ياخشى بۇلۇپتۇ ، تەرجىمانلارنىڭ قولىغا ئاللاھ تائالا دەرت بەرمىسۇن
بىرئېغزلاگەپ:ئسل ئش بوپتۇ
بۇ يېڭىدىن چىققان ئۇبۇنتۇ 12.04 ئاساسىدا ئىشلەنگەنمۇ ياكى ئەسلى لنىۇكىس يادروسىدا قايتا ئىشلەنگەنمۇ سېستىما توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. نىمەئۇ؟ دىسە كۆرسەڭ بىلىسەن دىگەندەكلا بولۇپ قاپتۇمۇ نىمە.
مەن چۈشۈرۈشنى باشلىدىم.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
مەندىن ئاڭلىغاندىن قاچىلاپ چۈشۈرۈپ سىناپ ئاندىن تەسىراتىڭزنى يولىسىڭز شۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟
پەقەت ياخشى ئەمەس، ئالدىن نىشاندىن تەسەۋۋۇر بولماي ئىش قىلىش قارغۇلارچىلىق بولمامدۇ. جاپا تارتىپ قاچىلىغانغا چۇشلۇق ئەگەر شۇ 12.04 بولۇپ قالسا زىيان تارتقان بولىمەن، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنى قاچىلاپ ماڭدۇرۇپ تەڭشەشكە باشلىغان ئىدىم. تور تەڭشىگىنى تېخىچە تاپالمىدىم.
ئەگەر ئۇ بولماي قالسا تېخىمۇ زىيان ئاۋارە بولۇپ قاچىلىغىنىم ۋاقتى ئۆتكەن سېستىما بولۇپ قالمامدۇ.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئەمسە مەن دەپ بىرەي بۇ ئوبۇنتۇ 12.04 ئاساسىدىكى ئۆزگەرتىلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشلىتىشكە ماسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سىستېمىسى
مەن باياتىندىن بېرى ھەپىلىشىپ 12.04نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە كىرگۈزگۈچلىرىنى قاچىلاپ بولدۇم، خەت نۇسخىسىنى UKIJنىڭ خەت نۇسخىلىرىغا توغرىلىدىم.
خوشاللىقىم ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەشخۇلات سېستىمىسىنى كۆرگەنلىگىم بولدى. لېكىن قانمىدىم. تەرجىمىسى مەن ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەن.يەنىلا ئېنگىلىزچە ئىشلەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنى.
شۇنداقتىمۇ تەرجىمانلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن. ھارمىغايسىلەر، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.
مەن ئۆزەم تىل بولىقىنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلماقچى بولسام قانداق قىلسام بولىدۇ، يول كۆرسىتەلەرسىزمۇ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
سىز ئىشلەتكىنىڭز ئوبۇنتۇ 12.04 سىستېمىسى ئىكەن ئەمسە ،بۇيەردە دەۋاتقىنىمىز بولسا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇرئىكس نامىدكى سىستېما ،شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ بىقىڭ ،بۇنى تورسىز مۇھىتمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىكە بۇلىدۇ
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
سىز ئىشلەتكىنىڭز ئوبۇنتۇ 12.04 سىستېمىسى ئىكەن ئەمسە ،بۇيەردە دەۋاتقىنىمىز بولسا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇرئىكس نامىدكى سىستېما ،شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ بىقىڭ ،بۇنى تورسىز مۇھىتمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىكە بۇلىدۇ،،،،،،
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن بۇ سىسىتىمىنى چۇرسەم قاچىلىيال مىدىم ياردەم قىلساڭلار چ چ نۇمۇرۇم
1016400026
ناھايتى ياخشى بىر ئىش بوپتۇ، سىستىمىمۇ ناھايتى چىرايلىق ئىكەن قوللايمىز، تىرىشىڭلار مىللەت سۆيەر قىرىنداشلار
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بولسا تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتناشقايسىز ،بۇ خەۋەرنى چ چ توپ ۋە مۇنبەرلەرگە يوللاپ ھەممە ئۇيغۇرنى خەۋەردار قىلساق………………..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم بۇ تۈرگە. بولسا مېنىمۇ قېتىۋېلىڭلار. اللە رازى بولسۇن.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇلىدۇ
بەك ياخشى بوپتۇ. مەن ھازىرغىچە مۇنداق ئۇيغۇرچە ، خەنچە مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان. ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر. تور بېكىتىمىزدە تەشۋىقاتنى باشلىۋېتەي، سىلەرنى قەتئىي قوللايمىز!!!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
رەھمەت سىزگە
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولاپتۇ قېرىنداشلار
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بولسا تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتناشقايسىز ،بۇ خەۋەرنى چ چ توپ ۋە مۇنبەرلەرگە يوللاپ ھەممە ئۇيغۇرنى خەۋەردار قىلساق………………
مۇبارەك بولسۇن. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بەكلا سۆيۈندۈم.مەنمۇ بۇ خەۋەرنى باشقىلارغا تارقاتتىم ئەمسە.
بارىكاللا دوسلا تىرىشىڭلا !
بىزنىڭ ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەس جۇما
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بولسا تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتناشقايسىز ،بۇ خەۋەرنى چ چ توپ ۋە مۇنبەرلەرگە يوللاپ ھەممە ئۇيغۇرنى خەۋەردار قىلساق……………..
ئەمما لېكىن ئىچىم قىززىپ قالسا چۈشۈرۈپ نەچچە ئاي ئېتىشىپ سالىدىغاندەك قىلىمەن، ھازىرچە ئۆزۈمنى مەجبۇرىي بېسىۋالاي جۇمۇ!
كۆچۈرۈپ تەشۋىقات قىپ قۇيايلى دېسەم كۆچۈرگىلى بولماس قىپ قويۇپتۇ ما ئاداش!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
كۈچۈرگىلى بۇلىدىغان يەردىن كۈچۈرۈڭ ئەمسە…………….باشقا تور بەتلەردىن كۈچۈرگىلى بۇلىدۇ ،شۇنچىلىك ئىشنىمۇ شۇراش كىتەمدۇ بەگ قارىم…………..
بۇنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمدىمغۇ بىلىدىغانلار ماڭا دەپ بەرسەڭلار چ چ 851492611
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
توپقا كىرىڭ ئەمسە شۇ يەردە ياردەم قىلىدىغانلار چىقىدۇ
رەھمەت مىللەت سۈيەر ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز
ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن ،ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن
مەنمۇ تور بېتىمدە تەشۋىق قىلىۋاتىمەن
خەلقىمىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن تۇزىماس گۈللەر ئۈنسۈن
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز
مەن چۈشۈرىۋاتىمەن، جاپا چىكىپسىلەر قېنى سىناپ باقاي. قېنى باشقىلارغىمۇ تەشۋىق قىلايلى
دىمەك بۇ سىستىمىنى ئۆزىمىز ياسىغانكەندە،ھاياجىنىپ بىسىلمىدىيا،مەن سىناق قىلىپ باقاي،ھە راست بۇ سىستىما windows قوللايدىغان دىتاللارنىexe شەكىلدىكى دىتاللارنى قوللامدۇ؟rar,zip نىچۇ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇ سىستېما ۋىدوس سىستېمىلارغا ئوخشىمايدۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بىلوگدا بار تەپسلى كۈرۈپ بېقىڭ
يەنە بىرگەپ چۇشۇرەلمىدىم،شۇنلىيگە چاپلايدىغان ئادىرىسنى ئەۋەتىپ بىرەلەسىلەرمۇ،ie دا جىملا تۇرۋالدى باشقا تور كۈرگۈلەردە بۇ توركۈرگە شۇنلىي قوللىمايدۇ دەپ چىقىۋالدى…
مەن بۇل سىستېمىنى نۇر دىسكىغا ئويغان ئىدىم، 1-سىناپ ئىشلىتىش، 2-قاچىلاش دېگەن جايلار چىقتى 1-ۋە2- تۈرلەرنى بېسىپ سىناپ باقسام ئېنگلىسچە خەتلەر چىقىپ يەنە شۇ تۈرلەر رايۇنىغا قايتىپلا تۇرىۋالدى. قانداق قىلسام بولىدۇ… مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىسام ئۆلچەملىك ico ھۆججىتىنى ئوقۇدى، ئەمما سىستېما قاچىلاش، سىناش مۇندەرىجىسى ئېچىلىپ ئاخىرقى باسقۇچلار ئورۇندالمىدى…. ئىككى كۈن بوپتۇ بۇل سىستېما بىلەن كېچە يۇ كۈندۈز جەڭ قىلىۋاتقىلى…
ئەمما قاچىلاش باسقۇچىغا كىرەلمەيۋاتىمەن…
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇنداق ئەھۋال بەزى كومپىيوتىرلاردا كۈرلىۋاتىدۇ ،بۇنى چۇقۇم ئوڭشاشقا تىرشىمىز،ئەگەر بارماق دىسكا بولسا شۇنىڭغا ئۇيۇپ شۇنىڭدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ باقسىڭز بۇلىدۇ،سىستېمىنى سىناشقا قاتناشقانلىقىڭزغا كۆپ رەھمەت
تەكلىپ :
بۇنىڭغا wubi.exeدىگەن قۇرالنى قوشۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .چۈنكى:
مەۋھۇم كومپيۇتىرغا قاچىلاپ سىنىغان بولساممۇ ،لىكىن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتىرىمغا قاچىلاي دىسەم ،قاچىلاشنىڭ ئۈچ خىل تاللاش تۈرىدىن xpبىلەن يانداش قاچىلاي دىسەم ئۇنىڭدا مەلۇم دىسكا بوشلۇقىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىيدىكەن .xpنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇراي دىسەم ،بەزىدە xpدا مەشخۇلات قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن.«باشقىچە قىلىش»دىگەن تۈرنى تاللاپ مەلۇم دىسكا رايونىنى كۆرسىتىپ بىرەي دىسەم ،بۇنىڭدا دىسكا فورماتىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدىكەن .
wubi.exeدىگەن قۇرالدىن پايدىلىنىپ windows ھالىتىدە قاچىلىساق ھەم xpبىلەن قوش سىستىما قىلىپ ئىشلەتكىلى ھەم ئۆزىمىز خالىغان رايونغا قاچىلىغىلى ھەم دىسكا فورماتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بىزنى قوللىغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت ،ۋۇبى ئەسلى سىستېمىدا بار ئىدى . بۇلىدۇ .
مۇبارەك بولسۇن ، بەك تەسىرلەندىم ، قۇلۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن قېرىنداشلىرىم.
ئازراق بولسىمۇ پىكىرىمنى قاتناشتۇرۇپ باقسام؛ مۇمكىن بولسا سىن بەلگىسىدىكى (لوگتىكى)ئاتالغۇلرنى تېخىمۇ ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك قىلغىلى بۇلارمۇ ؟ مەسلەن ؛ «مېنىڭ كومپىيوتىرىم» دىكى «مېنىڭ»نى ئېلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق . ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى بويىچە ، «م » قوشۇمچىسى «مېنىڭ »غا ۋەكىللىك قىلالايدۇ (مەسلەن ؛ سومكام، كىتىپىم، مەكتىپىم… دېگەن سۆزلەردە «مېنىڭ»نى ئالمىساقمۇ 1- شەخىسكە مەنسۈپ ئىكىنلىگىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ). شۇڭا «كومپىيوتىرىم» دەپ ئالساق ،«مېنىڭ ھۆججەتلىرىم »دېگەننىڭ ئورنىغا «ھۆججەتلىرىم» دەپلا ئالساق ھەم قىسقا ، ھەم چۈشۈنۈشلۈك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇنى ئۈزىڭز خالىغانچە يېزىۋالسىڭز بۇلىدۇ .ئۇ بەك چوڭ مەسلە ئەمەس ،سىستېمىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئۈزىڭز قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن خالىغانچە ئۆزگەتىپ ئىشلىتەلەيسىز .ھازىرقى مەسلە سىستېمىنى قاچىلاپ سىنىغاندىن كېيىنكى سىستېمنىڭ تۇراقىلىق ئەمەسلىكىدە سىستېمىغا بولغان تەكلىپ پىكىرىڭزنى ئايماسلىقىڭزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھە بىلدىم ، رەھمەت .
بۇنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قانداق قاچىلايمىز بۇ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاي ئېس ئو ھۆججىتىدە چۈشىدىكەن بۇنى قانداق قاچىلايمىز.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
تۈۋەندىكى يازمىدكى ئۈچ خىل قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ قايسىدا قاچىلىسىڭز بۇلاۋىرىدۇ………………
../?p=274
ئۇيغۇر ئېكىس مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشۈرگەنتىم بى ئاي ئېس ئو ھۆججەت شەكلىتىدە چۈشتى بۇنى قانداق قاچىلاشنى بىلمىدىم
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
قاچىلاش ئۇسۇلى:
../?p=274
سىلەرنىڭ چ چ توپىڭلار بارمۇ مەنمۇ قوشىۋالسام بوپتىكەن رەخمەت
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بىلوگدا يان تەرەپ سىتونىدا يېزىقلىق ،بىرنىچى توپ تۇشۇپ كەتتى ئىككىچى توپقا كىرىڭ
بۇ ئۇبۇنتونى قاچىلىدىم. بىراق يۇمشاق دىتال ئورنىتاي دىسەم پارۇل كىرگۇز دەيدۇ؟ پارول قانچە بۇنىڭ؟
ئوبونتۇ 12.04 نى قاچلىغاندا پارولىنى ئوىزمىز بەلگىلىگەن بۇ ئۇنداق پارول دىمىدى قاچىلاش جەريانىدا…
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
پارولمق ئۈزىڭز بەلگىلمىگەن بولسىڭز بۇ قانداق بولغىنى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمىتىڭىز گە تەشەككۈرلەر بولسۇن.
مەن بۇ سېستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم نورمال چۈشۈرۈپ بولۇپ پىرىستىن يىشىپ قاچىلايدىغان يىرىنى تاپالمىدىم.كومپىيۇتېر ۋىندوۋس7 قاچىلانغان ھالەتتە ئىدى .بارماق دىسكا ئارقىلىق قاچىلاشنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن.مەن بۇ سېستىمىغا بەك ئىنتىشار بوپكەتتىم
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بارماق دىسكىغا قاچىلاش ئۇسۇلى بىلوگدا بار ،مۇنۇ يازمىنى كۈرۈڭ
../?p=274
ئەگەر wubi.exeھۆججىتىنى تەييار قىلغاندا بىر خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز .شۇندىن كىيىن قوش سىستىما قىلىپ خالىغانچە ئىشلەتسەك .
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇ توردا بار شۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟بەيدۇدىن ئىزدىسىڭز چىقىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
مەن ئۇيغۇرىش نى قاچىلىگان ئىدىم تورغا چىقسام بەزى تور بىكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى كورۇمسىز چىقتى ، قانداق قىلسام بولىدۇ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاڭ قاچىلاش ئۇسۇلى بىلوگدا بار
بۇ سىستىمىنى قانداق تورغا ۇلايمىز
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز ubuntu12.04نىڭ ئىچىدىكى wubi.exeمۇ ؟مەن بىز قىتىم سىناپ باققان.مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان ئىدىم .شۇڭا بەك ئىچكىرىلەپ سىناپ باقماپتىمەن .ئۇنداقتا قايتا سناي .
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
شۇنداق شۇنىڭ ئىچىدىكى شۇ ،http://wubi.sourceforge.net/ مانا بۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://wubi.sourceforge.net/latest.php
مۇمكىن بولسا دەل ئاشۇ wubi.exeنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويمامسىز .سىز تەۋسىيە قىلغىنىڭىزنى ئىشلىتىپ باقاي .
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
http://wubi.sourceforge.net/ مانا بۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://wubi.sourceforge.net/latest.php
مەن ھازىر بۇ خەتنى ئۇيغۇرىكىس سېستىمىسىدا يېزىۋاتىمەن.ئۇمۇمەن بولىدىكەن، گەرچە بىر ئاز كۆنەلمىگەندەك ھىس قىلغان بولساممۇ ، ئەمما قولايلىق تەرەپلىرى كۆپ ئىكەن. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇلازىمىتىرى ئارقىلىق تورغا چىققان ۋىندوستا 1 مىگابايتتىن چوڭ ھۆججەتكە چەكلىمە قۇيۇلغان، ئەمما ئۇبۇنتۇ قانداق قىلدى 100 مىگادىن چوڭ ھۆججەتلەرنىمۇ بىمالال چۈشۈرۈۋەردى. ئۇيغۇرچە يۇنىكودتا يېزىلغان تور بەتلەر يېزىق ئۈنىمى بەك چىرايلىق ئىكەن. ئەمما سېستىما خەت نۇسخىسىنى تەڭشىيەلمەي ، ئىكران كۈرۈبمە يۈزى خېتى سەل پەل كۈرۈمسىز چىقىۋالدى. يول كۆرسەتسەڭلار. مەن ھازىر بۇ سېستىمىمىزغا كوت كوت دىتالىنى قاچىلاۋاتىمەن. مۇۋاپىقيەتلىك بولسا چۇقۇم يوللايمەن.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بىزنى قوللىغنىڭزغا كۆپ رەھمەت ،خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ubuntu -tweak دېتالنى قاچىلاپ تەڭشىىڭز بۇلىدۇ بۇ تورغۇرلۇق يازما بىلوگدا بار بىلوگ ساقلانمىلار سەھىپىسدىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
مەن win7بىلەن ئىككىسىنى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىغان ئىدىم لېكىن يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاي دېسەم ‹‹ ئىم ›› سوراپ تۇرىۋالدى .. قاچىلىغان چاغدا بىر يەردە ‹‹ ئىم ›› دەپ بىر كۆزنەك بار ئىكەنتۇق ئۇنىڭغا كىرگۈزمىگەن ئىدىم …. ئىشلەتكۈچىنىڭ پارولىنى كىرگۈزسەم خاتا دەپ چىقىۋالدى قانداق قىلسام بولار … ياردەم قىلغان بولساڭلار…..خىزمەتداشلىرىمغا تەشۋىق قىلىدىغانغا ياخشى بولاتتى…
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
سىستېمىغا نۇرمال كىرەلەمسىز؟ئەگەر كىرەلىسىڭز مەخپى نۇمۇرىنى قايتا بەلگىلىسىڭز بۇلىدۇ
سېستىمىغا بىۋاستە كىرىدۇ لېكىن مەخپى نومۇرنى ئۆزگەرتەلمىدىم ئەسلىدىكى ‹‹ ئىم ›› خاتا دەپ چىقىۋالدى….تەڭشەش— ئىشلەتكۈچى دېگەن ئورۇندىن ئۆزگەرتكەن ئىدىم….
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئەسلىدىكى مەخپى نۇمۇرنى بىلەمسىز؟
بىلمەيمەن…….
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
تىرىمىنال ئىشلىتىشنى بىلەمسىز؟
ئازراق بىلىمەن….. تېرمىنالدىكى بۇيرۇقىنى يېزىپ قويسىڭىز شۇ بويىچە قىلالايمەن…سىزنى ئاۋارە قىلدىم….
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇلىدۇ….
چ چ توپ نومۇرىنى تاپالمىدىم بولسا مۇشۇ يەرگە بىر يوللاپ قويغان بولسىڭىز……رەخمەت
يەنە بىر ئىش مەن دەسلەپتە windows7 بىلەن يانداش قاچىلاي دەپ توردىن easy bcd يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ قاچىلاشنى سىناپ باققان ئىدىم لېكىن قاچىلاش ھۆججىتىدىكى initrd.lz ئوخشىمايدىكەن مۇشۇنى بىر دەرسلىك قىلىپ چىقىرىشقا ۋاقىت چىقارمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ئۆزۈم بىر سىن دەرىسلىك ئىشلەپ يوللاپ قويساممۇ بولاتتى….
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
مانا بۇ بىلوگىمىز چ چ توپ نۇمۇرى :232868944
بولسا چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز پىكىرلىشىپ باقساق…. مېنىڭ چ چ : 274188039
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇلىدۇ بىلوگدىكى ئىككىنچى چ چ توپىغا كىرىڭ ئەمسە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئۇيغۇرچە سىستىمىنى مۇۋاپپىقيەتلىق قاچىلىدىم… قاچىلاش قەريانىدا مەخپى نۇمۇر ئورناتمىغان …باشقا يۇمشاق دىتاللرنى قاچىلاش ئۇچۈن مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى….مەخپى نۇمۇر قانچە بولغىيتتى….ئۆزگەرتىشكە ئامال بارمۇ..
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامۇ مەن سوراپ قالدۇرۇپ قۇياي……………
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن چۈشۈرسەم isoھۆججىتىدە exeفورماتىدىكى قوزغىتىش ھۆججىتى يوقكەن،دىسكىغىمۇ ئويۇپ باققان،بولمىدى.wubi.exeبىلەن قاچىلاي دېسەم ubuntuنى توردىن چۈشۈرۈپ كەتتى ئۇيغۇرىكس بىلەن كارى بولماي.
بۇرادىرىم،بولسا توربەتتىكى خەتلىنى كۆچۈرگىلى بولىدىغان قىپ قويسىڭىز،بەزى نەسىنى بېسىپ ئاۋارە بوپكېتىدىكەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مەن ئۇيغۇرئكئس سېستئمئسغا .بەكلاخۇشبولدۇم اناتئل ئەمەسمۇ رەخمەت قېرىندئشئم لئكئنقاچئليالمئدئم؟ بلوگداكورسەتكەندەك سنغانبولساممۇ كومپيوتئر كاچئلاش ھالەتكە ئوتمدئ ياردەمقئلئڭ چچ2366324849
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
نېمە؟