Ubuntu Tweak 7.0 ئېلان قىلىندى
ئوبۇنتۇ سېستىمسى ئىشلىتىۋاتقانلارغا مەلۇم Ubuntu Tweak بولسا ئوبۇنتۇ سېستىمسى ئىشلىتۋاتقانلار چۇقۇم قاچىلاشقا تىگىشلىك بىر دېتال .بۇ دېتال ئارقىلىق بىز سېستىمىدىكى قالدۇق كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى تازلاش بىلەن بىللە يەنە سېستىمىغا قارىتا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.مەن بۇ دېتالنى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئىشلىتشكە باشلىغاندىن تارىتىپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتمەن .بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا ھەرقانداق بۇنىڭغا ئوخشاش بىر دېتالنى تەڭ قىلىمايمەن.شۇڭا دوستلارنىڭ قاچىلاپ سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىغان يېڭى نۇسىخىسدا ئالدىنقى قېتىمىقى نۇسىخىلىرغا قارىتا يېڭلىقلار خىلىلا كۆپكەن.شۇنداقلا تېخمۇ قۇلايلىقلاشتۇرۇلۇپتۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
تىرىمىنالدا تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاش ئىلىپ بارسىڭز بۇلىدۇ.ئوبونتۇ 11.10 ۋە 12.04 ئۈچۈن قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.مەن قاچىلاپ كۈرۈپ باقتىم ئىلگىركىگە قارىغاندا راستنىلا بەك قۇلايلىقلىشىپتۇ.
ئاۋۋال ppa مەنبەسىنى قۇشىمىز.
sudo add-apt-repository ppa:tualatrix/ppa
ئاندىن سېستىمىنى بىر قېتىم يېڭلايمىز.
sudo apt-get update
ئاندىن رەسىمى قاچىلاشقا باشلايمىز.
sudo apt-get install ubuntu-tweak
بۈگۈن ئوبۇنتۇنىڭ 12.04 نەشىرى ئېلان قىلىندۇ.
ئەمدى چ چ پاراڭلىشىش دىتالىنى قانداق قاچىلايمەن؟ ئامباردا يوقكەن. swf,qmv تىپلىق ھۆججەتلەرنى قايسى قويغۇچ قويالايدۇ
چ چ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تور يۈزى چ چ نى ئىشلىتىڭ .http://web.qq.com/
سىز شۇ قويماقچى بولغان فىلىمنى قۇيۇش ئۈچۈن قوش چەكسىڭز قۇيدىغان دېتالدا قۇيۇلىدۇ ئەگەر قۇيالمىسا ئۈزى ئەسكەرتىش بىرىدۇ قىستۇرما قاچىلاڭ دەپ…………….ياكى بىلوگدا يازمىلار قاتارىدا بىرقانچە قويغۇچ تۇنۇشتۇرۇلغان شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.