ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > سېستىملار > يازما مەزمۇن بىتى
ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ،بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى
2012-يىلى07-ئاينىڭ29-كۈنى سېستىملار ⁄ يازما جەمىئى2668خەت پارچە باھا 55

ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ،بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى

ئۇيغۇر ئىكس سىستمېىسى ياسىلىپ ئېلان قىلىنغىلىمۇ مانا ئاز كەم ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت بوپ قاپتۇ .بۇ جەرىياندا بىر قىسىم دوستلار قاچىلاپ ئىشلىتپ كۈرۈپ باققانمۇ بولدى.بەزىلەر ئىشلىتشكە شۇنچە قىزىققان بولسىمۇ لىكىن قاچىلاش ئىشلىتش ھەققىدىكى بىلىمنىڭ كەمچىلىكى سەۋەبدىن قاچىلاپ ئىشلىتشكە قادىر بۇلالماي مەغلۇب بولدى. بۇ ھەقتە ئەسلى بۇرۇنلام بىر سۈرەتلىك دەرسىلىك ئىشلىمەكچى بولغان ئىدىم .لىكىن ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمسىى ۋە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتشكە قىزىققۇچىلارنىڭ ئاز بۇلۇشى سەۋەبلىك بۇ ھەقتىكى ئىشلار تاشلىنىپ قالغان ئىدى.بۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى ئويلاپ باقسام يەنىلا بۇ ھەقتە بىرەر يازما يېزىپ ئۇيغۇر ئىكس ۋە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.شۇڭا مەن تۈۋەندە ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستمېىسى ۋە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.

 

يازما ئادىرېسى:

../?p=1212

ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ،بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئۇيغۇر ئىكىس سىستمېسىنى قاچىلاشنىڭ ھازىرچە ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.(ھازىرچە ئۇيغۇر ئىكس سىستېمسىنى ۋۇبى ئارقىلىق قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاشقا بولمايدۇ.)تۈۋەندە مەن ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمەن.

ئەگەر سىز ۋىندوس ئىكس پى ياكى ۋىندوس يەتتە سىستېما ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭز ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن كېرەكلىك دېتاللارنى چۈشۈرۋىلىڭ.

سىستېمىنى قاچىلاش ئۈچۈن ئۈچۈن كېرەكلىك دېتاللار:

1- ultraiso دسكا ئۇيۇش دېتالى .

چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://www.ezbsystems.com/ultraiso/download.htm

http://www.crsky.com/soft/1134.html

2- ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستمېىسى .

چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://115.com/file/annesd5v

 

ultraisoنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قوزغاتساق تۈۋەندىكى رەسىمدىكدەك قوزغىلىدۇ.

 

 

دېتال قوزغالغاندىن كېيىن 1 بەلگە قۇيۇلغان ئۇرۇندىن كىرىپ2 بەلگە قۇيۇلغانى تالىساق تۈۋەندىكىدەك ئىچىلىدۇ.

 

 

بۇنىڭدىن 1 بەلگە قۇيۇلغان ئۇرۇندىن  ئويماقچى بولغان سىستېمىنىڭ ئۇيۇلىدىغان ئۇرۇنى ،2 بەلگە قۇيۇلغان ئۇرۇنىدىن  ئۇيۇلىش ھالىتىنى 3 بەلگە قۇيۇلغان ئۇرۇندىن ئويماقچى بولغان ئۇيغۇر ئىكس سىستمېىنى كۆرىستىپ   写入     دېگەن خەتنى چەكسەك سىستمېىنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇشقا باشلايدۇ.بۇنىڭغا تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ۋاقىت كىتىدۇ.بۇ جەرياندا بىر قېتىم بارماق دىسكىىنى فورماتلايدۇ دەپ ئەسكەرتىش بىرىشى مومكىن .بۇنىڭغا قۇشۇلىمەن دەپ جەزىملەشتۈرسىڭز بۇلىدۇ.تاماملانغاندىن كېيىن قايتىش كونۇپكىسىنى چېكىپ دېتالدىن چىكىنسىڭز بۇلىدۇ.

يۇقارقى مەزمۇنلار تاماملانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىكس سىستېمسىى بارماق دىسكىغا ئۇيۇلۇپ بولدى دېگەن گەپ.......................

ئەمدى سىز بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ باقسىڭزمۇ ياكى بارماق دىسكىدىن  ۋىندوس ياكى ۋىدوس يەتتە سىستېمىلارغا قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭزمۇ بۇلىدۇ.

بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ تەييار قىلغاندىن كېيىن سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كومپىيوتىرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان ھالەتكە توغۇرلاپ ئاندىن ئۈزىڭز خالغان شەكلىدە قاچىلاش ياكى قوزغىتىپ ئىشلىتىش دېگەن تۈردىن خالىغان بىرنى تاللاپ مەشغۇلات قىلسىڭز بۇلىدۇ.بۇ جەرىيان ئۇيغۇرچە تاماملىنىدۇ.

 

سەمىمى ئەسكەرتىش :چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

ھازىر 55 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :38 پارچە : بىلوگىر :17 پارچە

  1. مەمەتتۇرسۇن China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ29-كۈنى22:49:48  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    كىيىنكى نەشىرلىرىدە ۋۇبى ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ تارقاتساڭلار ياخشى بولاتتى .مەن پەقەت شۇ يىرىنى ياقتۇرمىدىم .چۈنكى قاتتىق دىسكامنىڭ رايونلىرىنى ئۆزگەرتكىم يوق .


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى00:38:21  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بۇلىدۇ .چۇقۇم تىرشىمىز

  2. گۈللەن China Mozilla Firefox Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى12:17:49  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    پاھ سۇرىتىڭىز نىمانچە تىز ، مەن سۈرەتلىك ئىشلەي دەپ بولغىچە يازما يىزىپ بوپسىز ئەمدى دەرىسلىكنىڭ پايدىسى قالماپتۇ ، مۇشۇنداق ياخشى تىمىلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز

  3. گۈللەن China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى17:03:19  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئىنكاسىم قەيەرگە كەتكەندۇ ، ئىنكاسىمنى يۇيىۋىتىپسىزغۇ


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى08-ئاينىڭ01-كۈنى16:09:01  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇنداق بولمىغاندۇ؟

  4. تۈرۈك China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى17:48:50  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن قاچىلىسام ئېنگىلىزچە چىقىۋالدىغۇ ؟

  5. تۈرۈك China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى20:53:21  -45قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن قاچىلىسام ئېنگىلىزچە چىقىۋالدى قانداق قىلىمەن ؟


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى23:47:29  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      سىز ئۇبۇنتۇنى قاچىلىدىڭزمۇ ياكى ئۇيغۇرئىكسمۇ؟ ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغان بولسىڭز شۇنداق چىقىدۇ.ئۇنىڭغا تىل ھۆججىتىنى قاچىلىسىڭزلا ئۇيغۇرچە بۇلىدۇ .بۇ ھەقتە بىلوگدا يازما بار.ئەگەر ئۇيغۇر ئىكسنى قاچىلىغان بولسىڭز ئۇ ئۇيغۇرچە قاچىلىندۇ.

      • تۈرۈك China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ04-كۈنى18:43:07  ئاستىنقى قەۋەت2قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        مەن ئۇيغۇر ئېكىسنى قاچىلىغان ئېنگىلىزچە چىقىۋالدى قايتا سىناپ باقاي .

  6. مەسـتانە China Safari Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ08-كۈنى11:56:54  -44قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن چۈشۈرەلمىدىم ياردەم قىلىڭ

  7. قاراخان China Mozilla Firefox Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى14:54:58  -43قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ubuntuئۈچۈن خالىسانە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىم. ئەزىز تېنىڭلار ئامانمۇ. ئاللاھ قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن.
    ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن uدىسكىغا uyghurixنى قاچىلىغان ئىدى. نورمال قاچىلاندى ۋە نورمال قوزغالدى(بۇ ھالەت ئېكران ئوتتۇرىسىدا ubuntuدەپ خەت چىقىپ تېگىدە شارلار ماڭدى )لېكىن مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمەي تۆۋەندىكىدەك خاتالىق چىقتى:
    BusyBox v1.18.5 (ubuntu 1:1.18.5-ubuntu4) built-in shell (ash)
    enter ‘help’ for a iist of built-in commands.

    (initramfs) unable to find a medium containig a live file system

    بۇ ئۇچۇر قارا ئېكران ھالەتتە.قانداق قىلسام بۇ خاتالىق ھەل بولىدۇ. بۇ مېنىڭ ubuntuنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىم ئىدى.
    يەنە بىر قۇشۇمچە سوئالىم uyghurixكە ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ فورماتى ttfئىكەن. ماڭا ئۇيغۇرچە gzفورماتلىق خەت نۇسخىسى لازىم ئىدى. ukijنىڭ ttfخەت نۇسخىسىنى ubuntuدا gzھالەتتە پىرىسلىسام نورمال بولغان gzفورماتلىق خەت نۇسخىسىغا ئۆزگىرەمدۇ؟قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق مەقسىدىمگە يىتەلەيمەن. ياردەم قىلساڭلار قىرىنداشلىرىم…
    جاۋابنى جىددى ساقلايمەن.

  8. ئاتامان China 360 Browser Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ21-كۈنى12:23:40  -42قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئويغۇر ئىكس نى قاچىلىغان لىكىن باش سۆرەت تاللايدىغان يەردىن ئۆتمەي ۋاتىدۇ بۇ مىنىڭ 5-قېتىم سىنىشىم كومپىيوتىرىمنىمۇ پۇتۇن فورماتلاپ بولدۇم بۇ نىمە سەۋەپتۇ مىنىڭ ئويغۇر ئىكسنى بەك ئىشلەتكىم بار ئىدى ماڭا ياردەم قىلساڭلا !


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ23-كۈنى00:44:54  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      كەچۈرۈڭ ئىنكاسىڭزغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم .يېقىندا مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تورىمدىن ئازراق مەسلە چىققاچقا يېقىندىن بىرى ۋاقتىدا تورغا چىقالمىدىم.ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭز چ چ توپىغا كىرىڭ مەن شۇ يەردە سىز ئۇچۇرغان مەسلىگە ئىنىق جاۋاپ بىري……………..

      • قاراخان China Mozilla Firefox Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ24-كۈنى20:10:54  ئاستىنقى قەۋەت2قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ يوقما…


        • باشقۇرغۇچى
          قۇتبەگ China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى13:24:57  ئاستىنقى قەۋەت3قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

          بار ،لىكىن مەنمۇ چۈشەنمىدىم سىزنىڭ ئۇ ئەھۋاللارنى شۇڭا جاۋاپسىز قىلىپ قالدى…………..؟

    • سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنى22:14:07  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ياخشىمۇسىز ئاتامان ،سىز ئۇچرىغان ئەھۋالغا مەنمۇ يۇلۇققان ،بىر قول كومپىيۇتىرىغا ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىغانىدىم ،ئىشلەتكۈچىنىڭ سۈرىتىنى تاللايدىغان يەردە توختىۋالدى ،بىرنەچچە قېتىم قايتا سىنىدىم ، لېكىن ئۈتەلمىدىم، كومپىيۇتىر باشقا بىرەيلەننىڭ بولغاچقا باشقىچە سىناقلارنى ئېلىپ بارالمىدىم، مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋىۋى مۇنداقمىكىن دەيمەن،
      سۈرەت تاللاش رايۇنىدا تۇرىۋاتقىنىمىزدا ، سېستىما ئارقا تەرەپتە قاچىلاشنى داۋام قىلىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن سۈرەت تاللاش كۆزنىگى سېستىما قاچىلاش جەريانىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مەشغۇلات رايۇنىنى تۇسىۋالغان ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما قاچىلىنىپ تامام بولغان بولسىمۇ ، بىز «كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ » دىگەن كۆرسەتمىنى كۈرەلمىگەچكە ، نۇرمال ھالەتتە قايتا قوزغىتالمىغان بۇلىشىمىز مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە دىسكا رايۇنىنى تەكشۈرگىنىمىزدە سېستىما قاچىلانغان ھالەتتە كۈرىنىدۇ.
      بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن مەن تۈۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشنى ئويلىدىم ،
      ئالدى بىلەن كومپىتۇتىرغا ئۇبۇنتۇ 11.10 ياكى 12.04 نى قاچىلاپ نۇرمال قوزغاتقاندىن كېيىن ،سۈرەتلەرنى بەلگۈلەپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ، ئۇيغۇرئىكىسكە ئالماشتۇرساق بۇلارمىكىن دەيمەن ،ئۈزەم سىناق قىلاي دىسەم، ھېلىقى كومپىيۇتىر مەندە ئەمەس.
      بۇ بەلكىم ئۇبۇنتۇدىكى مەسىلە ئەمەسلىگى مۇمكىن ،
      باشقا بىر قول كومپىيۇتىرىغا ئۇيغۇر ئىكىسنى قاچىلىماقچى بولغان ئىدىم ،دەسلەپتىكى سىناپ بېقىش ياكى قاچىلاشنى تاللاش رايۇنىدىن ئۈتەلمىدىم ،بۇ مەسىلىلەرنى ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نەشىرلىرىدە سىناپ باقساق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
      تورداشلارنىڭ مۇشۇ توغرىدا تەجرىبىسى بولسا ، ئورتاقلاشقان بولساق ياخشى بۇلاتتى .

      • بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى20:59:42  ئاستىنقى قەۋەت2قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        قايسى كۈنى نەۋرە ئاكامغا ۋىندوۋس بىلەن ئۇيغۇرئىكىسنى قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاپ بېرىۋىتىپ بىرىنچى قىتىم ئۇڭۇشلۇق قاچىلاپ رەسىم تاللايدىغان جايدىن ئوڭۇشلۇق ئۈتۈپ كەتكەن ئەمما ئۈستەل كومپىيوتىرغا قوزغاتقۇچ قاچىلاشتا سەل خاتالىق يۈز بېرىپ قايتا قاچىلاشقا تۇغرا كەلدى. ئەمما كىينىكى قىتىملاردا ئەكسىچە بارغانسېرى قاچىلىيالماي قالدىم قارىسام دەل باشقۇرغۇچى رەسىمى بىكىتىدىغان جايدىن ئۈتەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ باقسام مىنىڭكىدەقانچە قاچىلىسام ئۇنداق خاتالىق كۆرۈلمەيتتى .ھە راست نەۋرە ئاكاملارنىڭ كامىراسى ئاساسىي ماشىنىغا چىتىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سىستىما قاچىلاش جەريانىدا بۇ سىرتقى ئۈسكۈنىنى ئاپتۇماتىك تۇنۇپ باش سۈرەت بىكىتشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆمپىيۇتىرنى ئىتىپ كامىرا چاتمىسىنى چىقىرىۋىتىپ ئاندىن سىتىما قاچىلاشنى باشلىۋەتتىم.مانا كۆرۈڭ ئۇڭۇشلۇق بولدى .دىمەك بۇ سىستىمىنىڭ ياخشىلىقى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرئىكىستىكى مەسلە ئەمەس. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن سىستىما تەڭشىكىدىن ئۆزىمىزقول تەڭشىۋالساق بۇلدۇ ئەمەسمۇ،! ياكى شۇ پىتى قالدۇرساقمۇ بۇلىدۇ.ئۇيغۇرئىكىسنى سەپلىمىسى ياخشى كومپىيوتىردا ئوينىسا بەك ياخشىكەن. كاساپەت 40 مىنوتتا پۇتۇنلەي يىڭىلىنىپ بولدى ئەمەسمۇ مەن يىڭى قاچىلاشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتلاردا ئەتىگەن يىڭىلاشنى باشلىسام چۈشتە تۈگەيتتى.كەچتە قاچىلاپ قالسام تېرمىنالنى ئىچىپ قۇيۇپ يىتىپ قالسام ئەتىسى 115200نىڭ تاللىشى چىقىپ قالاتتى، ئىتىرنى بىسىپ بىر ئازدىن يىڭىلاش تۈگەيتتى.


  9. باشقۇرغۇچى
    قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى09-ئاينىڭ02-كۈنى15:42:52  -41قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قېنى بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز

  10. ناتونۇش China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنى02:45:06  -40قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن كومپىيۇتىرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىش دىگەنلەرنى بىلمەيدىكەنمەن،بىۋاستە چۈشۈرگەن دىسكىغا ئويۇپ قاچىلاش ئۇسۇلى يوقمىدۇ ؟…………….


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنى17:36:08  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇنداق قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ بار ،بىلوگدا بۇ توغۇرلۇق يازما بار شۇنى كۈرۈڭ

  11. دىھقان China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنى18:37:15  -39قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىيالمىدىم،قاچىلاشنىڭ نەچچەخىل ئۇسۇلى بار؟تۇلۇق كۆرسەتمەبەرگەن بولسىڭىز؟! چ چ:2366324849


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Google Chrome Ubuntu Linux : 2012-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنى10:28:30  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      قاچىلاش توغۇرلۇق بىلوگدا تەپسلى چۈشەندۇرش سىن ۋە يازما شەكىلىدىكى دەرىسلىك بار خاپا بولماي شۇنى ئىزدەپ كۈرۈڭ ،ياكى بايرامدىن كېېيىن ئالاقىلىشايلى………………

  12. پاسىبان China SouGou Browser Windows : 2012-يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى16:41:55  -38قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇر ئىكىسنى قاچلاپ ئىشلىتىشكە قىزىقۇچىلار قاچىىلىيالماي قىينىلۋاتىان دوسلارغا مىنىڭ ياردىمىم تەگسە ئەجەپ ئەمەس مەنمۇ باشتا شۇنداق قىينالغان يۇلىنى بىلسە .ئىكىسپىنى قاچىلىلغاندىنمۇ ئاسانكەن مەن ھازىر ۋىندوۋىس7دىن ئۇيغۇر ئىكىسكە كۇچىۋالدىم ياردەم لازىم بولسا قېنى مەرھەمەت232868944

  13. پاراۋوز China Google Chrome Windows : 2012-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى10:09:13  -37قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    wubi ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلى يوقمۇ؟ بۇرۇن ئۇبۇنتۇنى شۇخىل ئۇسۇلدا قاچىلاتتىم، بۇنداق بولغان بېخەتەر بولىدىكەن. دېسكىنى ئايرىم پاچىلاپ بېرىشنىڭمۇ ئورنى يوق. ھەممە يازمىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم، ئاساسەن بارلاق دېسكا ياكى مەۋھۈم كومپىيۇتېرغىلا قاچىلاش سۆزلىنىپتۇ.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى20:15:48  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ھازىرچە يوق ،ئەمسە سىز بارماق دىسكىغا قاچىلاپ شۇنىڭدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ………………..ئەملىيەتتە ۋۇبى ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلىتىش ئەڭ بىخەتەر ئەمەس ئۇسۇللارنىڭ بىرسى

      • پاراۋوز China Google Chrome Windows : 2012-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى20:27:28  ئاستىنقى قەۋەت2قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        ئادەتتىكى ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە قىلۋالغىلى بولسا شۇنىلا ئىشىلتەي بولمىسا.


        • باشقۇرغۇچى
          قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى20:42:42  ئاستىنقى قەۋەت3قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

          ئەمدى توغرا قىلدىڭز ،ئەملىيەتتە ئۇبۇنتۇ بىلەن ئۇيغۇر ئىكس ئوخشاش لىكىن ئۇيغۇر ئىكىسنى قاچىلاپلا ئۇيغۇرچە ئىشلىتشكە بۇلىدۇ.ئۇبۇنتۇ سىستمىېىسنى بولسا قاچىلاپ تىل بۇلۇقىنى چۈشۈرپ ئاندىن ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىمىز.ككپ پەرقى يوق.شۇ تىل بۇلۇقىنى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئازراق تىخنىكا تەلەپ قىلىدۇ………….

  14. شوخ China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى05:08:57  -36قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مەنمۇ ئۇبۇنتۇ سىستىمىسنى يىڭى ئىشلىتىپ بىقشنى ئويلاۋاتقان بارماق دىسكىنى فورماتلىمىساق بولمام دا


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى10:43:34  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇنى قاچىلاش جەرىياندا ئۈزىڭز بەلگىلىسىڭز بۇلىدۇ

  15. شوخ China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى05:22:13  -35قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    يەنەبىرگەپ ‹‹ لىنىۇكىس دىىپىن سىستېمىسى (Linux Deepin) ›› نـــى ‹‹
    بۇ لىنۇكىس سىستېمىلار ئىچىدىكى ۋىندوس مۇھىتىدىكى دېتاللار ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان ئۇيغۇچە سىستېما بۇلۇشى مومكىن. ›› دەپ چۈشەندۈرۈپ تىكەنسىلە مىنىڭ بۈلمەكچى بوغىنىم ۋىندوس مۇھىتىدىكى دېتاللار ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغانى || لىنىۇكىس دىىپىن سىستېمىسى || ئۇيغۇر ئىكس سىستمېىسى || ئۇبۇنتۇ سىستېمىنى || مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى10:40:56  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ھەممىسدە ئىشلەيدۇ لىكىن Linux Deepin دا سىز سىستېمىنى قاچىلاپلا ۋىندوس سىستېمسدىكى دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز ،باشقىلىرىغا بولسا ۋىندوس دېتاللىرى ئىجىرا بۇلىدىغان مۇھىتنى ئۈزىڭز قول سىلىپ تەييارلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتەلەيسىز

  16. maggunur China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى07:11:50  -34قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇر ئېكىس سىستىمسىنې پەقەت چۈشرەلمىدىم ياردەم قىلدغانلار بامۇ بۇ چچ نۇمۇرۇم 751277375… :sad:

  17. maggunur China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى19:05:40  -33قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇبۇنتۇغا باشقا يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ ئېشلەتكلې بۇلمامدۇ ؟ ياكى مىنىڭ خاتالقىممۇ قاچىليالمىدىم ،يانا سۈرەتلىك سۈرەتسىز نەرسىلەرنىمۇ قۇيالمىدى …


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى10:19:01  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىستمېىنى بىر قېتىم يېڭلايسىز.ئاندىن تور كۆرگۈ فىلاش قوويغۇچىنى قاچىلايسىز
      ئىش تامام.بۇ توغۇرلۇق بىلوگدا يازما بار

  18. تونۇش China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنى23:58:03  -32قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەڭ ياخشىسى سۈرەتلىك چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى12:57:57  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مەندە ۋىندوس سىستېما شارائىتى يوق بولغان بولسا ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتىم.

  19. sawatsiz China SouGou Browser Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ21-كۈنى16:02:24  -31قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    چۈشمىدى :cry:

  20. sawatsiz China SouGou Browser Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ21-كۈنى17:24:34  -30قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بەك قاچلاپ بېقىش ئارزۇيۇم بارئدى لىكىن چۈشۇرەلمىدىم

  21. ھېكىمجان China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى12:38:00  -29قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇرئېكىسنى قاچىلغان ئىدىم،لىكىن تورغا ئۇلىيالمىدىم،قانداق ئۇلاشنى سۆرەتلىك كۆرسىتىپ قويساڭلار،بەك .ئېھتىياجلىق ئىدىم


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Google Chrome Linux : 2013-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى19:43:02  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      سىز قانداق تور ئىشلىتىسىز؟

  22. ھېكىمجان China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى19:53:57  -28قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئاخىرى ئۇلىيالىدىم

  23. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى12:02:29  -27قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇر ئىكىس قاچىلاۋاتقانلار بارمۇ يا ؟.. مەنمۇ ئانچە مۇنچە بىلىپ قالدىم قاچىلاشنى مەندىن سورىساڭلار بۇلىدۇ .qq;1498134577

  24. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنى16:01:14  -26قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىس بىلەن ۋىندوۋسنى قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاپ ئىلشىتىۋاتقانلار خېلى كۆپ بۇلىشى مۇمكىن . بىر ئەسكەرتىشىم بار يەنى بۇ خىل قاچىلش بەك قۇلاي بۇلۇپ، ئەسلىدە سىز ۋىندوس ئىلشىتىۋاتقان بولسىڭىز پەقەت كومپىۇتىرىڭىزدا 20 G ئەتراپىدا بىكار بوشلۇق بولسىلا ئۇيغۇر ئىكىس بىلەن قوش سىسىتىما قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز شۇنداقلا بىرىنى قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن يەنە بىرىگە تەسىر يەتمەيدۇ . ئەمما ئىككىسگە بۇلۇپ بېرىدىغان بوشلۇق مەسلىسىدە مەن ئۇيغۇر ئىكىسكە 50G بوشلۇق تەۋسىيە قىلىمەن . مەن بىلمەي 17G قىلىپ ئايرىۋاپتىكەنمەن. بىرەر ئاي مەشغۇلات قىلغاندىن كىيىن تۈنۈگۈن بىر دىتال قاچىلاپ ئىشلىتەي دىسەم ئىچكى بوشلۇق يىتىشمىدى ئەخلەتخانىنى تازىلاڭ دىگەن ئەسكەرتمە چىقتى . ۋە مەشغۇلاتنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىلىپ بارالمىدىم شۇڭا بولسا C دىسكىنى 70 G بۆلۈپ ئۇيغۇرئىكىس بىلەن ۋىننغا بوشلۇق بۆلگەندە ئىسىڭزدىن چىقارماڭ ئوڭ تەرەپتىكىسى ۋىندوۋس سول تەرەپتىكىسى ئۇيغۇرئىكىس ، ئوڭ تەرەپكە xp ئىشلەتسىڭىز 20 ج سول تەرەپكە ئۇيغۇر ئىكىسكە 50G بۆلۈڭ شۇنىڭدا ئۇزاققىچە خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز. بولمىسا مىنىڭدەك ئالماشتۇرۇپ قۇيۇپ ئامراق ئۇيغۇرئىكىسڭىزنى قايتىدىن قاچىلىشڭىزغا تۇغرا كىلىدۇ.

  25. ئوقۇغۇچى China 360 Browser Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنى02:13:20  -25قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بەگمۇرات ئەپەندىم مەنمۇ دەل سىز يولۇققان مەسىلىگە يولۇقتۇم بۇرۇن تولا قاچىلاش جەريانىدا خىلى تەجىربىگىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان ئىدىم..
    بۈگۈن بىركۈن بەك جىلە قىلىۋەتتى مىنى…خەير.. سەۋىر قىلاي… مەنمۇ قول كومپىيوتىرغا قاچىلىغان بىرىنچى قىتىم باش رەسىمنى ئىختىيارى تاللاپ نۇرمال قاچىىلانغان…قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىىمسىز تور ئۈسكىنىسىنى پەقەتلا قوزغىتالمىدىم…شۇنىڭ بىلەن قايتا قاچىلاي دەپ قىلىمغان ئەتمىگەنلىرىم قالمىدى..يا باش سۈرەت تاللايدىغان يەردىن ئۆتمەيدۇ يا كەينىگە ماڭدۇرسام رايۇن تاللايدىغان يەردىن ئالدىنقىسىغا ئۆتمەيدۇ..شۇ بەزدەك تۇرغىنى تۇرغان مەجبۇرى ئۆچۈرسەم سىستىمىغا كىرىدىغان يەردە خاتالىق چىقىۋالدى..بەلكىم سىزمۇ ئۇچىردىڭىزغۇ دەيمەن…بىرىنچى قىتىم قاچىلىغان ۋاقىتتا سىستىمىغا ئىسىم مەخپى نۇمۇر بەلگىلەش كۆزنىكى چىققان ئىدى..لىكىن كىيىنكى قىتىم قاچىلىغاندا بۇ كۆزنەك پەقەتلا چىقمىدى…مەن تىخى مۇشۇ كۆزنەكنىڭ ئىشىمىكىن دىسەم سىز كامىرانىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايقاپسىز…بۇ قول كومپىيوترنىڭ كامىراسىنى چوقۇم ئىلىۋىتىش كىرەكمۇ..ئەمدى…
    مەنغۇ مۇشۇ قىزىقىشىمدا قول كومپىيوتىرنى چۇۋۇپ سالىدىغاندەك قىلىمەن…ئەگەر ئىگىىسى ماقۇل دىسىلا چۇۋۇپ سىلىشىم بار…ئگەر كامىرانى چىقىرۋىتىپ تۇرۇپ مۇۋاپپىقيەت قازانسام…بۇ مەسىلە جەزىملىشىپمۇ قالغۇدەك…مەن سىناپ بىقىپ ئاندىن ئۇچۇر قىلاي…
    :razz:

  26. ئوقۇغىۇچى China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ22-كۈنى09:55:20  -24قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئاخىر بۇ مەسىلىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم…قول كومپىيوتېرىنىڭ كامىزا ئۈسكىنىسىنى چىقىرۋىتىپ تۇرۇپ قاچىلىسام نۇرمال قاچىلاندى… :razz:

  27. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ22-كۈنى12:07:12  -23قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشتا مۇنداق بىر خەتەرلىك ئاما ل باربولىشى مۇمكىن؛ ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرئىكىسنىڭ بارماق دىسكىسى ئارقىلىق قاتتىق دىسكىنى پۈتۈنلەي ئۈچۈرۈش . ياكى بولمىسا بىرىنىچى قىتىمدىلا ئۇڭۇشلۇق مەشغۇلات ئەپ بېرىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

  28. سەبىر قادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنى07:09:45  -22قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىسنىڭ كىيىنكى نەشرىدە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىشى مۇمكىن .

  29. سەبىر قادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنى07:12:47  -21قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    كامىرانى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇشنىڭ يۇمشاق ئامالى يوقمىدۇ ، مەسىلەن ، سىموس رايۇنىدا بەلگۈلەش ئارقىلىق ….

  30. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى05-ئاينىڭ25-كۈنى21:38:12  -20قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەڭ ياخشى ئامالى يىڭى نەشىرىنى تۈزۈش ، مەنچە يىڭى نەشىرىنى تۈزۈدىغان ۋاقىت كىلىپ قالدى.

  31. ئېلىجان مەمتىمىن China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى06-ئاينىڭ09-كۈنى13:07:04  -19قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    نۇر دىسكا ئويۇش دىتالىنڭ قوزغالغان ۋاقىتىكى 1-سۇرۇتىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز بلوپتىكەن .1-سۇرەت بولمىغاندىكىن.2-سۇرەتتىكى بەلگىلەر 1-سۇرەتنىڭ قايى ئورنىنى چەكسەم چىقىدۇ.بىلەلمەي قالدىم.ئۇيغۇر ئىكىسنى چۇشۇرۋاتقان شۇنى ئويماقچى ئىدىم.

    • سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنى17:39:36  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      دىسكا ئۇيۇش دىتالىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ، 打开 نى بېسىپ ، سىز چۈشۈرۈۋالغان iso ھۆججەتنى ئاچىسىز ، ئاندىن 启动光盘 دىگەن يەردىن
      写入硬盘映像نى باسىسىز. ئاخىرىنى رەسىمدىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ .
      تېخىمۇ كۆپ بىلمەكچى بولسىڭىز ، تۈۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىڭ .
      http://www.cr173.com/html/12141_1.html

      دىسكا ئۇيۇش قۇرالىنى ئاچقاندا سېتىۋېلىش ياكى سىناق ئىشلىتىش دىگەن يەر چىقىشى مۇمكىن ، سىناق ئىشلىتىشنى باسسىڭىز بولىدۇ .

  32. ئېلىجان مەمتىمىن China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنى01:00:15  -18قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك ئۇستاز ياردىمىڭز گە رەھمەت ئاللاھ قولىڭز گە دەرت بەرمىسۇن

    • سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنى20:00:46  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مۇبارەك بولسۇن ، ئېلىجان مەمتىمىن ، ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋىندوۋىسنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن كۆپ ئاسان . ئۈگننىش جەريانىدا
      قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئىنكاس قالدۇرۇڭ ، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلايلى .

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro