MuPDF كىتاپ كۆرگۈچ ئېلان قىلىندى
2012-يىل09-ئاي11-كۈن باشقىلار, سېستىملار پارچە باھا 2

MuPDF كىتاپ كۆرگۈچ ئېلان قىلىندى

قاچىلاش ئىشلىتىپ باققۇچىلار ئۈچۈن قاچىلاش ئۇسۇلى:

ctrl+alt+t  بىرلا ۋاقىتتا باسىڭىز تىرمىنال ئىچىلىدۇ.ئىچىلغان تىرمىنالغا تۈۋەندىكى ھەر بىر قۇردىكى بۇيرۇقنى ئايرىم ئايرىم كىرگۈزىسىز.بىرىنچى قۇر بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەكسىڭز مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ.مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ يەنە ئىنتىرنى چەكسىڭز PPA مەنبەسنى قېتىپ بىرىدۇ بۇ جەرياندا مەخپى نۇمۇرنى توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چىكىڭ بۇ يەردە كىرگۈزگەن مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ.بەزىلەر مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمىسە قايتا قايتا كىرگۈزۈپ قىلالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ .شۇڭا توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ.

MuPDF 1.1 Ubuntu 12.10, 12.04 or 11.10 PPA:

sudo add-apt-repository ppa:guilhem-fr/mupdf
sudo apt-get update  sudo apt-get install mupdf

ھازىر 2 پارچە باھا يېزىلدى بۇنىڭ ئىچىدە : مېھمان :1 پارچە، بىلوگىر :1 پارچە

  1. نۇرتېكىن China Google Chrome Ubuntu Linux : 2012-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنى22:14:17 دە يوللانغان قەۋەت  -49 . قايتۇرۇش

    رەھمەت بۇرادەر! كۈندە كىرسەم يىڭى بىلىملەرنى يوللاۋاتىسىز…
    سىزدىن سورايدىغان مەسىلە باتتى، بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراۋىرەي،ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز!
    1- ئۇبۇنتۇدا كىنۇ كۆرگەن ۋاقىتتا ئىكران ئۇچۇپ قالىدىكەن،كىنو كۆرگەندە ئۆچمەي باشقا ۋاقىتتا ئۈچىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بۇلامدۇ؟ قانداق تەڭشەيمىز؟
    2- مەن ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىۋاتقانتىم ، ئۆز ئالدىمغا ئىشلەتكۈچى ھىساباتى (قوللانچى) قۇرغانتىم،لېكىن يىڭى قۇرغان ئىشلەتكۈچىدە ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ يۈزىدە ھېچقانداق دىتال سىنبەلگىسى چىقمىدى(سول تەرەپ،ئۈستى تەرەپلەردىكىسى نورمال) ، ئۈزىمىز قاچىلىغان دىتاللارنىڭ سىنبەلگىسىنى ۋىندوۋىستىكىدەك ئۇستەل يۇزىگە قانداق چىقىرىمىز؟
    3- ئۇيغۇرچى كىرگۈزگۈچنى قانداق قاتىمىز؟ ئۇيغۇرئىكىستە باركەن، لېكىن ئۇيغۇرچىغا تاللاپ قۇيۇپ خەت يازسام يەنىلا ئۇيغۇرچە يېزىلمايۋاتىدۇ.. بۇنى قانداق قاتىمىز؟
    مالال كۆرمەي سۇئالىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز! سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    • قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى09-ئاينىڭ12-كۈنى09:53:24 دە يوللانغان قايتۇرۇش

      1 -سىستېما تەڭشىكىدىن ئىكىران قۇلۇپلاش دېگەندىكى ۋاقتىنى ئۇزۇنراق تورغۇرلاپ قويسىڭز ھەل بۇلىدۇ.
      2-ئۇيغۇر ئىكستىكى بۇ يەر سىستېما ئىچىدىن ئاشۇنداق تەڭشەلگەن.سىز دائىم ئىشلىتىدىغان دېتاللارنى قوزغىتىپ سول تەرەپتىكى تىزىملىكلەر قاتارغا قۇشۇۋالسىڭز كومپىيوتىر قوزغالغاندا سىز دائىم ئىشلىدىغان دېتاللار شۇ يەردە بۇلىدۇ.شۇ يەردىن ئېچىپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.
      3-ئۇيغۇر ئىكىستە كىرگۈزگۈچ بار كىرگۈزگۈچ تەڭشىكىگە قاراپ بېقىڭ شۇ يەردىن قوزغتىلمىغان بۇلۇشى مومكىن ياكى ئۇبۇنتۇ سىستېمىغا كىرگۈزگۈچ قۇشۇش دېگەن تېمىنى بىر قېتىم كۈرۈپ چىقىڭ .

ئۇيغۇر ئىكسئۇيغۇر ئىكس

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro