ئۇبۇنتۇ ۋە ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسنى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئالدىنقى يازمىلاردا كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىكس ۋە ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستمېىسنى قاچىلاش جەرىياندا بەزىلەرنىڭ يالغۇز ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكس مەشغۇلات سىستمېىسنى ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلىقىنى (يەنى ھازىر ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋىندوس سىستمېىنى يۇيۋىتىپ ئورنىغا ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكسنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى) دەپ قاچىلاش جەرىياندا قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغانلىقىنى بولسا بۇ توغۇرلۇق دەرىسلىك ئىشلەش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بۇ توغۇرلۇق دەرىسلىك ئىشلەپ يوللاندى.دەرسلىك گەرچە ئاۋازسىز يوللانغان يولسىمۇ لىكىن ئۇنى بىر قېتىم تەپسىلى كۈرۈپ چىقسىڭز قاچىلاش جەرىيانىنى بىمالال تاماملىيالايسىز.
قاچىلاشقا كىتىدىغان قۇراللار:
1-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسسى ياكى ئۇيغۇر ئىكس مەشغۇلات سىستمسى. (قايسىنى قاچىلىماقچى بولسىڭز شۇنى چۈشۈرسىڭز بۇلىدۇ.چۈشۈرۈش ئورنى قۇتبەگ بىلوگى يان تەرەپ سىتۇنىدا بار.بۇ بىۋاستە ئورگان تەرەپ بىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلىنىشى خاتىرجەم چۈشۈرۈڭ.)
2-بىر دانە بارماق دىسكا (1 گىگا بايىتىن چوڭ بولسا بۇلىدۇ.)
3- ultraiso دسكا ئۇيۇش دېتالى .
چۈشۈرۈش ئادىرېسى:
http://www.ezbsystems.com/ultraiso/download.htm
http://www.crsky.com/soft/1134.html
سىستېمىنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ئۇسۇلى:
ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ،بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى
سىستمېنى قاچىلاش جەرىيانى فىلىم:
قاچىلاش جەرىياندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
سىستمېنى قاچىلاش ئۈچۈن بارماق دىسكدىن سىستېمىنى قوزغىتىپ قاچىلاش تىل تۈرنى تالىغاندىن كېيىن(قاچىلاش جەرىيانىنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ.)سىناپ ئىشلىتىپ بىقىش ۋە قاچىلاش دەپ تاللاش تۈرىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ مەشغۇلاتىسڭزنى داۋاملاشتۇرسىڭز بۇلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا س دىسكا رايۇنى فورماتلاپ دىسكا فورماتىنى ext4 قىلىپ بەلگىلەش ۋە بۇنى سىستېما دىسكا رايۇنى قىلىپ بەلگىلەش...................
دەرىسلىكىنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقسىڭز چۇقۇم قاچىلىيالايسىز.ئەگەر قايتا يەنە ۋىندوس سىستما قاچىلىماقچى بولسىڭز س دىسكا رايۇنىنى قايتىدىن ntfs كە فورماتلاپ ئاندىن ۋىندوس سىستمېىنى قاچىلاپ ئىشلەتىڭز بۇلىدۇ.
دەرىس ياىشى ئىشلىنىپتۇ ئاۋازىنى قۇشىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ چۇشنۇشلۇك بۇلاركەن
رەھمەت ،ئەسلى ئاۋازلىق ئالماقچى ئىدىم لىكىن ئاۋازلىق ئالساق دەرىسلىك سىغىمى ئىشىپ كىتىدىكەن شۇڭا ئاۋاسىز ئالغان مۇشۇ 10 مىنۇتلىق دەرسىمۇ 1.3 جىلىق ئىلىنىپتۇ،سۈزۈك ئىلىنسىۇن دەپ شۇنداق بوپ قالدى……………
بۇ سېستىمىنى windowsبىلەن بىرگە قوش سېستىما قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمامدۇ ،چوقۇم س دېسكىغا قاچىلاش كېرەكمۇ؟
بۇلىدۇ ،سىز قانداق ئىشلىتەيدىسىڭز شۇنداق ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.قۇش سىستېما قىلىپ ئىشلىتىش ،ۋۇبى ئارقىلىق قوش سىستما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىش ،قاتتىق دىسكىغا قاچىلاپ قوش سىستما قىلىپ ئىشلىتىش ،بارماق دىسكىغان قاچىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار………………….
بۇ سېستىمىنىڭ 64بىتلىق نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟
بار ،بىلوگ يان تەرەپ سىتونىدا چۈشۈرۈش ئورنى بار شۇ يەردىكى رەسىمنى چەكسىڭز بىۋاستە ئورگان بىتىدىن چۈشۈرىدۇ
مەن كومپىيۇتىربىلەن ئەمدىلەتتىن تونۇشتۇم،كومپىيۇتىرىمدا Win7 نىڭ گوسىتلانغان نەشىرى بار ئىدى،ئۇيغۇرئىكىس سىستىمىسىنى قاتتىق دىسكىغا چۈشۈرگەن ئىدىم،بارماق دىسكاممۇ يوق ،قاتتىق دىسكىدىن قوزغىتىشنى بىلەلمەي بىشىم بەك قاتتى مۇشۇ تاپتا….ۋىندوۋسنىڭ گوسىتلانغان نەشىرىنىغۇ قاچىلاشنى بىلەتتىم،لىكىن بۇنىڭدەك سىستىمىلارنى قانداق قوزغىتىشنى بىلەلمەيلا قالدىم………..